كىشىلەر دائىم «كۆكسى-قارنى كەڭ ئادەم سېمىز كېلىدۇ»، تۇرمۇشى بەختلىك بولسا سەمىرىدۇ، دېيىشىدۇ. لېكىن، ئامېرىكا مىچىگان ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئەگەر ھەمراھىڭىزنىڭ بېسىمى ئېغىر بولسا، سىزمۇ سەمىرىپ كېتىشتەك تەقدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىز.
تەتقىقات خادىملىرى «ياشانغانلار كېسەللىكلىرى ئىلمى ژۇرنىلى: ئىجتىمائىي پەن»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 2006-يىلى ۋە 2010-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا توي قىلغانغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 34 يىل بولغان 2042 نەپەر ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئۇلار بەل ئايلانمىسى، نىكاھقا نارازى بولغان يېرى، بېسىم سەۋىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەرگەن. بۇ يەردە چېتىلىدىغان بېسىمى ئاستا خاراكتېرلىك بېسىم بولۇپ، مالىيە، خىزمەت ياكى پەرزەنتلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بېسىملارنى كۆرسىتىدۇ.
تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەر-خوتۇنلارنىڭ بىرىنىڭ ئۈستىگە ئېغىر بېسىم ئارتىلسا، يەنە بىر تەرەپنىڭ بەل ئايلانمىسى بۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇچقاندەك ئۆرلەپ كېتىدىكەن، بۇنىڭدا ئاياللار ئەڭ كۆرۈنەرلىك تەسىرگە ئۇچرايدىكەن.
ئەلۋەتتە، ئەگەر خوتۇنى دائىم تەشۋىشلەنسە، غەم-قايغۇسى كۆپ بولسا ياكى بەك چارچاپ كەتسە ئېرىمۇ ئوخشاشلا سەمىرىپ كبتىدىكەن، بىراق، ئاياللاردەك ئۇنچە روشەن بولمايدىكەن.
تەتقىقاتقا مەسئۇل كۋىلاكو بولىننىڭ دىت مۇنداق دېگەن: نىكاھ سالامەتلىككە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاياللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەرلەرنىڭ نىكاھتىن رازى بولۇش دەرىجىسى سەل يۇقىرى، نىكاھتىن ئىنتايىن ئۈمىدسىزلىنىدىغان ئەھۋال ناھايىتى ئاز كۆرۈلىدۇ، ئەگەر بار بولسا بۇ ئۇلارنىڭ ساغلاملىقىغا تېخىمۇ ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !