خىروئىن ۋە ئەيدىز ۋەيران قىلغان بىر ئائىلە

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > ئۇنۋىرسال >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-09-30 17:02:59

خىروئىن ۋە ئەيدىز ۋەيران قىلغان بىر ئائىلە

 

خىروئىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ھاياتىدىن ئايرىپ، ئائىلىسىنى ۋەيران قىلدى، يەنە نۇرغۇن كىشىلەرنى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ، ئۇلارنى ئازابلىق كۈلپەتكە دۇچار قىلدى. نۇرغۇن ياشلار زەھەرنىڭ ئىس - تۈتەكلىرىدە، ئەيدىزنىڭ چاڭگىلىدا قىممەتلىك ياشلىقىنى، گۈزەل ئارزۇلىرىنى نابۇت قىلدى. ئەنە شۇنداق زەھەر چېكىپ گۈلدەك ئائىلىسىنى ۋەيران قىلغان، ئەيدىز كېسىلى بولۇپ قېلىپ، ئۆزىنىڭ ھاياتىغا ئۆزى كىشەن سالغان ھەسەن (ياسالما ئىسىم) نىڭ كەچۈرمىشلىرى كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.
ھەسەن بۇ يىل 40 ياشقا كىردى. ئۇ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئەتىۋارلىق بالىسى ئىدى. جىمغۇر، ئېغىر – بېسىق ھەسەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپلا مەكتەپتىن چىقىۋېلىپ، يۇرتىدىكى مەلۇم ئورۇندا ئىشلىدى. «قازانغا يولۇقساڭ قارىسى يۇقار، يامانغا يولۇقساڭ يارىسى» دېگەندەك، ھەسەن بىر قانچە قۇلاق كەستى دوستى بىلەن بىللە تاماكا چېكىشىپ، بەزىدە ئانچە – مۇنچە ھاراق ئىچىپ قوياتتى. 1997 – يىلى كەلگەندە ئۇلار نەشە چېكىدىغان بولدى. كېيىنچە باشقىلاردىن خىروئىننىڭ «ھۇزۇرى» نىڭ نەشەنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە «ئېسىل» بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، بىللە پۇل چىقىرىپ خىروئىن ئېلىپ چېكىدىغان بولدى.
خىروئىننىڭ خۇمارى ئۇلارنى بارا – بارا ئۆزىگە رام قىلىۋالدى. ئۆز ئىشىغا پۇختا، خىزمەتتىكى نەتىجىسى خېلى كۆرۈنەرلىك ھەسەننىڭ خىزمەتتىن رايى قايتتى. ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىسىمۇ ناچارلاپ كەتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئەنسىرىگەن ھەسەننىڭ ئاتا – ئانىسى ھەسەننى بەلكىم توي قىلغۇسى كېلىپ مۇشۇنداق قىلىۋاتقاندۇ، دەپ ئويلاپ، 2001 – يىلى باشقا يۇرتتىكى تونۇشىنىڭ قىزى مۇيەسسەر (ياسالما ئىسىم) بىلەن ھەسەننىڭ تويىنى قىلىپ قويدى. ئۇلار توي قىلىپ مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، مۇيەسسەر ئۇنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقىنى بايقاپ قاتتىق ئازابلاندى.
ـــ ئۇنىڭ زەھەر چېكىدىغانلىقىنى بىلگەندە قاتتىق ئازابلاندىم، ـــ دېدى مۇيەسسەر كېسەل كارىۋىتىدا نۇرسىز كۆزلىرىنى ئېچىپ، خىيالغا پاتقان ئېرىنىڭ بېشىنى سىلاپ تۇرۇپ، ـــ ئۇنىڭغا زەھەردىن قول ئۈزۈشنى ئېيتىپ، كۆپ يالۋۇردۇم، يېلىندىم. دەسلەپتە ئۇ گېپىمنى بەك ئاڭلايتتى. بىر مەزگىل زەھەر چەكمىگەنىدى، بىراق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، يەنە چېكىدىغان بولىۋالدى.
مۇيەسسەرنىڭ دېيىشىچە، ئۇلارنىڭ تويدىن كېيىنكى بىر قانچە يىلى، بولۇپمۇ بالىسى تۇغۇلغان يىللىرى ئۇلارنىڭ ئائىلىسى بەخت ئىچىدە ئۆتكەنىكەن.
ھەسەن زەھەردىن قول ئۈزمەستىن، بەلكى زەھەرگە تېخىمۇ باشچىلاپ كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، مۇيەسسەر ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ كېتىش ئويىغا كەلدى. بىراق، نارەسىدە بالىسى، شۇنداقلا كېسەلچان ئېرىدىن ئاجرىشىشنى راۋا كۆرمىگەن مۇيەسسەر ئېرى ۋە بالىسى بىلەن ئۆزىنىڭ يۇرتىغا كېتىپ، شۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئىگىلىكىنى تىكلەش ۋە ئېرىنى زەھەردىن نېرى قىلىش پىلانىنى تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرى مۇيەسسەرنىڭ يۇرتىغا كېلىپ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى باشلىدى. مۇيەسسەر ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ، كىيىم تىكىش دۇكىنى ئېچىپ، ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامدىدى. دوستلىرىدىن يىراقلاشقان ھەسەنمۇ زەھەرنى ئۇنتۇغاندەك بولدى. بەخت بۇ ئائىلىگە قايتا كۈلۈپ بېقىشقا باشلىدى.
ـــ كىم بىلسۇن، بەختلىك كۈنلىرىمىزنىڭ ئۇزۇنغا بارماسلىقىنى، ـــ دېدى مۇيەسسەر خۇرسىنىپ، ـــ بىر كۈنى ھەسەن بىلەن بۇرۇن بىللە زەھەر چەككەن بىر دوستى ئۇنى ئىزدەپ يۇرتىمىزغا كەپتۇ. ئۇ دوستى يەنە ئۆزىنىڭ بۇ يەردىكى ئۆزىگە ئوخشاشلا زەھەر چېكىدىغان دوستلىرىنى ھەسەنگە تونۇشتۇرۇپ قويۇپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ھەسەن يەنە زەھەرنى تېپىۋالدى. بالام ئىككىمىز كۆپ يىغلىغان، يېلىنغان بولساقمۇ پايدىسى بولمىدى. پۇللىرىمىز تۈگەپ، ئىگىلىكىمىز ۋەيران بولدى. شۇنىڭ بىلەن يەنە ھەسەننىڭ يۇرتىغا، بۇرۇنقى ئۆيىمىزگە قايتىپ كەلدۇق. جاپالىق، ۋەھىمىلىك كۈنلىرىمىز يەنە باشلاندى.
ـــ ئۇنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى قانداق بىلگەنتىڭىز؟ ـــ سورىدۇق بىز مۇيەسسەردىن.
ـــ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھەسەن زەھەرنى بۇرۇنقىدەك چەكمەي، ئىشپىرىس بىلەن ئوكۇل قىلىپ سالىدىغان بولىۋالدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ تېنى ئاجىزلاپ، كېسەلچان بولۇپ قالدى. 2006 – يىللىرىغا كەلگەندە ئۇنىڭ يۆتىلى ئەدەپ كەتتى، كېچە – كېچىنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتتۇق. تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ تۇراتتى، ـــ دېدى مۇيەسسەر.
ـــ شۇ ۋاقىتتا، سىز بۇ كېسەلنىڭ قانداق كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلەمتىڭىز؟
ـــ ئىلگىرى ئەيدىز توغرۇلۇق ئاز – تولا ئاڭلىغان بولساممۇ، ئۇنىڭ بۇنداق قورقۇنۇشلۇق كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. دوختۇر بۇ كېسەلنى چۈشەندۈرۈپ قويغاندىن كېيىن، بالام ئىككىمىزمۇ ئۆزىمىزنى تەكشۈرتتۇق. بەختكە يارىشا، ھەر ئىككىمىز ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانماپتۇق، ـــ راست گەپنى قىلسام، ئۇنىڭ ئەيدىزگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئۇقۇپ، ئاجرىشىپ كېتىپلا قۇتۇلۇش قارارىغىمۇ كەلگەنىدىم. چۈنكى، بۇ يۇقۇملۇق كېسەل بولغاچقا، ئادەم ھەر ۋاقىت بېسىم ئىچىدە ياشايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇرمۇش قىيىنچىلىقىمۇ مېنى ئېغىر ھالسىرىتىۋەتكەنىدى. لېكىن...
ـــ لېكىن، نېمە بولدى؟
ـــ لېكىن، مەن يەنىلا ئاجرىشىشنى لايىق كۆرمىدىم. نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇ مېنىڭ ئېرىم. ئۇ دەل مانا مۇشۇنداق ئاجىز، كېسەل ۋاقتىدا مەندەك ھەمراھىغا موھتاج، بالىمىزغا، يۈرەك پارىسىغا موھتاج! قىيىنچىلىق دېگەن تىرىشساق ئۆتۈپ كېتىدىكەن. بەزى نۇقتىلارغا دىققەت قىلساقلا بۇ كېسەلنىڭ يۇقۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدىكەنمىز. شۇڭا، ئۇنىڭ بىلەن يەنىلا بىللە ئۆتۈشنى تاللىدىم. ئېرىمنىڭ ئاشۇ قىلمىشلىرى، ئىرادىسىزلىكى بىزنى بۈگۈنكىدەك قىسمەتلەرگە دۇچار قىلدى. بالىمىزنىڭ قەلبىدىمۇ جاراھەت پەيدا قىلدى. مېنىڭ ئۈمىدىم شۇكى، كىشىلىرىمىز، بولۇپمۇ خىروئىن ۋە باشقا ناچار ئىللەتلەرنى قوغلىشىپ ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى نابۇت قىلىۋاتقان ياشلىرىمىز ئۆزىنى مۇشۇ «بارسا كەلمەس يول» نىڭ قوينىدىن تارتسا، ئاتا – ئانىسى ۋە ئائىلىسىنىڭ بەختىگە چاڭ سالمىسا، ئەيدىزدىن يىراقلاشسا...
مۇيەسسەر سۆزىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. ھەسەن كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇۋالغان بولۇپ، ھېچكىمگە قاراشقا پېتىنالمايتتى. بەلكىم ئۇ خوتۇنىغا سالغان جاپالىرىدىن خىجىل بولىۋاتقان بولسا كېرەك. بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشتىلىرى بىزنىڭ كۆڭلىمىزنىمۇ يېرىم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بوشقىنە «خەير، ئامان بولۇڭلار» دەپ خوشلاشتۇق. 

 



تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • قىزلار يىگىتلىرى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە بولمايدىغان ئىشلار
  • دىئابېت بىمارلىرى مېۋە يېسە بولامدۇ؟
  • قېرىش ھەققىدىكى يېڭى نەزەرىيە
  • قانداق كېسەللەر جۇڭگو تېبابىتىدە داۋالانسا بولىدۇ؟
  • بېسىم كۆپ مۇھىتتا ياشىغان ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇش نىسبىتى %40 تۆۋەنلەپ كېتىدۇ
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللار پىسخكىسىنى تەڭشەشتە...
  • ھەيز مەزگىلىدە باش يۇيۇشقا بولامدۇ؟
  • بىزدىكى يېڭى خۇراپات-ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش
  • سېمىز ئادەم ئورۇقلىسا، مەستلىكى ئاسان يېشىلىدۇ
  • ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى
  • تېرىدىكى سېرىقلىقنى يوقىتاي دېسىڭىز...
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • خىروئىن ۋە ئەيدىز ۋەيران قىلغان بىر ئائىلە

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەيدىز كېسىلىدىن مۇداپىئەلىنىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك كىچىك ھالقىلار

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تاتلىق يېمەكلىكنى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھامىلىدار ئاياللار چىش يۇلدۇرماسلىقى كېرەك

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • فارفور قاچا-قۇچىلاردىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • كىندىككە دورا سۈركەش ئارقىلىق جاھىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • مۇۋاپىق ھەرىكەتلىنىش يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاشقا پايدىلىق

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • بىر ئەرنىڭ ئەيدىز بولۇش تارىخى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 10 تەدبىر- بەشنى كۆپ قىلىش، بەشنى ئاز قىلىش

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تېرىنىڭ قارىداپ يېرىلىشىپ كېتىشى ئاشقازان راكىنىڭ بەلگىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنىسي ھەۋەسنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇش سەۋەبى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلار تۇخۇم ئىستېمال قىلسا بولامدۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يۈرەك ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ھەر خىل يۈرەك سانجىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

  • ھامىلىدار ئاياللار چىش يۇلدۇرماسلىقى كېرەك

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى 10 تەدبىر- بەشنى كۆپ قىلىش، بەشنى ئاز قىلىش

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • كىندىككە دورا سۈركەش ئارقىلىق جاھىل كېسەللىكلەرنى داۋالاش

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • فارفور قاچا-قۇچىلاردىكى قوغۇشۇندىن زەھەرلىنىش

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • مۇبارەك بولسۇن دوستۇم، سىز ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قاپسىز!

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • نېمە ئۈچۈن ھاراق ئىچكەندە ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىدۇ؟

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • مۇۋاپىق ھەرىكەتلىنىش يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاشقا پايدىلىق

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • بىر ئەرنىڭ ئەيدىز بولۇش تارىخى

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى
  • باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • كولا، سۈت، «قىزىل كالا» ئىچىملىكىنى ئارىلاشتۇرسىڭىز مۇنداق ئىچىملىك ھاسىل بولىدۇ
  • باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • ئامېرىكىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى جاۋابكار قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىشى ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادا قايسى ماركىدىكى ئاپتوموبىل ماتورىنىڭ ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكىدىكى زوراۋانلىق ۋەقەسى پات- پات يۈز بېرىدىغان 10 چوڭ شەھەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • رۇسىيە بۇرۇنلا ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا كاشىلا قىلىش قىلمىشىدا بولغان

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ئەڭ غەلىتە توي قىلىش ئادەتلىرى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر دۆلەت بايرىمىنى قانداق تەبرىكلەيدۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • دوختۇرخانا بەلگىلىمە چىقىرىپ، خىزمەتچىلەرنىڭ iPhone7 ۋە iPhone7 Plus سېتىۋېلىشىنى چەكلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا دۇنيادىكى 2016-يىللىق ئەڭ قالتىس ئون چوڭ SUV تىزىملىكىنى باھالاپ چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئالدىن %20 پۇل تۆلەپ ماشىنا سېتىۋالغىڭىز بارمۇ؟

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015