گېرمانىيە دوختۇرلىرى ھامىلىدار ئاياللارنى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى دوختۇرىغا كۆرۈنمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. كيۇرىن شەھىرىدىكى ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنىڭ جەمىيەتكە قاراشلىق ئۇچۇر مەركىزى بېسىپ تارقاتقان تەشۋىقات ۋارىقىدا مۇنداق دىيىلگەن: چىش يۇلغۇزغاندا بىر خىل كىشىنى ئازابلايدىغان ئاغرىقتىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ، بۇ ھامىلدار ئاياللارنىڭ تەن سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە پىسخىك ھالىتىگە يامان تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاغرىق توختىتىش دورىسى ۋە ئېغىز بوشلۇقى كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئىشلىتىدىغان باشقا بەزى دورىلارنى ئىچىشمۇ ھامىلدار ئاياللار ۋە، بالىنىڭ سالامەتلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. دوختۇرلار بۇ مەزگىلدە ئاياللارنىڭ رېنتىگىنگە چۈشۈش قاتارلىقلاردىنمۇ ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
ئەگەر چىشنىڭ ئاغرىقى ھامىلىدار ئايالنى ئىنتايىن بىئارام قىلسا ياخشىسى ھامىلە4-7 ئايلىق بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !