يېڭى تەتقىقات شۇنى كۆرسەتتىكى، تەنتەربىيە چېنىقىشقا دائىم قاتنىشىشنىڭ دورىلارغا ئوخشاش ئېغىر يۇقىرى قان بېسىمىنى داۋالاشتا ئۈنۈمى بولىدۇ. نۆۋەتتە، «ئامېرىكا تېبابەتچىلىك ئىلمىي جەمىيىتى» ژۇرنىلى چىقارغان بۇ يەكۈن كىشىلەر ھەپتىدە 3-4 قېتىم، ھەر قېتىمدا 50 مىنۇت چېنىقسا دورا ئىچمەيلا يۇقىرى قان بېسىمىنى كونترول قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
ئەگەر 10 ھەپتىلىك چېنىقىش پىلانىنى تۈزۈپ چىقسا، ئۇنداقتا خولېستېرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە قوغدىنىش خاراكتېرلىك يۇقىرى زىچلىقتىكى ماي ئاقسىلى خولېستېرىنىنى كۆپەيتكىلى بولىدۇ. بۇ خىل خولېستېرىن تەندىكى ئارتۇقچە خولېستېرىننى چىقىرىۋېتىشكە پايدىلىق.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !