ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-19

    سەلجۇقلار تەزكىرىسى (7) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    بىر كۈنى سۇلتان نىزامۇل-مۈلۈككە: «سەن مېنىڭ بىلەن پادىشاھلىققا تەڭ شېرىكلىك قىلىۋاتىسەن. ھەتتا ھەر ۋىلايەتكە مەندىن رۇخسەتسىز پەرزەنىتلىرىڭنى قويۇپ، ئۇ جايلارنى ئۆز ئىختىيارىڭغا ئالماقچى بولۇۋىتىپسەن. پەرمانىمنىڭ دەستارىڭنى (سەللە) بېشىڭدىن ئۇچرۋىتىشىدىن قىلچە قورىقمايدىكەنسەن.......»دېگەن مەزمۇن بىلەن خەۋەر ئەۋەتتى. نىزامۇل-مۈلۈك بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ مەلىك شاھقا: «مىنىڭ دىينارىم (ئالتۇن ئاقچا) سىنىڭ تاجىڭ بىلەن بارەۋەردۇر، بىراق بۇمۇ ئېيتماققا ئارتۇقلۇق قىلىدۇ» دىگەن جاۋاپنى بەردى، بۇ سۆزدىن سۇلتاننىڭ غەزەپ ئوتى تېخىمۇ ئۆرلىدى. (ئەسلى كىتاپ 28 – بەت)

    نىزامۈل- مۈلۈكنى تاجىل- مۇلك «51» تۇتۇپ بەردى. بۇ چاغدا سۇلتان ئىسپاھاندىن باغداتقا بارغاندى، ئۇلار نىھاۋەندكە يەتكەندە تاجىل- مۈلكنىڭ سۆزى بىلەن بىر مەزھەپ (دىننىڭ بىرەر تارمىقى ئىچىدىكى) كىشى نىزامۈل -  مۈلىككە پىچاق سالدى.

    ئەپسۇس ھېچكىم ئونداق كىشىنى ئۆلتۈرگىلى قەست قىلمىغاي!

    ئۇئەمىر سەكسەندىن ئۆتكەن، ئالەمدە ياخشى- ياماننى بىلگەن ۋە كۆپنى كۆرگەن كىشى ئىدى، ئۇنىڭ ھەر بىر سۆزى بال ئىدى، سۇلتان باغداتقا يىتىپ كىلىپ 18 كۈندىن كىيىن نىزامۇل- مۈلۈك ئۆلدى، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەي سۇلتان ھەم كۆمىلدى، بۇ ھالنى ئەمىر مۇئىزى سۇلتان مەلىك شاھ مەرسىيىسىدىكى مۇنۇ ئىككى بېيىتى ئارقىلىق ئادا قىلغاندۇر:

    كى بىر ئاي ئىچرە ئالەمدىن بەقا بوستانىغە-

    بۇ تەرىقە شاھ ھەم باردى.

    ئانىڭ بايانىدىن قىلدى ناگەھ،

    قەھرى يەزدان، ئەجز سۇلتان ئاشكار.

    ئەجز سۇلتاننى كۆرۈپ فىكر ئەيلە-

    يەزدان قەھرىدىن.

    قىسىسە: سۇلتان مەلىك شاھ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پىشقەدەم مەنساپدارلارنى يۆتكەپ كىلىپ ئىشلەتكەندى، ئۇ ئالەمدىن ئۆتىشى بىلەن نىزامۇل- مۈلۈكنىڭ ئورنىغا تاجىل-مۈلك ئەبۇل فەتتايىم ۋەزىر بولدى، ۋە يەنە شەرفۇل- مۈلك ئەبۇ سەئىد ھېساپ- كىتاپ ئىشلىرىغا پىششىق ۋە ئىقتىدارلىق، قارى ھەم ئالىيجاناپ كىشى ئىدى، ئۇ ھەم بۇشىتىلىپ، ئورنىغا مۇھەممەدۇل-مۈلك ئەبۇلغازىل ۋەزىر بولدى، شۇ تەرەقىدە يەنە نۇرغۇن (ئەسلى كىتاپ 29- بەت)

    نامۇۋاپىق ئىشلار بۇلۇپ ئۆتتى.

    مەلىك شاھ ياخشى سۈرەتلىك ۋە قامەتلىك، ئىگىز بوي، قۇۋۋەتلىك ۋە ساقاللىق، چىرايى ئاق كىشى ئىدى، بىر كۆزىدە قىسىقى بار ئىدى، ئەمما ئۇ قىسىق توغۇلىشىدىن ئەمەس، بەلكى ئادىتىدىن ئىدى، ھەر قانداق قۇرال- ياراقنى ئىشلىتەلەيتى، مەيداندا تۇغ- زەنجىر ئوينىتىشقا تۇلىمۇ چاققانىدى، مۆھىرگە سۈرىتى چۈشۈرىلگەن ئىدى، ئۇ تارىخنىڭ تۆتيۈز قىرىق بەشى، جەمادىيەل- ئەۋۋەل (5-ئاي) دە توغۇلغانىدى، يىگىرمە يىل پادىشاھ بولدى، بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقاندا ئۆمۈر مۇدىتى ئىككى كەم قىرىقتا ئىدى، ۋەزىرلىرى- نىزامۇل- مۈلۈك، موجىدۇل- مۈلك، سەدىيدۇل- مۈلك ۋە كامالىدۇللاھ ئىدى، ياساۋۇلى- قەماج قەلەم ئىدى.

    (ئەسلى كىتاپ 30- بەت)

    بۇ تېمىنىڭ 7-پارچىسى تامام

    分享到: