ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدە ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا قايسى خىل پەزىلەت ئەڭ مۇھىم؟ شۈبھىسىزكى ئۆزىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسى ئەڭ مۇھىم.
ئەرلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا ئاياللار پوزىتسىيەدە سالماق، مېڭىش-تۇرۇشى سالاپەتلىك بولۇشى، كىيىنىشى دەۋر گۈزەللىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇرۇشى ھەم بەدىنى كىيىم سىرتىغا بەك كۆرۈنۈپ قالماسلىقى، سۆز-ھەرىكىتى ئورۇنلۇق بولۇشى، ساختا مۇلايىم قىياپەتكە كىرىۋالماسلىقى، ھېسسىياتنى كۆز-كۆز قىلماسلىقى، قارشى تەرەپنى مەقسەتلىك تېرىكتۈرمەسلىكى، قارشى تەرەپ ئەدەپسىزلىك قىلسا ياكى باشقا تاپتىن چىققان ھەرىكەتلەرنى قىلماقچى بولسا، قەتىئي رەت قىلىشى، قاتتىق ئەيىبلىشى، يۈز قاراپ ئولتۇرماسلىقى ھەمدە مۈجمەللىك قىلماسلىقى ۋە پوزىتسىيىدە ئارىسالدى بولماسلىقى لازىم.
ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئالاقە قىلغاندا گەرچە ئەر تەرەپ ئاكتىپ ئورۇندا تۇرسىمۇ، بىر قولدا چاۋاك چىقمىغاندەك ئىككى جىنىس مۇناسىۋىتىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەردە ئايال تەرەپنىڭ ھەمىشە ياكى ئۇنداق ياكى بۇنداق مەسئۇلىيىتى بولىدۇ.
ئاياللارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىدە، شەكىللىنىش خاراكتېرىدىكى شەرتلىك رېفلىكىس بىر قەدەر قىيىن بولىدۇ، ئەمما چوقۇم شەكىللەنسە جىنس سەرگۈزەشتىلىرىنىڭ ئۇلار قەلبىدە ساقلىنىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ، شۇڭا ئاياللارنىڭ ئۆزىنى قوغدايدىغان مۇداپىئە لىنىيىسى ناۋادا بۇزۇپ تاشلىنىدىكەن كۆپ ھاللاردا يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ.
سوۋېت ئىتتىپاقى مائارىپچىسى ماكارېنكو قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئۆسمۈرلەرنى تەربىيىلەش جەريانىدا ئوغۇل بالىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتىشى بىر قەدەر ئاسان بولىدىغانلىقىنى، قىز بالىلارنىڭ خاتالىقىنى، بولۇپمۇ ئىككى جىنس مۇناسىۋىتى ئوتتۇرىسىدىكى خاتالىقنى تۈزىتىشنىڭ ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى بايقىغان، بۇ بىر ئەمەلىيەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلماي بولمايدۇ.
ھېسسىيات جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش دائىم ئۆزارا تەسىر قىلىدۇ، ئوتتۇرا مەكتەپ مەزگىلىدە قىز بالىلار يات جىنىسلىقلار بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا ئۆزىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئۆزىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشى لازىم. ئۇ خۇددى كۆزگە كۆرۈنمەس مۇداپىئە لىنىيىسىگە ئوخشايدۇ، ئەگەر ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىنى قەدىرلەشنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرالىسا، گەپ- سۆزلىرى، مېڭىش-تۇرۇشلىرى ئورۇنلۇق ھەم سالاپەتلىك بولسا ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھۆرمەتلەيدۇ، ئۇلارغا بىھۆرمەتلىك قىلمايدۇ. ئەگەر شاللاق،بەڭباش، يۈرۈش تۇرۇشلىرى ئورۇنسىز بولسا، ئۇنداقتا شاللاق ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئۇلارغا يېپىشىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىن قۇتۇلماق تەس.
ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئىككى جىنىس مۇناسىۋىتىدە، ئاياللارنىڭ ھەرىكىتى، سۈپىتى ۋە سالاپىتى ئەرلەرگە نىسبەتەن ناھايىتى زور تەسىر كۈچكە ئىگە ۋە شەرت قىلىش كۈچىگە ئىگە. ئىككى جىنسنىڭ يېقىنلىشىش دەرىجىسىدە بولۇپمۇ شاللاق ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە، ئاياللار مەڭگۈ ئاكتىپ ئورۇندا تۇرۇشى لازىم، ئۇ خىل قابىلىيەتنىڭ يېتىلىشى ئەڭ ياخشىسى ئوقۇغۇچىلىق دەۋردىن باشلانغىنى تۈزۈك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !