1. 92% ئادەم ياش ۋاقتىدا يېتەرلىك تىرىشماي ھېچقانداق ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىدۇ.
«تىرىشمىساڭ نەۋقىران چاغدا، ياشانغاندا قالىسەن داغدا». ئادەمنىڭ ياشلىق ۋاقتى ھەمىشە ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. ياشلىق مەزگىلىدە يەنە دائىم كۆپلىگەن ئېزىقتۇرغۇچى نەرسىلەر ۋە تۇزاقلار ئۇچرايدۇ، سىز تۇيۇقسىز ھوشىڭىزنى تاپقىنىڭىزدا بەلكىم چاچلىرىڭىزغا بالدۇرلا ئاق كىرگەنلىكىنى، ھېچ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغانلىقىڭىزنى بايقىشىڭىز مۇمكىن.
كۆپلىگەن كىشىلەر بىر خىل باشقىلارغا ئەگەشكەن تۇرمۇش پوزىتسىيەسىگە ئەمەل قىلىدۇ، باشقىلار ئۆگەنسە ئۇمۇ ئۆگىنىدۇ، باشقىلار كۆڭۈل ئاچسا ئۇمۇ كۆڭۈل ئاچىدۇ. ئەلۋەتتە باشقىلار نېمىگە ئېرىشسە ئۇنىڭمۇ شۇنچە كۆپ نەرسىگە ئېرىشىشى ناتايىن. باشقىلار ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن باشقىلار بەدەل تۆلەشنى خالىمىغان ئىشلارنى قىلىش كېرەك، بولۇپمۇ ياش ۋاقتىدا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن سىز ۋاقىت، كۈچ-قۇۋۋەت، زېھنىڭىزنىڭ بار ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، تېزدىن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن پىلان تۈزۈپ چىقىڭ، ئاندىن ئېگىلمەس- سۇنماس روھ بىلەن بۇ پىلانىڭىزنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئىلگىرى سۈرسىڭىز ئاخىرىدا يەنىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز.
2. 73% ئادەم ياش ۋاقتىدا كەسىپنى خاتا تاللىغانلىقىدىن پۇشايمان قىلىدۇ.
ئۈچ ئىستۇدېنت بىرلا ۋاقىتتا مەلۇم ئورۇنغا خىزمەتكە تەقسىملەندى، بىر يىلدىن كېيىن بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىستۇدېنت ھەر كۈنى باشلىقىنىڭ چىرايىغا قاراپ كۈن ئۆتكۈزۈشنى خالىماي باشقا بىر كارخانىغا ئالمىشىپ كەتتى، قالغان ئىككى ئىستۇدېنت يەنىلا بۇرۇنقىدەك توققۇزدا ئىشقا كېلىپ بەشتە ئىشتىن چۈشىدىغان تىنچ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇردى. يەنە بىر يىلدىن كېيىن يەنە بىر ئىستۇدېنت ئىستېپا بېرىپ جاھان كېزىپ ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى، قېپقالغان ئىستۇدېنت يەنىلا شۇ يەردە ئىشلەۋەردى، ئۇ ئىككى ساۋاقدىشىنىڭ زاۋۇتتا ۋە ئاشخانىدا جان تىكىپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ تىنچ تۇرمۇشىدىن كۆرەڭلەپ كەتتى.
خېلى كۆپ يىللاردىن كېيىن ئۈچەيلەن بىر يەرگە جەم بولدى، كارخانىغا بارغان ئىستۇدېنت ئاللىقاچان زاۋۇت باشلىقىغا ئايلانغان ئىدى، ئاشخانا ئاچقان ئىستۇدېنت مىليونېر بولۇپ كەتكەن ئىدى، ھېلىقى ئورۇندا قالغان ئىستۇدېنت يەنىلا باشلىقنىڭ ۋارقىراپ-جارقىراشلىرى ئارىسىدا ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئاز قالغان «گۈزەل ۋاقىت» نى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى.
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر كەسىپ تاللىغاندا ياكى ئىگىلىك تىكلىگەن ۋاقتىدا ئويلىشىدىغان بىرىنچى ئامىلى مۇقىم كىرىم ۋە تىنچ، ئازادە تۇرمۇش بولۇپ، جەڭگىۋارلىققا ئىگە پۇرسەتلەرگە يۈزلىنىشنى خالىمايدۇ. بېسىم بولمىسا تەبىئىيلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ كەمچىل بولىدۇ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولمىسا يوشۇرۇن كۈچمۇ كۆمۈلۈپ قالىدۇ.
3. 62% ئادەم پەرزەنتلىرىنى ياخشى تەربىيەلىمىگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلىدۇ.
پەرزەنت ئۆز ھاياتىنىڭ، ئۈمىدنىڭ داۋاملىشىشى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بالىسى ئۈچۈن بارلىقىنى سەرپ قىلىدۇ ھەمدە بارلىق ئازاب ۋە ئۇۋاللىققا بەرداشلىق بېرىدۇ. ئەمما پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىش پەقەت ئاتا-ئانىلارنىڭ گۈزەل ئارزۇسى بولۇپ، پەرزەنتلەر پەقەت ئاددىي ھەم خۇشال ئادەم بولۇشنى خالىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلار مەجبۇرلاش، نازارەت قىلىش ھەتتا ئۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ بالىلىرىنى ئۆزى لايىھەلىگەن لىنىيە بويىچە تەرەققىي قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئەمما ئەڭ ئاخىرىغا كەلگەندە پەقەت ئاز ساندىكى ئاتالمىش «مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچىلار» دىن باشقا كۆپلىگەن ئاتا ئانىلار رېئاللىققا يۈزلەنگەن ۋاقتىدا ئۈمىدسىزلىنىدۇ، ئەمما ئۇلار يەنە بالىلىرىنىڭ بۇ يىللىرىنىڭ ناھايىتى جاپالىق ئۆتكەنلىكىنى، بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە بولۇشقا تېگىشلىك خۇشاللىقتىن قىلچىمۇ بەھرىمەن بولالمىغانلىقىدىن ئاھ ئۇرىدۇ.
4. 57% ئادەم ئۆز ھەمراھىنى ياخشى قەدىرلىمىگەنلىكىدىن پۇشايمان قىلىدۇ.
«مەست بولغاندا مەينىڭ قويۇقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ، سۆيگەندە ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇرلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ». ھېسسىيات جەھەتتىكى ئىشلاردا مەڭگۈ قولىدا بار چېغىدا قەدىرلەشنى بىلمەيدۇ، يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن ئاندىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئىنسانلار مەڭگۈ ئىجاد قىلىپ چىقالمايدىغان ئىككى خىل نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ ھېسسىياتنى ئۇنتۇش دورىسى ۋە پۇشايمان دورىسى. ياش ۋاقتىدا قەدىرلىمىسە، كەچۈرمىسە ۋە چۈشەنمىسە قېرىغان ۋاقىتتا پۇشايمان قىلسىمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.
5. 45% ئادەم ئۆز بەدىنىگە ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلىدۇ.
«بەدەن ئىنقىلابنىڭ دەسمايىسى». بۇ گەپنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمەيدۇ. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر 60 ياشتىن بۇرۇن بەدىنى بىلەن بارچە نەرسىگە ئېرىشىدۇ، 60 يىلدىن كېيىن بارچە نەرسىسى بىلەن بەدەن سالامەتلىكىنى ئالماشتۇرىدۇ. دۇنيادا ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىدىنمۇ مۇھىم نەرسە يوق، ياخشى بەدەن بولمىسا قانداقمۇ نەچچە مىليونلۇق ئىگىلىك تىكلىگىلى بولسۇن؟
بىز ياشلىقىمىزغا ھەۋەس قىلىشىمىزنىڭ سەۋەبى ياش ۋاقتىمىزدا ھەر ۋاقىت پۇشايمان قىلىپ ھەر ۋاقىت ئۆزگەرتەلەيمىز، ياشلىق باھارىمىز ئۆتۈپ قېرىلىقنىڭ بوسۇغىسىغا دەسسىگىنىمىزدە نۇرغۇنلىغان ئىشلارنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ياش ۋاقتىمىزنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، كۈنلىرىمىزنى خۇشال ئۆتكۈزۈپ، قېرىپ كۈچ قۇۋۋىتىمىز قالمىغاندا كۈنىمىزنىڭ بىكار ئۆتۈپ كەتكەنلىكىدىن ئاھ ئۇرماسلىقىمىز لازىم.
تۆۋەندىكىلەر بولسا چوڭلارنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەر، قېنى كۆرۈپ بېقىڭ:
بالام، مەن قېرىپ قالغاندا سىلەرنىڭ مەندىن بىزار بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. خۇددى سىلەر كىچىك ۋاقتىڭلاردا ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالغىنىمدەك ھازىر مەنمۇ سىلەرنىڭ كۈتۈشىڭلارغا ئېھتىياجلىق، بولسا ماڭا بەكرەك سەۋرچان بولساڭلار.
قېرىپ قالغان چېغىمدا دائىم قوللىرىم تىترەيدۇ، تاماق يېگەن ۋاقتىمدا تاماق شورپىسىنى كىيىملىرىمگە تۆكۈۋەتسەم مەندىن بىزار بولماڭلار، ماڭا بەكرەك سەۋرچان بولۇڭلار، سىلەرمۇ كىچىك ۋاقتىڭلاردا تاماق يېگەندە دائىم تاماق شورپىسىنى كىيىمىڭلارغا تۆكۈۋىتەتتىڭلار.
مەن قېرىغان چېغىمدا دەلدەڭشىپ مېڭىپ ھەرىكەتلىرىم قولايسىز بولۇپ كېتىدىكەن، مەن سىرتقا چىقىپ ئاپتاپقا قاقلىنىشنى خالايمەن، خۇددى سىلەر كىچىك ۋاقتىڭلاردا مەنمۇ سىلەرنى بالىلار ھارۋىسىغا سېلىپ سىرتقا ئېلىپ چىققاندەك.
مەن قېرىپ قالغان چېغىمدا گەپ قىلغان ۋاقتىمدا دائىم سۆزلەپ قەيەرگە كەلگىنىمنى ئۇنتۇپ قالىمەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن گەپنى يەنە بىر قېتىم دەيمەن، ماڭا كۆپرەك ۋاقىت بەرگەن بولساڭلار، مەن ئوبدان ئويلىنىۋېلىپ ئاندىن دېمىگەن گەپلىرىمنى داۋاملىق دېسەم. ئەمەلىيەتتە مېنىڭ نېمە دېيىشىم ئانچە مۇھىم ئەمەس، سىلەر ماڭا بەكرەك سەۋرچان بولغان بولساڭلار.
مەن قېرىپ قالغان چېغىمدا ھەر كۈنى كەچتە مەن سىلەر تولا ئاڭلاپ قۇلاقلىرىڭلار پىشىپ كەتكەن گەپلەرنى دېگەن ۋاقتىمدا مېنىڭ گېپىمنى بۆلۈۋەتمىگەن بولساڭلار، خۇددى سىلەر كىچىك ۋاقتىڭلاردا مەن سىلەرگە 100 قېتىم ئاق بۆجەننىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرىپ سىلەرنى تاتلىق ئۇخلاتقىنىمدەك.
چوڭلارنىڭ ئۆمرى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتۈپ كەتتى، چوڭلار بالىلىرىنىڭ بەكرەك سەۋرچان بولۇشىنى، ئازراق تىت-تىت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە بىزمۇ ئاستا ئاستا قېرىيمىز ھەمدە چوڭلارغا ئوخشاش بالىلىرىمىزنىڭ بىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !