ئەنەنىۋى كۆزقاراش بويىچە، تۇخۇم سېرىقىدا خولېستېرىن كۆپ، خولېستېرىن كۆپ ئىستېمال قىلىنسا ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇڭا بۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار تۇخۇمنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى، بولۇپمۇ تۇخۇم سېرىقىنى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك دەپ تەشەببۇس قىلىنغانىدى.
يېقىنقى يىللاردا تەتقىقاتلار ئارقىلىق تۇخۇم سېرىقىدا ئاران 100مىللىگرام خولېستېرىن بارلىقى، بەلكى تۇخۇم سېرىقىدىكى لېتسىتىن قان شىرنىسىدىكى خولېستېرىن ۋە مايلارنى ئۇششاق دانچىلارغا ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنىڭ قان تومۇر دىۋارلىرىدا ئولتۇرۇشۇپ قېلىشى ۋە ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى ئازايتىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. شۇڭا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار تۇخۇمنى كۆپرەك ئىستېمال قىلسا زىيىنى يوق.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !