ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-10-19

    سەلجۇقلار تەزكىرىسى (6) - [تارىخ پەلسەپە تەتقىقاتى]

    سۇلتان مەلىك شاھ (1072___1092)

    بايان قىلىنىشىچە، سۇلتان مەلىك شاھ_ لەقىمى سۇلتان جەلال دەۋلى(جەلالىدىنئەددەۋلى)مەغزىدە دۇنيا (دۇنيانىڭ ئاقىلى)، ۋالىدەيىن(ئاتا-ئانا)ئەبۇلقۇتتى نەسەبى مەلىك شاھ بىننى ئالىپ ئارىسلان مەھمۇد بىننى ئەبۇ سۇلايمان جەئىفەر بەگ(چاغرىبەگ)بىننى داۋۇت بىننى مىكائىل بىننى سەلچۇق پادىشاھ ئىدى. («ئىزاھات«37»»گە قاراڭ).ئۇ ھەممىگە قادىر ۋە مەدەتكار خۇداۋەندە ئالەمنىڭ نۇسرىتى بىلەن قۇۋەت تاپقان، قۇدرەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ تەۋفىقى(ياردەم، مەدىتى)بىلەن ياخشى نىيەتلىك بولغان؛ ئاتا-بوۋىسى جاھانگىرلىك بىلەن جاھاندارلىق بېغىدا دەرەخ تىكىپ، سايىسىدا سەلتەنەت تەختىنى قويغان ۋە ئۇ دەرەخ بۇ شاھنىڭ (سۇلتان مەلىك شاھنىڭ)دەۋرى باھارىدا كامالىغا يېتىپ مېۋە بەرگەن ئىدى. ئالەم ئۇنىڭغا (سۇلتان مەلىك شاھقا)ئىتائەت قىلغان، كاتتا نامى ئالەمگە يېيىلغان، پۇخرالىرى شاد، شەھەرلىرى مەمۇرچىلىق ئىدى. ئۇ نەچچە زامان جاھان مەيدانىدا ھۆكۈمىرانلىق شوخلۇقى بىلەن جەۋلانلار كۆرسەتتى. مەقسەت كويىنى مۇراد چومىقى بىلەن سوقۇپ، غەرەز ھوسۇلىغا ئىتائەتچان ۋە ئاسان بولماي قالماس ئىدى. ئۇنىڭ نىزامۇل-مۈلۈك(«ئىزاھات«32»»گە قاراڭ)مەسەللىك بىر ۋەزىرى بار ئىدىكى، ئۇ ھەممىدە كامالەتكە يەتكەن. پىشۋايى نەبى(يولباشچى، ئەۋلىيا)ئادەم ئىدى. شۇڭا ئەقلنىڭ زىيادە ۋە مۇكەممەللىكىدىن (ئەسلى كىتاپ23-بەت) سەلتەنەت ئۇنىڭغا مۇقەرەر بولدى.

    سۇلتان پادىشاھلىق دەۋرىدە ئەنتاكىيە«37»دىن ئۆزگەنىتكە ئىككى مەرتىۋە بارغان ئىدى. كېيىن بارغىنىدا تارىخقا تۆت يۈز سەكسەن بىر ئىدى. دەريا لېۋىگە چۈشۈپ ئىككى رەكەت ناماز ئۆتەپ شۈكرانىلەر قىلدى. مەملىكىتى مەشرىق(شەرقتىكى جايلار)دىن مەغرىپ(غەرپتىكى جايلار)غىچە سوزۇلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ خاس كىشىلىرىگە شام«38»ۋىلايەتلىرىنى بەردى. قىسمەدۇللاغا ھەلەب«39»شەھىرىنى بەردى. ئەنتاكىيەنى ئەقسانغا بەردى. قەندىھارنى ئىماد ئەددەۋلىگە بەردى. مۇسۇلنى ھۇكەرمىشكە تەيىن قىلدى. ئۇ يەردىن يېنىپ سەمەرقەنىدكە كېلىپ، سۇلايمان جانبىنى ئەسىر قىلىپ ئۆزگەنىتكە باردى. خوتەندىن تارتىپ ھەر شەھەرگە ئۆزىنىڭ خاس كىشىلىرىدىن بىرنى قويدى. ئاندىن خارەزىم «40»گە باردى. ئاندىن يېنىپ مەرۋى«41»گە كەلدى. بۇ سەپەردە بۇ ئىشلار بىر يىلدا بولۇپ ئۆتتى. ئاندىن ئىسپاھان(ھازىرقى ئىراننىڭ بىر شەھرى)گە كېلىپ، ھەر يەرگە ئۆز كىشىسىنى قويۇپ، رەسىم- قائىدىلەرنى تۈزۈپ بىددەت، يامان ئىشلاردىن خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئۈزۈپ، يۇرت-شەھەرلەرنى چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ تەرتىپلەپ سەرەنجام قىلدى. ئادالەتكى شۇ قاتارلىق ئىدىكى، ئۇنىڭ دەۋرىدە ھېچ يەردە زۇلۇم-پاسات يوق ئىدى. ئېزىلگەن، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلار ئۆزى كىرىپ سۇلتانغا ئەرىز قىلىپ، تەلەپ-مەقسىتىگە يېتەتتى. ئۇلار ئۈچۈن ھېچقانداق توسالغۇ يوق ئىدى.

    ئۇنىڭ(سۇلتان مەلىك شاھنىڭ)خەيرى-ساخاۋەت، ياخشىلىقلىرىدىن بىرى شۇكى، مەككە يولىدا سەرپ قىلىشقا ھېساپسىز مال بۇيرۇدى. ھاجىلارنى مېھنەت-ئەمگەكتىن ئازات قىلدى. ئەمىرۇل-مۆئىمىنىن شاھ ۋاقتىدا، ھەر بىر ھاجىدىن ۋە بادىيە(سەھرا)، مۇجاۋىرانى كەئبەئى مۇئەززەمە(مەككىدە تۇرغۇن (ئەسلى كىتاپ24-بەت)

    بولغۇچى، مەككىدە ياشىغۇچى ئۇلۇغ)لاردىن يەتتە زىخچە ئالتۇن ئېلىش رەسىمى بار ئىدى. بۇ قائىدىنى يوق قىلدى. * * *

    مەلىك شاھنىڭ ھوزۇرىدا دائىم ئاتلىنىشقا تەييار تۇرىدىغان، ئەمدى بۇرۇتى خەت تارتقان يۈز قىرىق ئالتە مىڭ سەۋارە(ئاتلىق)لەشكەر بار ئىدى. بۇلارغا ھەمىشە مائاش بېرەتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن رۇم پادىشاھى كۈنىگە مىڭ دىنار(ئالتۇن ئاقچا)خىراج(ئولپان)تاپشۇراتتى«42». مەلىك شاھ شىكارنى دوسىت تۇتاتتى. بىر«شىكارنامە»دە بايان قىلىنىشىچە: بىر كۈنى مەلىك شاھ يەتمىش كىيىك سوقتى. ئۇنىڭ شىكارغا چىققاندا، ھەر بىر ئوۋ ئوۋلىغاندا دەۋرىشكە بىر دىنار سەدىقە قىلىدىغان رەسىم-قائىدىسى (ئادەت)بار ئىدى. ئۇ يەنە شىكارەاھ ئۈچۈن ئىراق ۋە خۇراساندا ھەر يەردە كىيىك ۋە قۇلان شىرىسدىن مۇنار قىلدۇرغان؛ ماۋائۇننەھىر، ئەرەپ «43» جۇرجىستان ۋە ئىسپاھان ۋىلايەتلىرىدە ھەر شىكارگاھتا بىردىن نىشان قويغان ئىدى.

    بىركۈنى سۇلتان مەلىك شاھ خۇراساندىن ئىراققا كەلگەن ئىدى، تاغىسى قاۋەرد«44»كىرماندىن ئاز بولمىغان لەشكەر ئېلىپ مەلىك شاھقا قارشى ئىراققا يۈزلەندى. ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى بەدرى كۆچتە (مەدىنىڭ غەربىي جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان جاي)قوشۇلدى ۋە ئۈچ كېچە-كۈندۈز جەڭ قىلدى. قىسسە: قاۋەردنى بىر پالۋىنى لەشكەر سېپىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، سۇلتان لەشكىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ جەۋلانبازلىق قىلغان ئىدى، سۇلتان لەشكىرىدىن دەۋران ئاتلىق بىر پالۋان چىقىپ، ئۇنىڭغا بىر قىلىچ ئۇرماق بىلەن ئىككى پارە قىلىپ، ئېتىنىڭ ساغرىسىنى خۇددى خېمىرنى كەسكەندەك كېسىپ تاشلىدى. قاۋەرد بۇ ھالنى كۆرۈپ: (ئەسلى كىتاپ25-بەت)

    «بۇ يەردە تۇرۇپ بولماس»دەپ قېچىپ ئارقىغا ياندى. بىراق ئۈلگۈرەلمەي مەلىك شاھنىڭ لەشكەرلىرىگە ئەسىر بولدى.  مەلىك شاھنىڭ لەشكەرلىرى ھېساپسىز قورال-ياراق، خەزىنە ۋە مال-ئەشيالار غەنىمەت ئالدى. نەرسىلەرنىڭ ھەددى-ھېساۋبىغا ئەقىل سىغماس ئىدى. مەلىك شاھ لەشكەرلىرىنى ئېلىپ جەڭگاھدىن ھەمىدانغا كەلدى ۋە شۇ جايدا چۈشۈپ ئارام ئالدى. بۇ چاغدا لەشكەرلەر: «بىز بۇ جەڭدە بۇنداق مۇۋاپىقىيەت ۋە نۇسرەت بىلەن چارچىغان ھالدا ياندۇق. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپرەك ھەق تىلەيمىز»دىيىشىپ نىزامۇل-مۈلۈكنىڭ ئالدىدا ئەرز قىلىشتى. نىزامۇل-مۈلۈك: «ئەگەر سىزلەر كۆپرەك ھەق ئېلىشنى خالىساڭلار، ئېھتىمال قاۋەردنىڭ گۇناھىدىن ھەم ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. مەن بۈگۈن كېچە بېرىپ سۇلتانغا ئىلتىماسىڭلارنى يەتكۈزۈپ، مەقسىتىڭلارنى ھاسىل قىلاي» دېدى، بەس. بۇ كېچىسى نىزامۇل-مۈلۈك قاۋەردگە (ئوغا سېلىنغان)شاراپ بېرىپ، ئوغلىغا مىل(قۇببىلىك تۇغ، ئۈستىگە ئۇچلۇق قۇببە ئورنىتىلغان بايراق)چىقىرشنى بۇيرىدى. ئەتىسى لەشكەرلەر يەنە كەلدى. بۇ چاغدا نىزامۇل-مۈلۈك لەشكەرلەرگە: «قاۋەرد بەنىدتە قولىنى چايناپ جان بېرىپتۇ. پادىشاھ تاغىسى جەھەتتىن پارىشان بولغاچقا، سىزلەرنىڭ ئىلتىماسىڭلارنى يەتكۈگىلى بولمىدى»دېدى. لەشكەرلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ خامۇش بولۇپ ھېچقانداق ئۈن چىقىرالمىدى. ئاندىن سۇلتان سەمەرقەنىدكە كەلدى ۋە خان(ئەھمەدخان)«45»نى پىيادە ئالدىغا ئېلىپ چىقىپ ئىسپاھانغا ئەۋەتتى. ئاندىن سۇلتان لەشكىرى جەيھۇن(ئامۇ دەريانىڭ قەدىمكى نامى)دىن ئۆتتى. خاجە نىزامۇدىدىن(نىزامۇل-مۈلۈك)ئەنتاكىيەگە خەرج پۈتۈپ، (ئەسلى كىتاپ26-بەت)

    ئۇنى سەمەرقەندلىكلەرگە ۋەزىپە قىلدى. ئاندىن سۇلتان ئاتلانغان ئىدى، سەمەرقەنىد ئەھلى: «بىز قوۋىم دەۋرىشلەردىنمىز. مەئىشىتىمىز پەقەت سۇدىندۇر. ناۋادا بىزنى خەرج ئۈچۈن ئەنتاكىيەگە ئەۋەتسەڭ تەڭلىك تارتىمىز»دەپ پەرياد ۋە پىغانلار قىلىشتى. سۇلتان نىزامۇل-مۈلۈككە:
    «
    ئەي پەدەر، بۇ نېمە گەپ؟ مېنىڭ بۇ دەۋرىشلەر ئىشىنى ئەنتاكىيەگە ھاۋالە قىلماققا قۇدرىتىم يوقتۇر» دېگەن ئىدى. نىزامۇل-مۈلۈك: «ئەي پادىشاھى ئالەم، ئۇلارنىڭ ئەنتاكىيەگە بارمىقى ھاجەت ئەمەس. ھەرقايسىسىنىڭ خەرجى پۈتۈپ مۇقەرەر قىلىنغان. بىزدىن نەق ئالتۇنغا سېتىۋالسا بولىدۇ. مەن بەندە. بۇ ئىشنى پەقەت پادىشاھنىڭ ئۇلۇغلىقى جەھىتىدىن قىلدىم. تا جاھان ئەھلى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمى نەدىن نەگىچە جارى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ قويسۇن ۋە ناقىلانى ئەخبار(نەقىل قىلىپ خەۋەر بەرگۈچىلەر)تارىخلارغا بۇنى پۈتسۇن» دېدى.

    سۇلتان پايتەخىت قىلىش ئۈچۈن شەھەرلەر ئىچىدىن ئىسپىھاننى ئىختىيار قىلىپ، ئۇ يەرگە ئىمارەتلەر، باغۇ-بوستانلار ۋە راۋاق-گۈمبەزلەرنى بىنا قىلدۇردى. شەھەر سىرتىغا يەنە نۇرغۇنلىغان راۋاق ۋە «باغى- كاران»، «باغۇ بەيتىل-مال» ۋە «باغى ئەھمەد شاھ»قاتارلىق باغ بەرپا قىلدۇردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىمارەت سالدۇردى ۋە ياساتتى. خەزىنە ساقلاش ئۈچۈن«قەلئەيى شەھەر» ۋە «قەلئەيى زەركۇھ»نى سالدۇردى. نىزامۇل-مۈلىك ناھايىتىمۇ غالىپ ۋە قۇدرەتلىك ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىدى. ھەر قايسىنى بىر ۋىلايەتكە مەسئۇل قىلغان ئىدى.

    (ئەسلى كىتاپ27-بەت)

    سۇلتاننىڭ خانىشى تۇركان خاتۇن «46» تامغاچ خان «47» نىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ سۇلتانغا غالىپ ئىدى. (تۇركان خاتۇن مەلىك شاھ ئالدىدا ناھايىتى يۇقىرى ھۈرمەت ۋە ئابرويغا ئىگە ئىدى). تامغاچ خاننىڭ تاجىل-مۈلىك ئاتلىق بىر ۋەزىرى بار ئىدى.

    سۇلتاننىڭ يەنە بىر خانىشى زۇبەيدە خاتۇن جەئىفەر بەگ بىننى يەئىقۇبنىڭ قىزى، سۇلتاننىڭ نەۋرە سىڭلىسى ئىدى«48».ئۇنىڭدىن بەكيارۇق «49» ئاتلىق بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ ھەممە پەرزەنتىنىڭ چوڭى ئىدى. تۇركان خاتۇندىن بولسا، مەھمۇد«50»ئاتلىق بىر نارسىدە بار ئىدى. تۇركان خاتۇن دائىم ئوغلى مەھمۇدنى تەخىت ۋارىسى قىلىش نىيىتىدە بولاتتى. ئەمما نىزامۇل-مۈلۈك بەكيارۇققا مايىل ئىدى. شۇڭا ئۇ سۇلتانغا سەلتەنتىگە بەكيارۇقنى ۋارس قىلىشنى تەۋىسيە قىلاتتى. بۇ سەۋەپتىن تۇراكان خاتۇن نىزامۇل-مۈلۈككە ئادەۋەتلىك بولۇپ قالغان ئىدى. سۇلتانغا نىزامۇل-مۈلۈكنى ئەيىپلەپ يامان كۆرسىتەتتى.  نىزامۇل-مۈلۈكنى ئۆلتۈرۈپ، تاجىل-مۈلۈكىنى ۋەزىر قىلىش كېرەكلىكىنى ھەر تەرەپتىن دەلىلەيتتى. شۇنداق قىلىپ ئاخىر سۇلتاننى بۇ ئىشقا كۆندۈردى.

    بۇ تېمىنىڭ 6-پارچىسى

    分享到: