-
2011-08-25
دىلبەرنىڭ كۈيچىسى: مەھمۇد ھىيىت مەھدى - [سەرخىللار ئارخىپى]
دىلبەرنىڭ كۈيچىسى: مەھمۇد ھىيىت مەھدى
مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەھەللىمىزدىكى دەرەخلەر بار ئىكەن . 1983-يىلى 7-ئاينىڭ 13 –كۈنى پەيزىۋات ناھىيسىنىڭ خېلۋەت بوستانلىقلىرىدىن بىرى بولغان مەھەللەمگە مەھمۇت ئېسىملىك بىر بالا قوشۇلدى . بۇ ئائىلىمىزگە بۆيۈك ئالىم مەھمۇت قەشقەرىنىڭ ‹تۇركىي تىللار دىۋانى›ناملىق كىتاپنىڭ ئېلىپ كىلىنىشى بىلەن بىر كۈنگە توغرا كەلگەچكە،ئىسمىمنى مەھمۇت قۇيغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئائىلىمىز ۋە مەھەللىمىزدە مىنى ئەدەبىيات بىلەن باغلايدىغان بىر ئادەت باشلىنىپتىكەن.
-
ئۆمەر مەھمۇد شېئىرلىرى ئۈستىدە ئىككى كەلىمە
ئايسىمە ئىدىرىس
ئۆمەرنىڭ شېئىرىنى ئوقۇۋاتقاندا قوبۇللىغۇچى ئىختىيارسىز ھالدا سۆزلىگۈچىنىڭ ئارقىسىغا ئەگىشىپ ناھايىتى مۇڭلۇق بىر كەيپىيات ئىچىگە كىرىپ قالىدۇ.يەنى شائىرنىڭ چوڭقۇر ھىسىيياتىنىڭ (تۇتاشتۇرغۇچى)نىڭ ئارقىسىدا شېئىرنى يۆلەپ تۇرغان بىر قەلبنى(شائىرنى)ھىس قىلغىلى بولىدۇ.
-
2011-01-31
شېئىرىيەت سېپىدىكى ئۈمىدلىك ياش ئۆمەر مەھمۇد - [سەرخىللار ئارخىپى]
تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بىر گۈزەل ئەسلىمە، بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئۇ ھامان ئارقامدا قالدى. مەن ئالدىمىغا قاراپ ماڭىمەن. بۈگۈندە مېنىڭ يېزىۋاتقانلىرىم بار، ئەتىدە بولسا مېنىڭ يازىدىغانلىرىم. بۈگۈن يېزىۋاتقانلىرىمنى ئەتە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرمايمەن. چۈنكى تۈنۈگۈن مەن ئۈچۈن بەرىبىر گۈزەل ئەسلىمە، ئەتە يازىدىغانلىرىم بۈگۈننى تۈنۈگۈن دەپ قارايدىغانلاردۇر. ئەمما، بۇ ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، چۈنكى تۈنۈگۈن، بۈگۈنگە ئەگىشۋېلىشقا بەك ئامراق، ئەتە يەنىلا نامەلۇم. مانا مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ ھامان تۈنۈگۈننى گۈزەل ئەسلىمىگە قالدۇرۇپ قۇيۇپ، بۈگۈن يازىدىغانلىرىمنى يېزىشىم كېرەك، شۇندىلا ئەتىگە يۈز كېلەلەيمەن!