ئامراق ئەر-خوتۇنلار، بولۇپمۇ يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە قارىشىپ يېتىپ ئۇخلايدۇ، بۇ ئەھۋال سالامەتلىككە پايدىسىز.
كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ئادەم بەدىنى ئىچىدە مېڭە توقۇلمىسىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى ئەڭ يۇقىرى، ئادەتتىكى ئەھۋالدا چوڭلار مېڭىسىنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتى پۈتۈن بەدەن ئوكسىگېن سەرپىياتنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ئەگەر ئىككى ئادەم قارىشىپ ئۇخلىسا، سۈمۈرگەن ھاۋانىڭ كۆپ قىسمى قارشى تەرەپ چىقارغان كېرەكسىز گازدۇر، بۇنداق بولغاندا ئوكسىگېن يېتىشمەي، ئۇخلاش مەركىزى نېرۋىسى تورمۇزلىنىپ، ئاسان چارچايدىغان، ياخشى ئۇخلىيالمايدىغان، كۆپ چۈش كۆرىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مۇنداق ئۇخلاش ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ۋە تەپەككۇرىنى تۆۋەنلىتىپ، خىزمەت ھەم ئۆگىنىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.
تۆۋەندىكى مەزمۇننى يانفۇنىڭىزدا دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىڭ !