ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  •  

    «دۇنيا ئانا تىل كۈنى»دە ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئىپتىخارلىنىمىز!

     

    2-ئاينىڭ 21-كۈنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى

     

     

     

       مەن ئۇيغۇرمەن! ئوغۇز ئەۋلادى، تۈركلەر يىلتىزى بولغان شەرەپلىك خەلق «ئۇيغۇر»نىڭ پۇشتىمەن. مېنىڭ ئانا تىلىم جاھان «تۈركىي ھۈنەرىست» دەپ تەرىپلىگەن، مەھمۇد كاشىغەرى «دىۋانۇ لۇغەتىت تۈرك»دە ئىز سالغان، ئەلشىر نەۋايى تىل مەملىكىتىدە سۇلتانلىق قۇرغان ئۇيغۇر تىلىدۇر. بۈگۈن جاھان قانچە تەرەققىي قىلمىسۇن، بىز ئۆز ئانا تىلىمىزدا قەلبىمىزگە چۆكەلىگىنىمىزدىن، دۇنياغا ئۆز ئاۋازىمىزدا سۆزلىيەلىگەنلىكىمىزدىن، يەنە تالاي ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ مۇشۇ «ئۇيغۇر تىلى» ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى دەۋا قىلالايدىغانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلىنىمىز!

    ئانا تىلىمىزنىڭ پاساھىتىنى، ساپلىقىنى، ھۆرمەت – شەرىپىنى قوغداشقا ھەر قاچان سەزگۈر ۋە بىجاندىل تەييار تۇرىمىز.

    ئەڭ ئاددى ئەمەلىيىتىمىز بىلەن ئانا تىلىمىز ئۈچۈن تەنتەنە قىلىمىز!

  • «يېڭىچە ساۋاتسىزلىق»: جۇڭگۇدا «خەنزۇ تىل – يېزىق بايرىمى» تەسىس قىلىش كېرەكمۇ ؟!!

     

    شىنخۇا ئاگىنتلىقىنىڭ 22-ئاپرىل شىئەن خەۋىرى:  بۈگۈنكى كۈندە خەت – چەكنىڭ ئورنىنى ئېلخەت، كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئورنىنى بلوگ، قەلەمنىڭ ئورنىنى كومپىيۇتېر كونۇپكا تاختىلىرى ئىگەللىمەكتە. شۇ سەۋەبتىن بىر تۈركۈم كىشىلەر خەنزۇچە خەت يېزىشنى ئۇنتۇپ قېلۋاتىدۇ. بەزىلەر خەنزۇ تىل – يېزىق مەدەنىيىتى يوقاپ كېتىۋاتىدۇ دېگەن قاراشنى ياقىلىماقتا

  • «اوزبيك تيلىيمۇ ياكى چيغاتاي تيلىيمۇ؟» ناملىق ماقالىگە قارىتا بايانىم
     
    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن
    (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ماگىستىر ئاسپىرانتى)
     
    «اوزبيك تيلىيم...