كىندىىكنىڭ تېرە قەۋىتى ئەڭ نېپىز، چۆرىسىدە نېرۋا قان تومۇرلىرى ناھايىتى كۆپ بولغاچقا، بۇ جاينىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە دورا ئۆتكۈزۈشچانلىقى كۈچلۈك، شۇڭا دورا كىندىكنىڭ ئاستىدىكى شىللىق پەردىگە تېزلا ئۆتۈپ، بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن قانغا قوشۇلىدۇ، شۇڭلاشقا ئوكۇل ئۇرۇش ئارقىلىق ساقايتىش تەس بولغان كېسەللىكلەرنى كىندىككە دورا سۈركەش ئارقىلىق ساقايتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئېھتىلام بولۇش، ئورنىغا سىيىپ قويۇش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنى داۋالاشتا قۇشنىڭ كۆيدۈرۈلگەن تۆش سۆڭىكى بىلەن موزىنى تەڭ مىقداردا قوشۇپ يانجىپ تالقانلاپ، ئۇماچ قىلىنىپ ھەر ئىككى كۈندە بىر قېتىم كىندىككە سۈركىلىدۇ، ئادەتتە ئېھتىلامغا 3-4 ھەپتە، ئورنىغا سىيىپ قويۇش كېسىلىگە 1-2ھەپتە سۈركىلىدۇ.
ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىققا 5 گرام ئارپىبەدىيان بىلەن 5 گرام زەنجىۋىل يانجىپ تالقان قىلىنغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا ئازراق ئاش تۇزى، ئادەم سۈتى، (ھەسەل ياكى توخۇ قېنى بولسىمۇ بولىدۇ) ئارىلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، كىندىككە سۈركىسە، دورا 3-5 كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا بەدەنگە تارقىلىپ بولىدۇ، بۇ چاغدا دورا سۈركىگەن جاي ئىلمان سۇ بىلەن پاكىز يۇيۇۋېتىلىپ، يەنە دورا سۈركىلىدۇ، دورىنى 2-3 قېتىمغىچە ئىشلەتسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش كېسەللىكنى داۋالاشتا 10 گرام قوۋزاق دارچىن، 20 گرام ئىۋۇدىيە، 15 گرام بەدىيان، 15 گرام قارىمۇچلارنى تالقانلاپ، مۇۋاپىق مىقداردا سېرىق ھاراق قوشۇپ كىندىككە سۈرۈلىدۇ.تەييارلانغان دورىلار سوۋۇپ قالسا ئۇنى قايتا قىزدۇرۇپ بەدەن كۆيمىگۈدەك ھالەتكە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇدا 2-3 كۈنگىچە سۈركەپ بېرىلسە، ئادەتتە ئاغرىتىپ ھەيز كېلىشىنى ساقلانغىلى بولىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !