ھاۋانىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئاياللار پۇت-قولى ئىسسىماسلىقنىڭ ئازابىنى تارتىدۇ، ئۇنداقتا بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاياللاردىكى پۇت-قول ئىسسىماسلىقنى بەدەندىكى ھورموننىڭ ئۆزگىرىشى، تۆمۈر كەملىك، يۈرەك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى ۋە قان-تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئاياللاردىكى پۇت-قول ئىسسىماسلىقنى تۆۋەندىكىدەك يېمەكلىكلەر ئارقىلىق داۋالىغىلى بولىدۇ:
-
نىكۇتىن كىسلاتا تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى يېيىش. نىكۇتىن كسىلاتا نېرۋا سىستېمىسى ۋە ئايلىنىش سىستېمىسىغا پايدىلىق، شۇنداقلا ئۇ نېرۋا جىددىيلىشىش، جىددىيلىشىشتىن كېلىپ چىققان ئىچ سۈرۈش، تېرە ياللۇغى قاتارلىقلارنى ياخشىلايدۇ. نىكۇتىن كىسلاتا ھايۋانلارنىڭ بېغىرى، تۇخۇم، سۈت، يىرىك گۈرۈچ، كۈنجۈت، يەر ياڭىقى، ماش، قەھۋە قاتارلىقلاردا كۆپرەك.
-
قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان مۆتىدىل يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش. ئادەمگىياھ چېيى، لۇڭيەن چېيى، قارا كۈنجۈت، يېپىشقاق گۈرۈچ كۇمىلىچى قاتارلىقلارنى پات-پات ئېستىمال قىلغاندا، قۇۋۋەت تولۇقلاپلا قالماستىن، ئاياللاردىكى پۇت-قول ئىسسىماسلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
-
ۋىتامىن Eنى كۆپرەك تولۇقلاش. ۋىتامىن E قان تومۇرلارنى كېڭەيتىپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
«شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى» ئۈندىدار سالونىدىن ئېلىندى.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !