يۈرەك سوقۇشى ئاستىلاپ, قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كەتسە, كېكىردەكنى قىرىپ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ئادەتتە 6~1 سائەتكىچە بولغان ئارلىقتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى كۆرسىتىدۇ. بەزى بىمارلاردا ئالدىن ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەچكە, بىمار ۋە بىمارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان,دوستلىرىدا روھىي جەھەتتىن تەييارلىق بولمايدۇ. شۇڭا بۇنداق ئۆلۈم كۆپ ھاللاردا كىشىلەرگە ئېغىر روھىي ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.
تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە تاجىسىمان يۈرەك كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ, ئادەتتە ئەرلەرنىڭ ئىچىدە %91 كە, ئاياللارنىڭ ئىچىدە %51 كە يېتىدۇ.
بالدۇر يۈز بەرگەن ئارتېرىيە بوتقىسىمان قېتىش جەمەت تارىخى, يۇقىرى ياش, يۇقىرى قان بېسىم, دىئابېت كېسىلى, تاماكا چېكىش, قاندىكى خولېستېرىن قاتارلىق ئامىللاردىن باشقا كۆپ ھاللاردا زىيادە چارچاش, ھاياجانلىنىش, روھىي بېسىمغا ئۇچراش, كۆپ ھاراق ئىچىش, تۇيۇقسىز قورقۇپ كېتىش ۋە جاراھەت بىلەن مەلۇم دەرىجىدە مۇناسىۋەتلىك. يۈرەكنىڭ تۇيۇقسىز توختاپ قېلىشى, تاشقى ئامىللاردىن باشقا يەنە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى, يۈرەك مۇسكۇلى كېسەللىكى, يۈرەك مۇسكۇلى ياللۇغى, ئېلېكترولىدلار قالايمىقانلىشىش, دورىدىن زەھەرلىنىش قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەردە يۈز بېرىشى مۇمكىن. بۇنداق بىمارلار تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتىن بۇرۇن كېسەلنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
مەسىلەن: كۆكۈرۈش, تاتىرىش, قان بېسىمى تۆۋەنلەش, يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاش, كۆپ يۈز بېرىدىغان كۆپ مەنبەلىك قېرىنچە مەنبەلىك بالدۇر سوقۇش قاتارلىقلار. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى: تۇيۇقسز ئەس-ھوشىنى يوقۇتۇش, بويۇن ۋە يوتا تومۇرى توختاپ قېلىش, نەپەس, يۈرەك سوقۇش توختاپ قېلىش, كۆز قارىچۇقى كېڭىيىپ كېتىش, رېفلېكس يوقۇلۇش قاتارلىقلار.
ئادەتتە يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ 60~30 سېكۇنتقىچە كۆرۈلىدۇ, ئەمما بۇ ۋاقىتتا بايقىغاننىڭ ھەم قۇتقۇزغاننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشنى قۇتقۇزۇش ئىنتايىن جاپالىق ھەم جىددىي بولۇپ, قۇتقۇزۇش تەدبىرى چوقۇم ۋاقتىدا قوللىنىلىشى كېرەك.
يۈرەك توختىغان ۋاقىت قانچە ئۇزۇن بولسا, چوڭ مېڭە ۋە پۈتكۈل بەدەندىكى توقۇلمىلارغا ئوكسىگېننىڭ يېتىشمەسلىكى شۇنچە ئېغىر بولىدۇ, داۋالاپ ساقايتىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىمۇ شۇنچە تۆۋەن بولىدۇ.
1.تۇيۇقسىز قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كەتكەن, يۈرەك ھەرىكىتى ئاستىلاش ياكى تېزلىشىش, ھەتتا يۈرەك قېرىنچىسى تىترەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە, بىمار سېزىمىنى يوقاتمىغان بولسىلا, دەرھال ھەر 3~1 سېكۇنتتا بىر قېتىم يۆتۈلۈپ, قان بېسىمنى ئۆرلىتىش ئارقىلىق يۈرەكنىڭ توختاپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك..
2 تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى سەۋەبلىك تۇيۇقسىز ئۆلگەنلىكنى جەزملەشتۈرگەن ھامان, بىمارنى دەرھال ئوڭدا ياتقۇزۇپ, بېشىدىكى ياستۇقنى ئېلىۋېتىش, ئېغىزىدىكى شىلىمشىق سۇيۇقلۇقنى, قان ئۇيمىسىنى, قۇسۇقنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى تازىلىۋېتىش ۋە ئىككى پۇتىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ, گەۋدە بىلەن تىك 90 گرادۇس ھاسىل قىلغان ھالەتتە 15~5 سېكۇنتقىچە تۇرغۇزۇش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا, قاننىڭ ۋېنادىن يۈرەككە قايتىش مىقدارىنى كۆپەيتىپ, يۈرەك سوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ. يۈرەك سوقۇشتىن توختاپ بىر يېرىم سائەت ئىچىدە, مۇشتنىڭ يان تەرىپى بىلەن بىمارنىڭ كۆكرەك سۆڭىكىنىڭ تۆۋەن ئۇچىغا كۈچەپ ئۇرغاندا, يۈرەك سوقۇش ئەسلىگە كېلىدۇ.
3.يۈرەكنى كۆكرەك سىرتىدىن بېسىش تېخنىكىسىدا ئالدى بىلەن بىمارنى قاتتىق كارىۋات, تاختايدا ياتقۇزۇپ ياكى بىمارنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلىپ, پۇتىنى 15 گرادۇس كۆتۈرۈپ, سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈپ, ئىككى قولنى بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە ئېلىپ بىمارنىڭ تۆش سۆڭىكىنىڭ 3/1~2/1 قىسمىغىچە بولغان قىسمىغا قويۇپ, تىك ھەم رىتىملىق ھالدا تۆش سۆڭىكىنى ھەر مىنۇتتا 60 قېتىمدىن بېسىپ بەرگەندە, يۈرەك سوقۇش ئەسلىگە كېلىدۇ.
4.سۈنئىي نەپەسلەندۈرۈش ئۇسۇلى ئاساسلىقى ئېغىزنى ئېغىزغا يېقىپ نەپەسلەندۈرۈشنى يۈرەكنى بېسىش بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئىشلەشنى كۆرسىتىدۇ. تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىش ھەر قانداق ۋاقىتتا ھەر قانداق جايدا يۈز بېرىدۇ. يۈرەكنى قوزغۇتۇش ۋە تۇيۇقسز ئۆلۈپ كېتىشتىن قۇتقۇزۇش بىلىملىرىنىڭ بولۇپمۇ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋاقتىدا داۋالاشقا زور ياردىمى بار.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !