كالا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، كالا سۈتىنى كىشىلەر، بولۇپمۇ بالىلارغا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كالا سۈتىنىڭ كۆپىيىشى ھەمدە كىشىلەر تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن كالا سۈتى ئىچىدىغانلار كۆپەيمەكتە، كالا سۈتى ھەر قانداق ئەھۋالدا ئىچىسە بولىدىغان ئىچىملىك ئەمەس، بەزى ئادەملەردە سۈت ئىچكەندىن كېيىن قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، سۈتنىڭ تەركىبىدە ياغ ئاقسىلى، ئانورگانىك تۇزلار، ۋىتامىنلار ھەم سۈت شېكىرى قاتارلىقلار بار، سۈت شېكىرى ئىنچىكە ئۈچەيدە پارچىلىنىدۇ. بەزى ئادەملەرنىڭ بەدىنىدە سۈت فېرمىنتىڭ رولى ئاجىز بولغانلىقتىن، سۈتتىكى سۈت شېكىرى تولۇق پارچىلانمايدۇ، نەتىجىدە سۈتى شېكىرى چوڭ ئۈچەيدە ئېچىپ، پارچىلىنىپ، سۇ ھەم كاربون تۆت ئوكسىدنى، سۈت كىسلاتاسىنى ھاسىل قىلىدۇ. قىسمەن كىشىلەرنىڭ كالا سۈتى ئىچكەندىن كېيىن قورسىقى كۆپىدۇ، ئاغرىيدۇ. شۇڭا، يۇقىرىقىدەك ئەھۋال كۆرۈلىدىغان كىشىلەر سۈت ئىچمەسلىكى كېرەك، ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى، ئاشقازان ئوپراتسىيەسىدىن كېيىن ئۆت ياللۇغى، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى بولغان ئاغرىقلارمۇ ئەڭ ياخشىسى كالا سۈتى ئىچمەسلىكى كېرەك.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !