ئوغلىڭىزنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز

تەۋە تۈر : تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق > جىنسىيەت >       مەنبە : تور دۇنياسى      يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-07-01 05:07:51

ئوغلىڭىزنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز

width=600

  بالىلار تەتىل قىلدى، ئاتا-ئانىلار خەتنىلىك يېشىغا توشقان ئوغۇللىرىنىڭ خەتنىسىنى قىلدۇرۇشنى پىلانلاشتى.  سىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە بارمۇ؟ قايسى خىل ئۇسۇلدا خەتنە قىلىشنى ئويلاشتىڭىز؟ ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۈچۈن بۇ ھەقىقەتەن بىر باش قاتۇرۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلە. 

  ئوغۇللارنى خەتنە قىلىش مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق سۈننىتى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى. بىزدە ئادەتتە بالا 6-7ياش ئەتراپىدا، مەكتەپكە بېرىشنىڭ ئالدى-كەينىدە خەتنە قىلدۇرىلىدۇ. ئوغۇل پەرزەنتى بار ئاتا-ئانىلار دەل مۇشۇ مەزگىلدە بالىنىڭ خەتنىسىنى نەدە قىلدۇرۇش مەسلىسىدە بىرئاز تېڭىرقاش بولىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە خەتنە قىلىشتا ئاز بولمىغان ئاتا-ئانىلار خەتنە قىلغۇچىلارنى ئۆيلىرىگە ئاپىرىپ قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر خەتنە قىلىش جەريانىدا  ناركوز قىلىش ئۇسۇلى ئىشلەتسە، جىنسىي قابىلىيىتىگە تەسىرى بولىدۇ دەپ قاراپ ناركوز قىلىشنى رەت قىلىدۇ. ناركوز قىلىش خەتنە قىلىش جەريانىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر ھالقا بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە، بالىلارنى ئاغرىتىپ تۇرۇپ خەتنە قىلىش بىر خىل ۋەھشىلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، ناركوز قىلمايلا خەتنە قىلدۇرغاندىكى ئاغرىش ۋە چارىسىزلىق كىچىك بالىلار پىسخىكىسىنىڭ يېتىلىشىدە ناھايىتى مۇھىم سەلبىي رول ئوينىشى مۇمكىن. نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار خەتنىدىن كېيىن ياللۇغلىنىپ قالىدۇ دەپ، بالىلىرىنى ھەرىكەتتىن چەكلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق ئوپىراتسىيەدىن كېيىن ئامال بار بالدۇر ھەركەت قىلىش، مۇھىت تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. بالدۇر ھەركەت قىلغاندا ئادەمنىڭ ئىشتىھاسى ياخشى بولۇپ، ياخشى ئوزۇقلىنىدۇ. ياخشى ئۇزۇقلىنىش ۋە يېتەرلىك ھەركەتنىڭ بەدەن قارشىلىق كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ناھايىتى مۇھىم ئامىللىقى ھەممىگە مەلۇملۇق ھەقىقەتتۇر. ئارتۇقچە ئىسسىق ياكى سوغوق مۇھىت ھەرخىل ئەگەشمە كىسللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقرىشى مۇمكىن. شۇڭا ئوپىراتسىيە تۈگىگەن ھامان بالىلارنىڭ مېڭىشىغا رۇخسەت قىلىش، ئۆي تېمپېراتۇرىسى مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسىسى شۇنى سەمىڭىزگە سالىدۇكى، ئەمەلىيەتتە خەتنە قىلىش كىچىك ئىش بولسىمۇ، ئوخشاشلا بىر تاشقى كېسەل ئوپىراتسىيەسى بولۇپ، چوقۇم كەسپىي سالاھىتى بار تاشقى كېسەل دوختۇرى قىلىشى كېرەك.

 

   /

  تاشقى كېسەل مەشغۇلاتى كەسپىي نۇقتىدىن مۇنداق تۆت پىرىنسىپتىن ئايرىلالمايدۇ. بىرىنچى، مىكروبسىز مەشغۇلات قىلىش. ئىككىنچى، ناركوز قىلىش. ئۈچىنچى، قان توختىتىش. تۆتىنچى، تىكىش. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، باشتىن ئاخىرى مېكروپسىز مەشغۇلات ئېلىپ بېرىلىدۇ،مەشغۇلات دائىرىسى دېزىنفېكسىيە قىلىنىدۇ، كېسىلىدىغان ئورۇن ناركوز قىلىنىپ، خەتنىلىك ئۆلچەملىك كېسىپ تاشلىنىدۇ، ۋە قاناش ئېھتىماللىقى بولغان قان-تومۇرلار بوغىۋېتىلىدۇ، ئاندىن كېسىۋېتىلگەن ئورۇن ئايلاندۇرۇپ تىكىۋېتىلىدۇ. 

  بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار خەتنە قىلدۇرۇشنى ناھايىتى چوڭ ئىش ھېسابلىغاچقا، ئارتۇقچە جىددىلىشىدۇ. بۇ خىل جىددىيلىك بالىلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇلاردا ۋەھىمە پەيدا قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەتنە قىلىش ۋاقتىدا ئورۇنسىز يىغلاپ، دوختۇرغا ماسلاشماي، خەتنە قىلىش قىيىنچىلىقىنى ئاشۇرىدۇ. شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى شۇنى سەمىمي ئەسكەرتىدۇكى: بالىلارنى خەتنە قىلدۇرۇشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئانىلار سالماق بولۇش، بالىلارنى ئامال بار ناركوز قىلمايلا خەتنە قىلدۇرغان باشقا بالىلار بىلەن بۇ توغرۇلۇق كۆپ سۆزلىشىشتىن توسۇش لازىم. بالىلارنىڭ مىجەز خاراكتىرىگە ماس ھالدىكى ئىدىيىۋى خىزمەت ئىشلىنىشى، مەدەت بېرىلىشى كېرەك، بالىدا پەيدا بولىدىغان روھى بېسىمنى ئىمكان قەدەر ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش كېرەك . 

شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى بالىلارنى خەتنە قىلىش توغرىسىدا سېستىمىلاشقان بىر يۈرۈش ئۇسۇللارنى قوللانغان بولۇپ، ئوپىراتسىيە قىلىدىغان دوختۇر بالىلارنىڭ قىزىقىشىغا مۇناسىۋەتلىك سۆز ئىبارىلەر بىلەن بالىلارغا يېقىنلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن، ئۇلارنىڭ روھى بېسىمىنى يەڭگىللىتىشكە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىپ كېلىۋاتىدۇ، مەشغۇلات جەريانىدا بالىلار ناھايىتى كۆڭۈللۈك ھالدا دوختۇرلارغا تولۇق ماسلىشىپ بېرىدىغان مۇھىت ھازىرلىنىدۇ. خەتنە قىلغان شۇ كۈنىلا بالا ئۆزى مېڭىپ قايتىدۇ، ياتاقتا يېتىش ھاجەتسىز. 

   شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى مۇتەخەسسىسى ئاتا-ئانىلارغا شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇكى: 

1. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىشتىن بۇرۇن خەتنىلىكىنى ئارقىغا ئۆرۈپ بېرىش كېرەك. بۇنىڭدا خەتنىلىكنىڭ زەكەر بېشىغا چاپلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەتنە قىلىشقا قولايلىق تۇغۇلىدۇ. ئوپىراتسىيىدىن كېيىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ساقىيىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق .

2. بەزى بالىلاردا تۇغما قان توختىتىش ئىقتىدارى كەمچىل بولۇش قاتارلىق كېسەللىكلەر بولغان بولىدۇ، گەرچە بۇ خىل كېسەللىكلەر كۆپ ئۇچرىمىسىمۇ، لېكىن تاساددىبىي شۇ خىلدىكى كېسەل بار بالىلار ئوپىراتسىيە قىلىنىپ قالسا، قان توختىتىش ئىمكانىيىتى بولماي قېلىپ، بەزى خەتەرلىك ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭا ئاتا–ئانىلارنىڭ بالىلارنى خەتنە قىلدۇرۇشتىن بۇرۇن (مۇناسىۋەتلىك) قان تەكشۈرتۇشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. 

 

تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !

بۇنىمۇ ياقتۇرۇپ قالسىز
ad
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر
  • ئاياللار پىسخكىسىنى تەڭشەشتە...
  • ھەيز مەزگىلىدە باش يۇيۇشقا بولامدۇ؟
  • بىزدىكى يېڭى خۇراپات-ساغلاملىق مەھسۇلاتىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىش
  • سېمىز ئادەم ئورۇقلىسا، مەستلىكى ئاسان يېشىلىدۇ
  • ئاياللار كۆكسىنىڭ چىڭقىلىپ ئاغرىشىنىڭ ئالتە چوڭ سەۋەبى
  • تېرىدىكى سېرىقلىقنى يوقىتاي دېسىڭىز...
  • قانداق ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ئادەمنى چارچاتمايدۇ؟
  • بالىنىڭ قانداق كەسپ تاللىشى گېن بىلەن مۇناسىۋەتلىك
  • ئاياللارنىڭ كۆز يېشىنى قورال قىلىشىغا ئەڭ ماس كېلىدىغان سورۇنلار
  • ئاياللار نېمىشقا داشقال ئەرلەردىن ئايرىلالمايدۇ؟
  • كىچىك قورساقنى يوقىتىش ئۇسۇللىرى
  • ئەڭ يىڭى يوللانغىنى

  • بالىلىق مەزگىلىدە ئانتىبىئوتىكلارنى كۆپ ئىشلەتكەننىڭ زىيىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • سالامەتلىكنى ياخشىلاش چارىلىرى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، يۈزىگە سەپكۈن چۈشىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • يانفوندا تورغا چىقسا، رادىياتسىيە تېخىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • جىنىسىي ئىقتىدار بىلەن يۈرەكنىڭ مۇناسىۋىتى بارمۇ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەركەكلىكنىڭ بەش خىل ئىپادىسى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللار تۇغۇتلۇق ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • نىمە ئۈچۈن قانچە ئالدىراش بولغانسېرى جىنسىي تۇرمۇشقا شۇنچە ئىنتىلىمىز؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • شوخ كىشىلەر تېخىمۇ جەلپكار بولىدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەردىكى بەل ئاغرىش قانداق كېسەللىك ؟

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • قەھۋەنى قانچىلىك ئىچكەندە ئۈنۈمى بولىدۇ؟ بۇنى گېن بەلگىلەيدۇ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئاياللارنىڭ چىرايى ئېرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تاماكا چېكىشنىڭ ياشلار–ئۆسمۈرلەرگە بولغان زىيىنى

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • ئەرلەرگە ياقىدىغان يېمەكلىكلەر

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • تۈنىگەندە ئالما يەڭ

    تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق
  • باشلان خەۋەرلىرى

    تەۋسىيە ۋېدىئولار

    ئاۋات ساغلاملىق بىلىملىرى

    باشلان تەۋسىيە قىلغىنى

    باشلان تورى تەۋسىيە خەۋىرى
  • تارىختىكى ئۇرۇشلاردا ئەڭ كۆپ مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەر

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • جۇڭگو-رۇسىيە دېڭىزدا بىرلىشىش 2016 ھەربىي مانېۋىرى ھەقىقىي ئەسكەر باسقۇچىغا كىردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چەتئەللىك ئىنژېنېر كەلگۈسىدىكى مودۇللاشتۇرۇلغان ئايروپىلاننى لايىھەلەپ چىقتى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • قانۇنسىز قائىدىگە خىلاپ 4207 تور بېكەت تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىندى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ئامېرىكا 1 مىليون دانە سامسۇڭ Note7 يانفۇنىنى قايتۇرىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • چاۋشيەن ئۇران قويۇلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىندىستانلىق گۈزەل چولپان - دىيا مىرزا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • ھىلارى «سالامەتلىك سەتچىلىكى» دىن كېيىن روھلۇق ھالدا قايتا پەيدا بولدى

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • تەخمىنەن بىر مىليون 800 مىڭ مۇسۇلمان مەككىدە ھەج قىلماقتا

    مۇھىم خەۋەرلەر
  • Copyright ©2011-2015 Baxlan Corporation, All Rights Reserved

    بارلىق ھوقوق شىنجاڭ باشلان تور-تىخنىكا مەركىزىگە تەۋە ، 新疆开始网技术中心版权所有

    ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق نۇمىرى : 13899990941 , 新ICP备14002316号

    Powered by Baxlan.com © 2015