ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-19

    سەلجۇقلار تەزكىرىسى (5) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

     3 سۇلتان ئالىپ ئارىسلان

     (1063___1072)

    سۇلتان توغرۇلبەگ ۋاپات بولغاندا، ئالىپ ئارىسلان مەھمۇد بىننى جەئىفەر بەگ(چاغرىبەگ) خۇراساندائىدى «30». شۇڭا كىچىك ئىنىسى ئەمىر سۇلايماننى تەخىتكە ئولتۇرغۇزدى. ئەمىر سۇلايمان كىچىك ئىدى. ئالىپ ئارىسلان زۇلھەججەھ ئېيى(12-ئاي)دا كېلىپ، ئۆزى تەخىتتە ئولتۇردى. ئىراق، خۇراسان ۋە كوھىستانغا پادىشاھ بولدى. ئۇ تولىمۇ ھەيۋەتلىك، سىياسەت قىلىچى دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غالىپ، جاھانكۇشاي (جاھاننى شاتلاندۇرغۇچى)، قەددى قامىتى زور، ساقىلى ئۇزۇن؛ ئوقيا ئېتىشتا يۇقرى ماھارەتكە ئىگە كىشى ئىدى. ئاتقان ئوقى خاتاسىز تېگەتتى. تاج كىيىپ تەخىتتە ئولتۇرسا، ئاجايىپ ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. ھەرقانداق ئەلچى كەلسە، پادىشاھنىڭ ھەيۋەت ۋە ئۇلۇغلىقىدىن سۆزلىيەلمەس ئىدى. ئۇ تەخىتكە ئولتۇرغاندا، تاغىسى سۇلتان توغرۇلبەگنىڭ ۋەزىرى ئەمىدۇل-مەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، نىزامۇل- مۈلۈك«31»نى ۋەزىر قىلدى.

    ئەمىدۇل-مەلىك ئۆلتۈرلۈشتىن ئىلگىرى بىر يىل بەنىتتە تۇرغان ئىدى، ھەم ھەسەن ئىبىن ئەلى ئىبىن ئىسھاق پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان ئىدى. بۇ چاغلاردا نىزۇمۇل-مۈلۈلك دىققەت-ئەندىشە ئىچىدە يۈردى. قاچانكى، ۋاقتى-سائىتى توشۇپ، ئەمىدۇل-مەلىكنى ئۆلتۈرگىلى كىشى كەلگەندە، ئەمىدۇل-مەلىك مۆھلەت تىلەپ، (ئەسلى كىتاپ19-بەت)

    تەرەت ئېلىپ ئىككى رەكەت ناماز ئۆتىدى. ئاندىن تاۋلاپ مۇنداق دېگەن ئىدى: «پادىشاھنىڭ ئەمرىنى بىجا كەلتۈرگەندىن كېيىن، دەرھال مېنىڭ خەۋرىمنى پادىشاھقا يەتكۈزگەيسەن ۋە پادىشاھقا ئەمىدۇل-مەلىك(مېنىڭ خىزمىتىم ياخشى خىزمەت ئىدى. مېنى تاغاڭ سۇلتان توغرۇلبەگ ۋەزىرلىك مەرتىۋىسىگە ئۆستۈرۈپ، بۇ جاھاننى بەرگەن ئىدى. سەن شېھىدلىق دەرىجىسىگە ئۇلاشتۇرۇپ، ئاخىرەتنىڭ مۈلكىنى بەردىڭ، سىلەرنىڭ خىزمىتىڭلاردا دۇنيا ۋە ئاخىرەتنى تاپتىم. بۇ چاغقىچە ۋەزىرنى ئۆلتۈرىدىغان بۇنداق يامان، بىددەت رەسىم-قائىدە چىققان ئەمەس ئىدى. ئەمدى بۇ مۇشۇ تەرىقىدە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا مىراس بولۇپ قالغۇسىدۇر)دەپ ئېيتتى دېگەيسەن». ئالىپ ئارىسلان لەشكەر تارتىپ پارسنى ئالدى ۋە كېچىسى توساتتىن ھۇجۇم قىلىپ ھېساپسىز خەلقنى ئۆلتۈردى. ئاندىن رۇم پادىشاھى ئەزمايوس«32»غازىتىغا باردى. ئەزمايوس ئۈچيۈزمىڭ لەشكەر بىلەن مۇسۇلمانلارغا قارشى جەڭگە چىققان ئىدى. ئالىپ ئارىسلان ئون ئىككى مىڭ لەشكەر بىلەن ئۇلارغا شىكەسىت بەردى.

    ئالىپ ئارسلان ئەزمايوسقا قارشى جەڭگە بارغاندا ئەمىرۇل-سەئىدۇللانى لەشكەرلەرنىڭ يولباشچىسى (سەردار)قىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئالدى بىلەن لەشكەرلەرنى تەرتىپلەپ سەپ راستلىدى. ئۇنىڭ قوشۇنىدا رۇم «33»دىن كەلگەن ئازەر ئاتلىق بىر پادىشاھ بارئىدى. سەئىدۇللاھ ئۇنىڭغا ئەزمايوسنى تىرىك تۇتۇشنى تاپىلىدى. دەرۋەقە جەڭدە سەئىدۇللاغا ئەزمايۇس ئۇچراپ قالدى. سەئىدۇللاھ ئۇنى رۇمدا كۆرگەن ئىدى. تونۇپ، ئەسىر قىلىپ دەرھال سۇلتاننىڭ ئالدىغا كەلتۈردى. سۇلتان ئەزمايۇسنى نەچچە كۈن بەند قىلىپ، ئاندىن قۇلىقىغا بەندىلىك(قۇللۇق)ھالقىسىنى سېلىپ، ئامانلىق بېرىپ، ھەر كۈنى مىڭ دىنار جىزىيە(ئولپان، خىراج) (ئەسلى كىتاپ20-بەت)
    تاپشۇرۇشقا ماقۇل قىلىپ قويۇپ بەردى.

    سۇلتان ئالىپ ئارىسلان كېيىنكى ۋاقىتلاردا ماۋائۇننەھىر«34»گە جەڭگە باردى ۋە جەيھۇن(ئامۇ دەرياسىنىڭ قەدىمقى نامى)دەرياسىدىن ئۆتتى. دەريا لېۋىدە«قەلئەيى بۇرزەم»ئاتلىق بىر قورغان بار ئىدى. لەشكەرلەر بۇ قەلئەنىڭ لەشكىرىنى كۈتۈۋالى(قورغان مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ باشلىقى)يۈسۈپ بۇزەمى«35» بىلەن قوشۇپ ئەسىر قىلىپ كەلتۈردى. سۇلتان ئالىپ ئارىسلان ئۇنىڭدىن سۆز سورىغان ئىدى، راسىت سۆزلىمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى قىيناشنى بۇيرۇدى، بەس. بۇ ئادەم جېنىدىن ئۈمىد ئۈزۈپ، ئۆتۈكنىڭ قونجىدىن بىر پىچاقنى ئېلىپ سۇلتانغا قاراپ يۈگۈردى. ئاڭغىچە سۇلتاننىڭ ئادەملىرى تۇتماقچى بولغان ئىدى، سۇلتان مەرگەنلىكىگە ئىشىنىپ تۇتقىلى قويمىدى ۋە بىرپاي ئوق ئۈزدى. بىراق، ئوق خاتا كەتتى. ئۇ ئادەم سۇلتانغا پىچاق ئۇردى. سەئىدۇللا سۇلتاننىڭ ئالدىدا تۇراتتى. ئۆزىنى سۇلتاننىڭ ئۈستىگە تاشلىدى. بىراق ئۈلگۈرمىگەن ئىدى. سەئىدۇللا ئورنىدىن تۇردى(پىچاق سۇلتانغا تەگكەن ئىدى).ئىككى مىڭ لەشكەر سۇلتاننىڭ ئالدىدا سەپ تۈزۈپ تۇرۇشقان ئىدى. يۈسۈپ بۈزەمى قولىدا پىچاق تۇتقان ھالدا بۇلارنىڭ ئالدىدىن قاچتى. لەشكەرلەرنىڭ سەردارى جامئى نىساۋەرنىڭ قولىدا بىر چوماق بار ئىدى. ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ چوماق بىلەن بېشىغا ئۇرۇپ ئۆلتۈردى.

    قىسسە: ئالىپ ئارىسلان مەرد-مەردانە ئىدى. ھەممە ئالەمنى ئۆزىگە قاراتقان ئىدى. جەيھۇننىڭ لېۋىدە بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئوغلى مەلىك شاھنى ئۆز ئورنىدا پادىشاھ قىلدى. سۇلتان مەلىك شاھ«36»نىڭ ۋاقتىدا جامئى نىساۋەرنىڭ ئوغلىنى سۇلتاننىڭ قۇللىرىدىن بىرى ئۆلتۈرۈپ، قېچىپ ھەرەم سارايغا كىرۋالغان ئىدى. جامئى ئارقىدىن كېلىپ ساراينىڭ ئىشكىدە پەرياد-پىغان قىلغان بولسىمۇ، ھېچ پايدا بەرمىدى. ئاخىر بىر كۈنى سۇلتان (ئەسلى كىتاپ21-بەت) ئاتلىنىپ چىققاندا، جامئى ھېچبىر تارتىمانماستىن سۇلتاننىڭ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تۇتۇپ: «ئەي پادىشاھى ئالەم، ئاتاڭنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىشىنى مەن ئۆلتۈرگەن ئىدىم. ئەمدى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرگەن كىشىنىمۇ شۇنداق قىلغىن»_دەپ ئىلتىماس قىلدى. سۇلتان: «راسىت ئېيتىسەن!»دېدى ۋە خىزمەتكارىغا قۇلنى تۇتۇپ كېلىشنى بۇيرىدى. خىزمەتكار قۇلنى ھەرەم سارايدىن تۇتۇپ ئېلىپ كەلدى. سۇلتان ئۆز نامىدىن جامىغا ئون مىڭ دىنار بەرگەن ئىدى، قوبۇل قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن قۇلنى ئۆلۈمگە بۇيرۇدى.

    * * *

    ئالىپ ئارىسلاننىڭ ئون ئوغلى بار ئىدى. ئۇ تارىخنىڭ تۆت يۈز يىگىرمە بىرىنچى يىلى، ماھى مۇھەررەم (1-ئاي)نىڭ ئىككىسى، ئازنا كېچىسى دۇنياغا كەلگەن ئىدى. سۇلتان توغرۇلبەگدىن كېيىن ئون ئىككى يىل ئون ئاي ئۆمۈر كۆردى. ئۇ ئوتتۇز ياشتا ئىدى. لەقىمى سۇلتان ئەسەدۇللا(ئەسەدۇللاھ__ خۇدانىڭ شىرى دېگەن مەنىدە بولۇپ، بۇ ئەسلىدە ئەلىگە بېرىلگەن لەقەم ئىدى)ئىدى.

    بولۇر ياخشىلىق كەلسە، دوسترەس-

    يامانلىقغە دوسىت فەلەكۇ ھەشىت ئېرۇر.

    ئەگەر ئاقىلى ياخشىلىق سارى يۈر،

    كېلۇر ياخشىلىقغە داغى ياخشىلىق،

    يامانلىقغە ھەم كەلگۈسىدۇر بۇ شەق،

    نە خۇش دەبدۇر ئول پىرى ئالەم نەۋرەد،

    يامانلىق يولىدىن چىقارمەكى گەرد.

    (ئەسلى كىتاپ22-بەت)

     بۇ تېمىنىڭ 5- پارچىسى تامام 

    分享到: