مۇھەببەتتە يىگىتتىن چوڭ قىزلار تۆۋەندىكى تۆت تەرەپتە قاتتىق دېققەت قىلىشى كېرەك.
1.ئالاقىنىڭ چوڭقۇر بولماسلىقى.
بۇنداق مۇھەببەتتە گەۋدىلىك بولىدىغىنى, ياش پەرقى كەلتۈرۈپ چىقارغان تۈرلۈك مەسىلىلەر. شۇڭا بۇنداق مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ تەبىئىي ھالەتتە ئالاقە قىلمىقى زۆرۈر. بۇنداق مۇھەببەتتە ئاشىق-مەشۇقلار تېخىمۇ سەۋرىچانلىق بىلەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. بۇ خىل ئوقۇش دەۋرى ئوخشىمىغانلار كۆپرەك ھېسسىيات ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزئارا چۈشەنچىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ, شۇنىڭدىلا يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغىنى بولىدۇ. ئادەتتە بۇنداق مۇھەببەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئاسان ئەمەس. ۋاقىت ئۇزارغانسىرى زىددىيەت چوڭقۇرلىشىپ, ھېسسىياتتىكى پەرقلەر بارغانسىرى چوڭىيىدۇ.
2.قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش.
ئادەتتە بۇنداق مۇھەببەت مۇقىملاشقاندىن كېيىن ھەر ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنىدۇ. قىز يىگىتىنىڭ تېزرەك پىشىپ يېتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ, يىگىتنى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى پىشىپ يېتىلگەن ئەرگە ئايلاندۇرۇش كويىدا بولىدۇ. ئەمما يىگىت باشقىلارنىڭ تىزگىنلىشى ۋە زىيادە بېسىم ئىشلىتىشىنى خالىمىغاچقا, زورلۇق بىلەن ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا ئەكسىچە ئۈنۈم كۆرىدۇ. ئادەتتە قىز شۇنداق ئويلىغاچقا, كۆپۈنچە تاشقى جەھەتنىلا ئۆزگەرتىشكە كۆڭۈل بۆلۈپ, ئىچكى دۇنياسىغا ئىنتايىن ئاز كۆڭۈل بۆلىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىدە بېسىم پەيدا قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا قىز قارشى تەرەپنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنماي ئاۋال ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك. شۇنى بىلىش كېرەككى, ئەتراپىڭىزدىكى شەيئىلەر سىزنىڭ ئۆزگىرىشىڭىزغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ.
3.مۇھەببىتىڭىزنى ئىپادىلەشنى ئۈگىنىۋېلىڭ.
ھەركۈنى يىگىت بىلەن كۆرۈشكەندە, ئۇنىڭغا بۈگۈن تۈنۈگۈنكىدىن تېخىمۇ سالاپەتلىك بولۇپ كېتىپسىز, دەڭ. ھەمدە ھەرخىل شەكىلدە سۈپەتلەڭ. ھەر قېتىم بىر خىللا گەپ بىلەن سۈپەتلىسىڭىز زېرىكىشلىك بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ھەر كۈنى قارشى تەرەپنى رىغبەتلەندۈرۈڭ, ئۈمىد ئاتا قىلىڭ, كۆپرەك پاراڭلىشىڭ.
4. كۆپرەك ئۇچرىشىڭ.
سىزنىڭ يىگىتىڭىز بىلەن ئۇچرىشىشقا قانچىلىك ۋاقتىڭىزنى ۋە زىھنىڭىزنى سەرپ قىلىشىڭىز, ئۇنىڭغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىڭىزنى ئىپادىلەيدىغان ئۆلچەملەرنىڭ بىرى. يىگىتىڭىز بىلەن يۈرىۋاتقان دەسلەپكى مەزگىلدە قارشى تەرەپ بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتنى ئورۇنلاشتۇرۇڭ. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرۇشىغا ئەگىشىپ, خىزمەت ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئىككىڭلارنىڭ ئۇچرىشىدىغان ۋاقتىڭلار تەبىئىيلا ئازىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر يىگىتىڭىز بىلەن كۆپرەك ۋاقىت چىقىرىپ ئۇچرىشىشنى خالىمىسىڭىز, ئاراڭلار بارغانسىرى يىراقلاپ كېتىدۇ. دائىم ۋاقىت چىقىرىپ يىگىتىڭىز بىلەن ئۇچراشقاندا نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى ئېگىلەپ,باشقا ئىشلاردىكى ۋاقتىڭىزنى قۇربان قىلىشىڭىزغا توغرا كېلىدۇ. كەلگۈسى بەختىڭىز ئۈچۈن بۇنچىلىك مەبلەغ سېلىش ئەرزىيدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !