ئاچچىقسۇ كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە تەم تەڭشىگۈچى بولۇپ، ئېچىتىپ پارچىلاش ئارقىلىق سىركە كىسلاتاسى ھاسىل قىلىنىپ ئىشلىنىدۇ. ئاچچىقسۇ تەركىبىدە يەنە سۈت، كەھرىۋا، لىمون، گىلىكوزىد قاتارلىق ھەر خىل ئورگانىك كىسلاتالار بار. ئاچچىقسۇنىڭ تەركىبى ۋە پۇرىقى ئىشتىھانى ئېچىش، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش، چىرىتكۈچى باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرۈشتەك خۇسۇسىيەتكە ئىگە.
ئاچچىقسۇنىڭ پايدىسى:
كانايچە ياللۇغنى داۋالايدۇ: سامساقتىن 10 چىشنى يۇمشاق ئېزىپ، 100گىرام قارا شېكەر بىلەن بىللە 200گىرام ئاچچىقسۇغا ئۈچ كۈن چىلاپ، تىرپىنى سۈزۈۋەتكەندىن كېيىن كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا يېرىم قوشۇقتىن ئىچىلىدۇ.
چىش ئەتراپى ياللۇغىنى داۋالايدۇ: 50مىللىلېتىر ئاچچىقسۇنى 100مىللىلېتىر سوۋۇتۇلغان قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ ئېغىز چايقىلىدۇ.
جىگەر ياللۇغىنى داۋالايدۇ: پوستى ئېلىۋېتىلگەن نەشپۈتنى مۇۋاپىق مىقداردىكى ئاچچىقسۇغا چىلاپ دائىم ئىستېمال قىلىنىدۇ.
يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكنى داۋالايدۇ: ئاچچىقسۇدىن كۈندە مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە ياكى خاسىڭ مېغىزىنى ئاچچىقسۇغا 24سائەت چىلاپ كۈندە سەھەردە ئۇنىڭدىن 10 تال ئىستېمال قىلسا ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ.
ھېق تۇتۇشنى داۋالايدۇ: ئاچچىقسۇدىن30مىللىلېتىرنى 30مىللىلېتىر قايناقسۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، خالىغان ۋاقىتتا ئېچىلىدۇ.
يەلتاشمىنى داۋالايدۇ: ئاچچىقسۇدىن50مىللىلېتىر، قارا شېكەردىن50گىرام، خام زەنجىۋىلدىن بىر يالپاق ئېلىپ مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ، كۈندە ئىككىگە بۆلۈپ ئىچىلىدۇ.
رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنى داۋالايدۇ: ئىككى چىنە ئاچچىقسۇنى بىر چىنە قالغۇچە قاينىتىپ، مۇۋاپىق مىقداردىكى سۇڭپىيازنى چاناپ سېلىپ، يەنە ئازراق قاينىتىپ، تىرىپىنى ئېلىپ ئىسسىق پېتى يەرلىك ئورۇنغا چېپىپ، لاتا بىلەن ئوراپ قويۇلىدۇ، بۇ ئۇسۇل كۈندە ئىككى قېتىم داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !