راك كېسىلىدىن ھەممە ئادەم قورقىدۇ، لېكىن راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرىمۇ يوق ئەمەس، ئامېرىكا راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىيىتى راك كېسىلىنى ئازايتىشنىڭ ئون چوڭ تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئون چوڭ تەدبىر ئىچىدە بەش چوڭ تەدبىرنى كىشىلەر كۆپرەك قوللانسا، راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، قالغان بەش چوڭ تەدبىرنى ئازراق قوللانسا يەنە راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
كۆپ قىلىشقا تېگىشلىك بەش چوڭ تەدبىر:
كۆكتاتنى كۆپ يېيىش: تەتقىقاتتا كۆرسەتتىكى، بۇ خىل كۆكتاتلار كۆكۈس كۆكى، گەيلەشسەن كۆكى، كۆكتاتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تومۇر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارنى ئىستېمال قىلغاندا ئۆپكە، ئاشقازان، ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
تالالىق، ۋىتامىن تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش: بۇ خىل ۋىتامىنلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ئىستېمال قىلغاندا، بوغماق ئۈچەي راكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. يەل-يېمىش، كۆكتات، چالا تازىلانغان گۈرۈچ، ئاشلىق ۋە باشقا ئۇندىن ئىشلەنگەن يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدە تالالىق، ۋىتامىنلىق تەركىب ناھايىتى يۇقىرى.
تەركىبىدە ۋىتامىنA كۆپ بولغان يېمەكلىكنى كۆپ يېيىش: قىزىلئۆڭگەچ، كاناي ۋە ئۆپكە راكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. تۇخۇم سېرىقى، جىگەر، كالا سۈتى ۋە قۇرتلارنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىنA ناھايىتى كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە سېرىق ۋە كۆك رەڭدىكى يەل-يېمىش ۋە كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدىمۇ كۆپ بولىدۇ.
تەركىبىدە ۋىتامىنC بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش: ۋىتامىنC قىزىلئۆڭگەچ راكى بىلەن ئاشقازان راكىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. يېڭى مېۋىلەرنىڭ ئىچىدە ۋىتامىن Cناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، ئاپېلسىن، ئەنبەھ، تاۋۇز، نەشپۈت، مايمۇن شاپتۇلى، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا ۋىتامىنC كۆپ بولىدۇ.
ئېغىرلىقنى تىزگىنلەش؛ ئېغىرلىقىنىڭ ئېشىپ كېتىشى سۈت بېزى راكى، بالىياتقۇ راكى، ئۆت خالتىسى راكى ۋە بوغماق ئۈچەي راكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئېغىرلىقنى مەلۇم دائىرىدە تىزگىنلەپ تۇرۇش ھەم ئېغىرلىقىنى تەڭشەيدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ۋە رېتىملىق ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك.
ئاز قىلىشقا تېگىشلىك بەش چوڭ تەدبىر:
تاماكا تاشلاش: ئامېرىكا راك كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەمىيىتى مۇنداق كۆرسەتتى: تاماكا چېكىش راك كېسىلىنى پەيدا قىلغان خەۋپلىك ئامىل، ئۇ ئۆپكە ۋە باشقا راك كېسەللىكىنىڭ %30نى پەيدا قىلىدىغان ئاساسلىق ئامىل.
ياغنى ئاز ئىستىمال قىلىش: تەركىبىدە ياغ ماددىسى يۇقىرى بولغان يېمەكلىك ئەمچەك راكى، بوغماق ئۈچەي راكىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئورۇق گۆش، بېلىقنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش لازىم.
پاسكىنا ۋە ئىسلىشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىك لازىم: مەينەت ۋە ئىسلىشىپ بولغان نەرسىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا قىزىلئۆڭگەچ ۋە ئاشقازان راكى پەيدا بولىدۇ.
ھاراقنى ئاز ئىچىش كېرەك: ھاراقنى كۆپ ئىچكەندە جىگەر راكى بولۇش خەۋپى كۈچىيىپ كېتىدۇ، ھاراق ئىچكەنلەر ۋە تاماكا چەككەنلەر ئېغىز راكىغا گىرىپتار بولىدۇ، قىزىلئۆڭگەچ راكى بولۇش خەۋپىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ، شۇڭا ھاراق ئىچكەندە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، ئاز ئىچىش كېرەك.
ئاپتاپقا ئۇزۇن قاقلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك: ئاپتاپقا ئۇزۇن قاقلانسا تېرە راكىغا گىرىپتار بولىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !