نىمە ئۈچۈن قانچە ئالدىراش بولغانسېرى جىنسىي تۇرمۇشقا شۇنچە ئىنتىلىمىز؟
1. كۈندۈزى قانچە ئالدىراش بولغانسېرى، ئاخشىمى جىنسىي تۇرمۇشنى تېخىمۇ ئۆتكۈزۈش كېرەك؛
ئەنگىلىيە جىنسىيەت پىسخىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، كۈندۈزى قانچە ئالدىراش بولغانسېرى، ئاخشىمى بېسىمنى يىنىكلىتىشكە شۇنچە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن. بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن، ئالدىراشچىلىقتىن جىنسىي تۇرمۇشتىن مەھرۇم قالغاندا پىسخىكا ۋە بەدەن جەھەتتە ماسلىشالماسلىق كېلىپ چىقىدىكەن. شۇڭلاشقا خىزمەتتە قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ، ھەمرايىڭىز بىلەن بىللە گۈزەل بىر كېچىنى ئۆتكۈزۈشكە چوقۇم ۋاقىت چىقىرىڭ.
2. قىزىل رەڭ ئەرلەرنى ھاياجانغا سالسا، سۆسۈن رەڭ ئاياللارنى شېرىن خىياللار قاينىمىغا باشلايدۇ؛
ئىسپانىيە تىببىي ئىلىم مۇتەخەسىسىنىڭ بايقىشىچە، رەڭنىڭ جىنسىي تەلەپكە كۆرۈنەرلىك رولى بولۇپ، قىزىل رەڭ ئاياللارنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچىنى ئەرلەرگە نىسبەتەن %20 ئاشۇرۇدىكەن، سۆسۈن رەڭ بىلەن بېزەلگەن ياتاق ئۆيدە، ئاياللارنىڭ جىنسىي ھاياجېنى ئادەتتىكىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ دەپ ئېيتىلغان.
3. ئەڭ ئۈنۈملۈك جىنسىي تۇرمۇش ۋاقتى: 13مىنۇت؛
ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتىتېتىنىڭ ئەي يېڭى تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جىنسىي تۇرمۇش 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتكەندە ئادەمگە ھارغىنلىق تۇيغۇسى بېرىپ قويىدۇ، بەش مىنۇتتىن تۆۋەن بولغاندا ھاپىلا-شاپىلا بولغاندەكلا بولۇپ قالىدۇ.
4. ساقىلى ئىتتىك ئۆسىدىغانلارنىڭ جىنسىي تەلىپى كۈچلۈك بولىدۇ؛
«ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىك ژورنىلى»دا ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىدە، ئەرلەرنىڭ ساقىلى قانچە تېز ئۆسكەنسېرى، ماددا ئالمىشىش ئىقتىدارى شۇنچە ياخشى بولۇپ، جىنسىي تەلىپى شۇنچە كۈچلۈك بولىدىكەن.
5. ئۇۋۇلاش "按摩" جىنسىي تۇرمۇشتا دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈشكە پايدىلىق؛
نۇرغۇنلىغان كىشلەر يېقىنچىلىق قىلىشقاندا زېھنى چېچىلىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بار، ئامېرىكا ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، %73ئاياللار جىنسىي تۇرمۇشتا ئۆي ئىشلىرىنى، باللىرىنى قاتارلىق باشقا ئىشلاربىلەن دىققىتى چېچىلىپ كېتىدۇ، يېقىنچىلىق قىلىشتىن بۇرۇن ئۆز-ئارا بەدەنلىرىنى ئۇۋۇلاپ راھەتلەنگەندە، ھالقىلىق ۋاقىتتا دىققەت چېچىلىپ كېتىشتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.
6. ئەرلەر ئەتىگىنى بىللە بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ؛
فېنلاندىيە تىببىي ئىلىم مۇتەخەسىسىسىنىڭ بايقىشىچە، ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئارزۇسى بىلەن بەدەندىكى جىنسىي ھورمۇن ئوڭ تاناسىپ. ھەركۈنى ئەتىگەندە جىنسىي ھورمۇن ئىچكى ئاجراتمىسى چۈشكە قارىغاندا بىرھەسسە، كەچتىكىدىن %16 يۇقىرى بولۇپ، ھەتتا ھەريىلى كۈز پەسلى ئەرلەرنىڭ بىر يىل ئىچىدىكى جىنسىي ھورمۇن ئاجراتمىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ئىكەن.
7. كەيپىيات تۆۋەن ۋاقىتتا جىنسىي تۇرمۇشقا تېخىمۇ ئىنتىلىدىكەن؛
ئامېرىكا ئاياللار تىببىي ئىلىم تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللار ماشىنىنىڭ ئىچىدە يېقىنچىلىق قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى كۆرىدىكەن. چۈنكى ماشىننىڭ ھەممە يېرى ھىم ئېتىلگەچكە، ياتاق ئۆيگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى بېرىدىكەن.
8. كەيپىيات تۆۋەن ۋاقتىدا جىنسىي تۇرمۇشقا تېخىمۇ ئىنتىلىدۇ؛
ئەرلەرنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولمىغاندا ئادەتتىكىگە قارىغاندا جىنسىيەتكە بولغان ئارزۇسى%20كۈچلۈك بولىدىكەن، لېكىن كۆپ ساندىكى ئەرلەر بۇ ۋاقىتتا يەنە بۇ تەلەپنى ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزىنى قاچۇردىكەن....
9. ئۇيقۇ جىنسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ؛
سۈپەتلىك ئۇيقۇ ياخشى بولغان جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ئاساسلىق ئامىلى، ئەگەر ئۇخلىغان ۋاقت 6سائەتتىن كەم بولسا، ناھايىتى ئاسانلا "جنسىي ھارغىنچىلىق" كېلىپ چىقىدۇ. ئۇيقۇ بۆلۈنۈپ كەتكەندىمۇ سىزنىڭ جىنسىي ئۈمىدىڭىزمۇ سۇسلاپ كېتىدۇ، يەنى 3قېتىمغا بۆلۈپ 10سائەت ئۇخلىغاندىن، قېنىپ تۇرۇپ 7سائەت ئۇخلىغىنىڭىز ياخشى دىمەكچى.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !