ئەيدىز ۋە خەتەرلىك جىنسى مۇناسىۋەت
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىر مىكرو بىلوگ نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ غۇلغۇلىسىنى قوزغىدى: «ئىگەللىگەن خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، چوڭ قۇرۇقلۇقتى N فامىلىلىك ئەر ئارتىس ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، يۇقۇملانغان ۋاقتى: 2006-يىلى؛ تەكشۈرگەن ئورۇن: گۇيجۇ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھىرى». گەرچە كۆپلىگەن تاراتقۇلار بۇ خەۋەرنى ساختا دىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەيدىز ۋە سەنئەت چەمبىرىكى بىلەن چېتىشلىق تېمىلار ھەقىقەتەن ھەر قېتىم خەلق ئاممىسىنىڭ نەزىرىنى تارتالايدۇ ۋە غۇلغۇلا قوزغىيالايدۇ.
ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەت تاساددىبىيلىق
كۆپچىلىككە ئايان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش بولسا ئەيدىزنىڭ ئۈچ چوڭ تارقىلىش يولىنىڭ بىرى، تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەملىكىتىمىزدە ئەيدىزنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى %87.1 گە يەتكەن. جۇڭگو كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونتىرول قىلىش مەركىزىنىڭ سان-سىفىرىغا ئاساسلانغاندا، 2013-يىلى مەملىكەت بويىچە B تۈردىكى تارقىلىشچان كىسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ دوكلات قىلىنغان ئادەم سانىغا قاراپ رەت بويىچە بەش خىل كىسەل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن، ئۇلار ئەيدىز كېسىلى، ئۆپكە تۈبىركىلىيوزى، غالجىرلىق كېسىلى، ۋىرۇس خارەكتىرلىك جىگەر ياللۇغى ۋە تارقىلىشچان قانسىراش قىزىتمىسى بولۇپ، بۇلار B تۈردىكى تارقىلىشچان كېسەللەر تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەنلەر دوكلاتى ئىچىدە %98.09 نى ئىگىلەيدىكەن. قان مەنبەسى ۋە جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللەر ئارىسىدا، ئەيدىزنىڭ دوكلات قىلىنغان كېسەللىك ئېشىش ئەھۋالى بىر قەدەر يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.
نۆۋەتتە تېخىچە ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك ۋاكسىنا بولمىغاچقا، قانداق قىلىپ ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىشتە ئۈچ چوڭ يۇقۇملىنىش يولىدىن قول سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. نۇرغۇنلىغان ئەيدىز ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگۈچى ھەممىسى دېگۈدەك پەقەت بىر قېتىملىق خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغان، شۇڭا جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىشقا قارىتا، كىشىلەر تۆۋەندىكىدەك ئەيدىزدىن مۇداپىيەلىنىش ئۇسۇللىرىنى قوللۇنۇپ، ھەر قانداق خەتەرلىك بولغان جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ساقلىنىشى كېرەك.
1. ئۆزىنى پاك تۇتۇش، ئىپپىتىنى ساتماسلىق، پاھىشەۋازلىق قىلماسلىق، تويدىن بۇرۇن، تويدىن سىرتقى جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەسلىك.
2. ئەۋلاد قالدۇرۇش پىلانى بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتتە گاندۇن ئىشلىتىش. جىنسىي مۇناسىۋەتتىن كېيىن كىچىك تەرەت قىلىش، ئىسپىرمىنى تېشىغا چىقىرىۋېتىش، جىنسىي ئەزالارنى يۇيۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئۈنۈملۈك ھالدا ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى توسۇيالمايدۇ، گاندۇن ئىشلىتىش بولسا جىنسىي تۇرمۇشتىكى ئەيدىز كېسىلى ۋە جىنسىي كېسەللەردىن مۇداپىيەلىنىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك بولغان ئاماللارنىڭ بىرىدۇر.
3. ئالاھىدە بولغان ۋاقىتلاردا جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىن ساقلىنىش، مەسلەن: جىنسىي ھەمراھىنىڭ ئىچكى ئاجىراتمىللىرى قالايمىقانلىشىش، تاشقى كۆپۈيۈش ئەزاسىدا يارا بار ۋاقتىدا ياكى ھەيىز مەزگىلىدە، ھەرگىزمۇ زورلاپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماسلىق.
4. مەقئەت يولى ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزىدىغان خەتەرلىك ئۇسۇللارنى دائىم ئىشلەتمەسلىك، بۇنداق ئۇسۇلنى ئىشلەتكەندە مۇداپىيەلىنىش ۋاستىللىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىگەللەشكە قارىغاندا، مەققەت يولىنىڭ تۈز ئۈچەي يېپىشقاق پەردىسى بولسا بىر قاتلىق نېپىز ھۈجەيرە بولغاچقا، ئاياللار جىنسىي يولىنىڭ كۆپ قاتلىق قۇرۇلمىسى بىلەن ئوخشاشمايدۇ، ئاسانلا يارىلىنىپ قانايدۇ، جىنسىي يول ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەتكە قارىغاندا ئاسانلا يېپىشقاق پەردىنى يارلاندۇرۇپ قويىدۇ، ئاسانلا ئەيدىز ۋىرۇسى قاتارلىقلاردىن يۇقۇملۇنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيا مېدىتسىناسىنىڭ سىتاتىستىكا قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملۇنىش خەتىرى ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا 100 ھەسسە يۇقۇرى ئىكەن، بۇنىڭدىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب دەل ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىكى ئاساسلىق شەكلى مەققەت يولى ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزش تۈپەيلى پەيدا بولىدىغان ئامىل ئىكەن.
5. تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش كەم بولماسلىق كېرەك. گەرچە يېڭى چىققان «نىكاھلىنىش قانۇنى»دا مەجبۇرى ھالدا تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش بەلگىلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ سالامەتلىكى ۋە كەلگۈسىدىكى تۇرمۇشنى نەزەردىن ساقىت قىلماي، چوقۇم تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشكە مۇھىم نەزەردە قاراش كېرەك. ئىگەللەشكە ئاساسلانغاندا، تويدىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشتە چوقۇم تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك تۈرلەر ئىچىدە قانۇندا بىكىتىلگەن تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ تەكشۈرۈشى بولۇپ، ئەيدىزدىن باشقا يەنە سۆزنەك، سىفلىس، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كىسەللىكلەرنىڭمۇ تەكشۈرىشى بار ئىكەن.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !