جىنسىي ھەۋەسنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە مەنى تېز يۈرۈپ كېتىش ئەھۋالى بالىلىق بولۇشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟
شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى ئەرلەر بۆلۈم مۇدىرى ئادىلجان ئەلى مۇنداق چۈشەنچە بېرىدۇ:
سىزدىكى جىنسىي ھەۋەسنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە مەنى تېز يۈرۈپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ باشلانغىنىغا قانچە ئۇزۇن بولغاندۇ ؟ توي قىلىشتىن بۇرۇن جىنسىي ھەۋەس قانداقراق ئىدى ؟ دىگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر سىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىڭىزنى ئانالىز قىلىشتا بىز ئىگىلەشكە تېگىشلىك مۇھىم ئەھۋاللار ھىسابلىنىدۇ ، بۇ ھەقتە ئېنىق يازماپسىز . تەپسىلى ئەھۋالىڭىزدىن سىرت كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، ئاندىن سەۋەبىگە قارىتا سېستىمىلىق داۋالاش ئېلىپ بارىمىز، داۋالاش ئۆلچەملىك ئېلىپ بېرىلسىلا ئەھۋالىڭىزنىڭ ياخشىنىلىشىغا ئىشەنچىڭىز بولىشى كېرەك.
ئەسكەرتىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى، مەنى بالدۇر يۈرۈپ كېتىش پەرزەنت كۆرۈشكە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. مۇناسىۋەت جەريانىدا جىنسىي يولغا كىرگەن ئاز بىر قىسىم مەنى تەركىۋىدىكى ئۇرۇقنىڭمۇ ئاياللار تۇخۇمى بىلەن ئۇچرىشىش مۇمكىنچىلىكى بولىدۇ، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئۇرۇق سۈپىتى نورمال بولۇشى كېرەك. بىر قىسىم ئاياللارنىڭ جىنسىي يول تۈزىلىش ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن، ئەر تەرەپ مەنى چىقارغاندىن كېيىن تېزلا ئېقىپ چىقىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ ھامىلدارلىققا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئايال تەرەپنىڭ كاسا تەرىپىگە ياستۇق قويۇۋېلىشقا، مەنى چىقىپ بولغاندىن كېيىن 15-20 مىنۇت ئەتراپىدا ھەركەت قىلماي ئوڭدا يېتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ باقسا بولىدۇ .
ئۆزىڭىزگە ئارتۇقچە روھىي بېسىم قىلىۋالماي، جىنسىي ئىقتىدار مەسىلىسىگە قارىتا ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ داۋالاش ئېلىپ بېرىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز، سالامەت بولۇڭ !
مەنبە: شىنجاڭ بوغدا دوختۇرخانىسى تور بېتىدىن ئېلىنغان،
سەمىمىي ئەسكەرتىش: كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا مەنبەنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !