ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-22

    رەشىد:«اوزبيك تيلىيمۇ ياكى چيغاتاي تيلىيمۇ؟» ناملىق ماقالىگە قارىتا بايانىم - [رەشىد ماقالىلىرى]

    «اوزبيك تيلىيمۇ ياكى چيغاتاي تيلىيمۇ؟» ناملىق ماقالىگە قارىتا بايانىم

     

    ئابدۇرەشىد مۇھەممەدئىمىن

    (شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتى ماگىستىر ئاسپىرانتى)

     

    «اوزبيك تيلىيمۇ ياكى چيغاتاي تيلىيمۇ؟» ناملىق ماقالىنى بىر قانچە رەت ئوقۇپ چىقتىم. (ماقالە ئادرىسى : http://www.berqi.com/bbs/viewthread.php?tid=2876)  ۋە مەزكۇر ماقالە ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزدۈم. گەرچە مۇنبەرگە يوللىغۇچى ئىلىمگەر دوستىمىز ئودغۇرمىش ئەپەندى ئورۇنسىز مۇلاھىزىلەرگە ئالدىن ئىنكار ۋە رەت قىلىش ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئىلىم ئەھلى بولۇش سۈپۈتۈم، مۇنبەردىكى بايان قىلىش ھوقۇقۇم بولغىنىدىن ئوقۇرمەنلەرگە ماقالە قوزغىغان پىكىرلىرىمنى سۇندۇم. كۆپچىلىكنىڭ ئىلمىي پوزىتسىيەدە بولىشىنى ئومىد قىلىمەن. (پىكىردە چولتىلىق، ئېنىقسىزلىق بولسا كەمىنە ئالدىن ئۆزىرىلىكتۇر.)

     ماقالە بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم دۇنياسىدا «چاغاتاي تۈركچىسى»، «چاغاتاي تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇرتلى» دەپ ئاتىلىۋاتقان 13-ئەسىردىن 19-ئەسىرلەرگىچە شەرقىي، ئوتتۇرا ۋە غەرىبي  تۈركىي خەلقلەرنىڭ قوللانغان ئەدەبىي تىلىنىڭ خاتا ھالدا ئاتىلىۋاتقانلىقى توغرىسدا ئىكەن. بۇ دەۋىردىكى ئەدەبي تىلنىڭ «چاغاتاي» نامى بىلەن باغلىنىپ كىلىشىدە ئاللىقاچان ئىلىمىزدىكى مەتبۇئاتلاردا مۇۋاپىق چۈشەنچىلەر بېرىلگەن بولۇپ، موھىمى بۈگۈنكى ئىلىمىز ۋە خەلقئارادىكى تۈركىي تىللار تىلشۇناسلىرى بۇ ئاتالما ئىلىم دۇنياسىدا بىرقەدەر ئومۇملىشىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئادەتلىنىپ قىلىش مەسلىسىنى كۆزدە تۇتۇپ «چاغاتاي» نامى بىلەن زىكىر قىلىنغاندۇر. ۋە چاغاتاي نامى بىلەن ئاتىغاندا ئۇنىڭ دەۋىر خاراكتېرىنى (قاچاندىن كەڭ ئومۇملاشقانلىقى، قاچانغىچە چاغاتاي ئەۋلادلىرى ھاكىمىيىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقى، ئۇنىڭ قوللىنىش دائىرىسى) تېخىمۇ ياخشىراق ئىپادىلىگىنى ئۈچۈن يەنىلا چاغاتاي نامىغا باغلاپ ئىشلىتىپ كەلمەكتىدۇر. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر ۋە ئۆزبىك خەلقلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ھېسىياتقا تەسىر يەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېنىق «ئۇيغۇر تىلى» ۋە ياكى «ئۆزبىك (كونا) تىلى» دەپ ئايرىمىغاندۇر. يەنە ئەلۋەتتە، زادى چاغاتاي نامىنى ئىلىپ تاشلاپ ئاتاش كېرەك بولسا نېمە دەپ ئاتاش كېرەك؟ مانا بۇ بىزنىڭ دىققىتىمىزدىكى مەسىلە. ماقالىنىڭ ئەسلىي ئاپتۇرى(كىملىكى بېرىلمىگەن) بۇ دەۋىر تىلىنى «ئەسكى (كونا) ئۆزبىك تىلى» دەپ ئاتاش كېرەكلىكىنى دەلىلەر بىلەن چۈشەندۈرگەن. ئۇنداقتا بۇ دەۋىر ئەدەبىي تىلى زادى قايسى؟ ئۆزبىك تىلىمۇ؟ ۋە ياكى ئۇيغۇر تىلى؟ ۋە ياكى ...؟

    ئاپتۇر ماقالىسىدە كۆرسەتكەن ھەزرەتى نەۋائىي ئەسەرلىرىدىن ئالغان مىساللارغا ۋە ئۇنىڭ مۇھاكىمىسىگە قارايلى :1. «

    چیغتای سؤزی تورکی جمله دن اؤزبیک تیلیگه یا خود ادبیِاتیگه هیچ قنده ی دخلی یؤقدیر. یخشیمی؟ یامانمی؟ بیر تاریخی شخص بوتون باش بیرخلقنی واونینگ تیلینی یره ته آلمیدی . ایل هم تیل هم اوزاق تاریخی ، تدریجی تکامل وترقیّات محصولیدیر. اولوغ شاعرو متفکّرعلیشیر نوایی اؤز اثرلرینی تورک تیلیده یازگنینی کؤپ بار تیلگه آله دى.

    مین تورکچه باشله بان روایت،

    قیلدیم   بو فسانه  نی  حکایت .

      «لیلی و مجنون»

    تورک نظمیده چومین تارتیب علم،! ~  Z5 C3 w; \0 V: g: ]
    ایله دیم اول مملکتنی یک قلم.

    «فرهاد وشیرین »

    تارتقان تورک نغمه سیده سرود،

    آقیزیب خلق  کؤزلریدین  رود .

    «سبعه ی سیار»

    « ...تورک اولوسی نینگ خوش طبعلری مجموعی سارت تیلی بیله نظم ایتقایلرو بلکل تورک تیلی بیله ایتماغایلر».(«محاکمه اللغاتین»).(6)

    عینی معناده ، ینه اونلب مرته نوایی اؤز اثرلریده تورک سؤزی، تورک تیلی، تورک الفاظی کبی بیریکمه لرنی قؤلّه گن .... »

     ئاپتۇر يۇقارقى مىساللاردا نەۋائىي ھەزىرتلىرىنىڭ ئېنىق قىلىپ كۆپلەپ تۈركىي تىلدا يازغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە « تۈرك ئۇلۇسى»، «تۈركىي تىل»، «تۈركچە نەزمە»، «تۈركچە» دېگەندەك سۆز، سۆز بىرىكمىلەرنى قوللانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتۇرنىڭ بۇ مساللارنى تاپقان زىھنىياتىغا مىڭ شۈكىرى ۋە رەھمەت. ئەمما ئاپتۇر نەۋائىي ھەزرەتنىڭ كېيىنكى «ئۆزبىك» سۆزى بار مىساللىرىنىمۇ ئېلىشنى ئۇنتىمىغان. قارايلى:«

    نوایی اثرلریده اؤزبک(اؤزبیک) سؤزینی ایتنیک(خلق) معناده کمیده اؤن  مرته تیلگه آله دی :

    « ... انینگ اوصافی تورک واؤزبک خلایقی آره سیده اندین کؤپراک

    ومشهورراقدورکه، شرحیغه احتیاج بؤلعه ی».(7)
    8 O8 k! Y. j  Q3 u

    «مولانا حسین خوارزمی...مولانانی تن صوفی بولاغیده اؤزبک شهید قیلدی»(8)

    اؤزبکی گلناری تؤندین کؤیدوم امّا اؤلتورور،
    7 b& Z8 z+ C0 h- F) i, E' u" `9 ^www.berqi.com

    لیمویی تیرلیک انینگ آستینده کیم جانان کییر.(9)

    اگرحسن اؤلسه قاتل ، زارنی درویش ونی سلطان،
    $ O+ S% _1 D  Z8 {' i
    وگر عشق اؤلسه کامل، یار نی هندو نی اؤزبک .(10) بەرقى مۇنبىرى9 Z4 h# v. i+ T% G5 M
    شاه  وتاج   وخلعتی کیم  مین  تمشا  قیلغالی،
    " V* A5 z4 ^6 t; ~اؤزبکم
    بایده  قلپاق  ایگنیده  شیرداغی بس.(11)

    اؤزبک ، مغل  اؤلغای انینگ  آلّیده  مسلمان،
    , ?# g* n& F4 _8 R  ewww.berqi.com

    بیلمن  انی قلماقدورور ، یؤق ایسه  تمغاچ .(12); d/ g, W* r9 _! |8 A5 C$ @# m: q
    تورک نامی اؤرته اثرلرده عام (بوتون تورکیلرنی) وخاص8 r, a) @/ [$ ~  N) H5 m: t6 q
    (تورکی ایللردن بیرینی) معنالرده قؤلّه نیلگن . »

     

    بۇ مىسرالاردىن ئىلىمگەر، پىكىر ئەھلىگە نەۋائىي ھەزرەتنىڭ «تۈركىي تىل» دېگىنىنىڭ «ئۆزبىك (كونا) تىلى ئەمەسلىكى ئېنىق چىقىپ تۇرسىمۇ ئاپتۇر بۇنى بۇرمىلايدۇ ياكى خاتا چۈشىنىدۇ. ئۇنداق بولمىسا نەۋائىي ھەزرەتلىرى ئاۋۋالقى مىساللىرىدىلا «تۈركىي تىل بىلەن باشلىدىم»، «تۈرك نەغمەسى چېلىپ...»، «تۈركىي ئۇلۇسىنىڭ خوش تەبىئەلىرى سارت تىلى بىلەن نەزىم ئېيىتىدۇ، تۈرك تىلى بىلەن ئېيتمايدۇ» دەپ ئېيىتماي، بەلكى كېيىنكى ئايرىم مىسراسىدا ئالغىنىدەك «ئۆزبىكى گۈلنارى» دەپ، «ئۆزبىك تىلى» دا يازغانلىقىنى قەيىت قىلسا بولۇر ئىدى. ئۇندىن باشقا يەنە نەۋائىي ھەزرەتلىرى زادى نېمە ئۈچۈن :« ... تۈركىي ۋە ئۆزبىك خەلقلەر ئارىسىدا... » دەپ ئالىدۇ؟ «تۈركىي» دېگەن سۆزى «ئۆزبىك»نى كۆرسىتىدىغان بولسا ئارىسىغا «ۋە» باغلىغۇچىسىنى ئېلىش نېمىگە زۆرۈر بوپ قالدى؟  نېمە ئۈچۈن «ئۆزبىك خەلقىم ئارىسدا»، «بىزنىڭ ئۆزبىكلەر ئارىسىدا» دەپ ئالمايدۇ؟ ئەجىبا شۇنداق تىل ئۇستىسى بۇ يەردە بىخەستەلىك قىلغانمىدۇ؟

    بۇ سۇئاللارنى يەنە سوراپ ئىچكىرلىسەك، نەۋائىينىڭ كىملىكى مەسلىسىگە يېتىپ كىلىمىز. يۇقارقى دەلىللەرلا ئۇنىڭ ئېنىق ھالدا ئۆزبىك ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا ئۈلگۈرۈپ تۇرۇپتۇ. (ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدىكى نەۋائىي تىكىستىلىرىنىڭ كۆپلىكى، ئۇيغۇر مەنقەبەتلىرىدىكى نەۋائىي، ئۇندىن باشقا شائىر ئاتىسنىڭ «ئۇيغۇر باخشىلىرىدىن» ئىكەنلىكى ... قاتارلىقلار ھەر ھالدا «ھەزرەتى نەۋائىي» نىڭ كىملىكىنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئىتىبارغا ئېلىنىش كېرەك ئىدى.) . تېمىدىن سەل يانداپ كىتىدىغان بولدۇم. شۇنداق بولسىمۇ بۇ مۇشۇ ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك بولغىنى ئۈچۈن يەنىلا ئېيتىۋىرەي. ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ھەزىم قىلىپ باققاي. بۇ مەسلىگە مەن ئۇزۇندىن بېرى ئاكا-ئىنىدەك خەلقلەر «سېنىڭ مېنىڭ دېيىشىشنىڭ ئورنى يوق» دەپ قاراپ كەلگەن ئىدىم. ئەمما قىسمەن مەتبۇئاتلارىمىزدىكى ۋە ئۆزبىكىستاندىكى نەۋائىينىڭ كىملىكىنى ئۆزبىك دەپ ئىلىش (ئەلۋەتتە، «ئۆزبىك-ئۇيغۇر شائىرى، مۇتەپپەككۇرى» دەپ ئىشلىتىشنى ئەڭ مۇۋاپىق قارايمەن.) پىكىرلىرىمنىڭ ياندىكى مۇھىم شاخلىرىدىندۇر. يۇقارقى ماقالە ئاپتۇرنىڭ «چاغاتاي تىلى» ئاتالمىسىنىڭ خاتا بوپ كىلىۋاتقانلىقىغا قارىتا يېزىلغان بولسىمۇ، كەلتۈرگەن دەلىللىرى ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈشلىرى، ئۇنىڭ «چاغاتاي تىلى» نى «ئەسكى (كونا) ئۆزبىك تىلى» دەپ يەكۈن چىقىرىشى ئاخىرقى ھېسابتا نەۋائىي كىملىكىنى بەلگىلەشكە بېرىپ يېتىدۇ. بىزدە «داۋاگەر سۇس بولسا قازى مۇتھەم بولار» دېگەن ماقال بار. يىللاردىن بىرى نەۋائىي كىملىكىدە تولا سالا- سۈلھى بولۇپ، بۇ مەسىلىدە كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئۆزىنىڭ ھاياجانلىق چۇقانلىرىدىن نېرىغا ئۆتمىگەنلىكى، بەلكىم ماڭا ئوخشاش «ئۇيغۇر ئۆزبىك دېگەن بىر خەلق» دەپ قاراپ تالاش تارتىشنىڭ ئورنى يوق دەپ قارىغانلىقى، دۆلىتىمىزنىڭ بۇنى دىپلىماتىيە دەرىجىسىگە، سىياسىي دەرىجىگە كۆتۈرۈپ قارىمىغانلىقى(چۈنكى بۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋىيتىگە تاقىشىدىغان مۇھىم نازۇك مەسىلە) ، بىزدىكى نەۋائىي تەتقىقاتىنڭ ئاجىزلىقى، تەتقىقاتىمىزنىڭ پەقەت مىللىي تىل دائىرىسىدە بولۇپ پۈتۈن مەملىكەت ئىچى ۋە خەلقئاراغا ياخشى يۈزلەنمىگەنلىكى سەۋەپلىك نەۋائىي كىملىكىدىكى بايانلىرىمىز ئۆزىمىز بىلەنلا قالدى.

    بۈگۈن مۇنبەرگە يوللانغان يۇقارقى بۇ ماقالە مېنى بىر سىلكىدى. راسىت، ئۇيغۇر، ئۆزبىك خەلقى قېرىنداش، ئاكا-ئىنىدەك خەلقلەر. بۇ توغرىدا ھەرقانداق ئۇيغۇردا ۋە ئۆزبىكتە شەك يوق ۋە بولماسلىقى كېرەك. ئەمدى بۇ خىل «سېنىڭ-مېنىڭ تالاش تارتىشى» ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى چىگىپ قويىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ئۆزبىكىستان خەلقى بۇنى ئويلاشمىدى. نەۋائىينى «ئۆزبىك» دەپ بېكىتىشتە بۇنداق يېنىكلىك بىزگە نۇرغۇن سۇئاللارنى تاشلايدۇ. مەن بۇ ماقالە مۇناسىۋىتىدىن بۇ توغرىدا « نەۋائىي ھەزرەتلىرى ئۇيغۇر-ئۆزبىك ۋە شۇنداقلا تۈركىي خەلقلەرنىڭ بۈيۈك شائىرى» دېگەن قارىشىمدا چىڭ تۇرىمەن. ئۇ يالغۇز ئۇيغۇر ئەمەس، ئۇ يالغۇز ئۆزبىك ئەمەس. ئەينى دەۋىرلەردىمۇ ئۇيغۇردىن ئايرىلىپ چىققان «ئۆزبىك – ئۆزىبەگ»لەر بىزلەردە ئۇنداق ئېنىق ئايرىلمىغان. خۇددى «ئۇ مەھەلىلىك، بۇ مەھەلىلىك» دېيىشكەندەك «ئەنجانلىق»، «قەشقەرلىك»، «يەركەنلىك»، «ئىلىلىق»، «قوقانلىق» ... دېگەندەك بىر بىرىنى ئاتاشقان. ماقالىدە تىلغا ئالغان بابۇرنىڭ بايانىدىمۇ :« ئەندىجان ئىلى تۈركلەردۇر. شەھەر بازارىسىدە تۈركىي بىلمەس كىشى يوقتۇر. خەلقنىڭ تىلى قەلەم بىلە راستۇر(ئوخشاش).» دېيىلىپ نەۋائىي ئەسەرلىرىنىڭ دەل ئاشۇ تۈركىي تىل بىلەن ئوخشاشلىقىنى قەيىت قىپ ئۆتىدۇ. دېمەككىم ، ئۇ دەۋىرلەردە ئۇيغۇر، ئۆزبىك دېگەن مىللىي ئايرىما تېخى بۈگۈنكىدەك ئېنىق ئايرىلمىغان. بۈگۈنكى تالاش-تارتىلشار بىزگە دەۋىرنىڭ سۇئالى. ئەمدى بىز بۇ سۇئالغا قانداق جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك؟ مەن ھەممىمىزگە توغرا جاۋاب نىسىپ بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ جاۋاب يەنىلا بىردەكلىك، ئىتتىپاقلىق بولىشى مۇمكىن.

    بولدى، ئەسلى سۇئالغا كەلسەك، «چاغاتاي» نامىغا باغلانغان بۇ دەۋىر ئەدەبىي تىلىنى قانداق ئاتاش كېرەك؟ ماقالە ئاپتۇرىنىڭ بۇ توغرىدىكى بىر تىلنى بىر شەخىس نامى بىلەن يەنە كىلىپ مىللىي ئورتاقلىقى بولمىغان بىر كىشى بىلەن ئاتاش توغرا ئەمە دىگەن قارىشى ئەلۋەتتە توغرا. ئەمما، ئۇزۇن يىللىق ئىلمىي تەتقىقاتلاردىكى بۇ ئاتالمىنى بۇنداق ئاسانلا ئۆزگەرتىش كەسىپ ئەھلى بولمىغانلاردا يەنە بىر يېڭى ئېنىق بولمىغان (ياكى خاتا) قاراشنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ھەم بۇ تىلنى يەنە «ئەسكى (كونا) ئۆزبىك تىلى» دەپ ئاتاشمۇ توغرا بولمىغان بولۇپ، ماقالە ئاپتۇرى ئۆزىگە قېرىنداش بولغان، ئەينى دەۋر ھاكىمىيەت، مەدەنىيەت سەھنىسىدە سەركىلىك رول ئوينىغان، موڭغۇل ھۆكۈمدالارغا ئىلمىي ئۇستاز بولغان ئۇيغۇر خەلقىنى، بۇ دەۋىر تىلىدا ئۇيغۇرنىڭمۇ ئۆز ھەق نىسىۋىسىنىڭ ئۆزبىكلەردىن كەم تۇرمايدىغانلىقىنى ئەستىن چىقارغان ياكى نەزەرگە ئالمىغان. بۇ يەردە يەنە شۇنى سەممىيلىك بىلەن ئېيتىش كېرەككى، بىزدىمۇ بۇ دەۋىر تىلىنى «چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى» دەپ ئىشلىتىپ، ۋە شۇ بويىچە مۇناسىپ چۈشۈنۈپ كىلىنمەكتە. بى يۇقارقىغا ئوخشاشلا خاتالىقنىڭ ئالدى بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا بۇ دەۋىر تىلىغا مەيلى ئۆزبىك، مەيلى ئۇيغۇر، ۋە مەيلى تۈركىيە تۈركلىرى ئارسىدىكى ئۆز-ئارا سۈركىلىش، بىر بىرىنىڭ تەتقىقاتىنى ئىتىراپ قىلماسلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە بىر خىل ئومۇملاشقان نام «چاغاتاي تۈركچىسى» دېگەن نامنى قوللىنىش مۇۋاپىق. يەنە نېمە ئۈچۈن «چاغاتاي» نامىنى بىرگە ئىلىپ كەلگەنلىكىمنى ماقالىنىڭ بېشىدا ئوتتۇرىغا قويغانلىقىم ئۈچۈن، ۋە ئۆزۈممۇ بۇ قاراشنى ياقىلايدىغانلىقىم ئۈچۈن يەنە چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرمىدىم. ئاخىرىدا ماقالىنى قوپال كەتكەن، چولتا پىكىرلىك جايلىرى توغرىلىق كۆپچىلىكتىن يەنە بىر رەت ئەپۇ سوراش بىلەن بىرگە، ماقالىگە پىكىر ئوتىنى ياققان ئودغۇرمىش ئەپەندىگە كۆپ رەھمەت. ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئىلمىي ئىزدىنىشلىك ئەسەرلەر بىلەن بىزنى ئۇچراشتۇرىشىغا يەنىمۇ تىلەكداشمەن.

     


    收藏到:Del.icio.us




    评论

  • ئاداش، ھېلىقى ئالتۇن يارۇقنى تەييارلاپ بېرەلەرسىلىمۇ، ئاغىنەم سورىغان ئىدى.
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复كۆكيال说:
    ئۇ ئاداش ئۆزى ئىزدىمىدى. دەپ قويۇپ يوقاپ كەتكەندىن كېيىن مەنمۇ كارىم بولمىغان. ئەگەر راستىنلا لازىم بولسا مەن خەۋىرىنى بىەري. 3 كۈن ساقلاپ تۇڭلا.
    2010-11-13 13:59:31
  • بەرقى مۇنبىرى ئېچىلدىما؟ مەن نېمىشقا ئاچالمايدىغاندەمەن ئېچىلغان بولسا ...
    رەشىد - ئەزىزتۈرك回复كۆكيال说:
    بەرقى مۇنىبىرى تېخى ئېچىلمىدى. بۇ ماقالە بەرقى مۇنبىرى ئوچۇق چاغدا شۇ مۇنبەردىكى بىر ماقالىغا قارىتا يېزىپ يوللانغان.
    2010-11-13 11:53:36