دۆلىتىمىزدىكى ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا «ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان»لىرىنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە بۇنىڭ %80 ھەمجىنىس دوستلار ئىكەن
يېقىندا مۇناسىۋەتلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردا ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا «ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان»لرنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئۆرلىمەكتە. بۇنىڭ %80 ھەمجىنىس دوستلار ئىكەن. كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇملىنىش سەۋەبىي ئوغۇل بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى نورمال بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق بولغان. ھازىر ئالي مەكتەپلەر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولغان رايون بۇلۇپ قالدى، مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىنى تېزدىن ئېلىپ بېرىش لازىم.
نۆۋەتتە، نەنچاڭ شەھەرلىك سەھىيە ئورگانلىرىنىڭ ئېلان قىلغان دوكىلاتىدا مەلۇم بولىشىچە، ئۆتكەنكى بەش يىل جەريانىدا، نەنچاڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا-ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش نىسپىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى %43 ئۆرلىگەن. %80 دىن ئاشقان يېڭى قوشۇلغان يۇقۇملانغۇچىلار ئەر ھەمجنىسلار بولغان. دوكلاتتىكى تەكشۈرۈلگەن 37 ئالىي مەكتەپلەر ئىچىدە، پەقەت137 ئادەم يۇقۇملانغان،7 ئادەم ئۆلگەن. ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئارىسىدا«ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان»لىرى ئىچىدە %80 ھەمجىنىس دوستلار ئىكەن.
دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومېتىتىنىڭ ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇملىنىش يەنىلا ئاساسلىق يۇقۇش يولى ھېسابلىنىدىكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوغۇل بىلەن ئوغۇل ئارىسىدىكى نورمال بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسپىتى%81.6 ئىگىلىگەن. بىرنەچچە ئۆلكىنى مىسالغا ئالغاندا، گۇاڭدۇڭدا 2002-2015 -يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، ئومومىي يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلار 630 بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرھەمجىنىسلار يۇقۇملىنىش نىسپىتى%70 نى ئىگىلىگەن. جياڭشى نەنچاڭدا 2011-2015 يىلغىچە بوولغان ۋاقىت ئىچىدە، ئەرھەمجىنىسلار يۇقۇملىنىش نىسپىتى%81.61 نى ئىگىلىگەن. خۇنەن ئۆلكىسىدە 2007-2015 يىلغىچە ئومومىي يۇقۇملانغان ئوقۇغۇچىلار 536 بۇلۇپ، ئاساسلىقى ئوغۇللار بۇلۇپ يۇقۇملىنىش نىسپىتى%90 تىن ئارتۇقنى ئىگىلىگەن.
بۇنىڭغا نىسپەتەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە: ئەر ھەمجىنىس يۇقۇملانغۇچىلار نىسپىتىنىڭ تېزلىك بىلەن ئۆرلىشىنىڭ ئاساسلىق ئىككى سەۋەبى بۇلۇپ، بىرىنچى، ياش ئۆسمۇرلەر دەسلەپكى مەزگىلىدە ئەيدىز كېسىلىگە ئېتىبار بەرمەسلىك، بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى قوللانماسلىق. ئىككىنچى، ياش-ئۆسمۈرلەر قىزىقىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بۇلۇپ، ئەر ھەمجىنىسلىق قىلمىشىغا قارىتا يېڭىلىق تۇيغۇسى مەۋجۈت، شۇنىڭ بىلەن سىناپ باققىسى كېلىدۇ، بىراق ئۇلار بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان خەۋپتىن خەۋەرسز ۋە بىلىپ يىتەلمەيدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !