ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-29

    (2) ئوبامانىڭ قاھىرە نۇتۇقى - [پوبلىستىك ماقالىلەر(سەر)]

    يىڭى باشلىنىش

    قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى(مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە)(2009-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى)

     
    مۇزاكىرە قېلىشىمىزغا تېگىشلىك ئارىمىزدىكى جىددىيلىككە سەۋەب بولۇۋاتقان ئىككىنچى مەسىلە بولسا، ئىسرائىل، پەلەستىن ۋە ئەرەب دۇنياسى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن ئىبارەت.
    ئامېرىكانىڭ ئىسرائىل بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىلىسىلەر، بۇ باغلىنىش بۇزۇلماس باغلىنىشتۇر. بۇ باغلىنىشنىڭ مەدەنىي ۋە تارىخىي يىلتىزى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز ئانا زېمىنىغا بولغان ئىنتىلىشلىرى جەريانىدا يۇز بەرگەن رەت قىلغىلى بولمايدىغان تارىخى تراگېدىيەلەر بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.
    دۇنيا مىقياسىدا يەھۇدىيلار ئەسىرلەردىن بىرى ھەر خىل جازالارغا دۇچار بولۇش بىلەن ياۋروپادىكى يەھۇدىي دۈشمەنلىكى تارىختىكى ئەڭ چوڭ يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا سەۋەب بولدى. ئەتە مەن يەھۇدىيلار قۇل قىلىنغان، تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، ئوققا تۇتۇلغان ۋە گاز بىلەن زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن كۆپلىگەن جازا لاگىرلىرىنىڭ بىرى بولغان بۇچەنۋالدنى زىيارەت قىلىمەن. شۇ زامانلاردا بۈگۈنكى ئىسرائىل نوپۇسىدىنمۇ كۆپرەك بولغان 6 مىليوندىن كۆپ يەھۇدىي ئۆلتۈرۈلدى. بۇ تارىخىي پاكىتلارنى رەت قېلىشنىڭ ھىچ ئاساسى يوقلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى بۇ بىر جاھىللىق ۋە ئۆچمەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئىسرائىلنى يوق قېلىش بىلەن تەھدىت قېلىش، يەھۇدىيلارنى تەھدىت قىلىدىغان كونا مۇقاملارنى تەكرارلاۋىرىش نېگىزىدىن ئېيتقاندا ئېغىر خاتا بولۇپلا قالماستىن، بىر تەرەپتىن بۇ ئاچچىق خاتىرىلەرنى پات-پات يەھۇدىيلارغا خاتىرىلىتىش ئارقىلىق ئەمىلىيەتتە بۇ رايون خەلقىگە تازا كېرەكلىك بولغان تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا توسالغۇلۇق قىلىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن پەلەستىندىكى مۇسۇلمانلار ۋە خرىستىئانلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئانا زېمىنىغا بولغان ئىنتىلىشلىرى يولىدا ناھايىتى كۆپ ئازابلارغا دۇچار بولۇۋاتىدۇ.
    60 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۇلار ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلغاننىڭ دەردىنى تارتىۋاتىدۇ. يەنە كۆپلىرى غەربىي قىرغاق، گازا ۋە قوشنا دۆلەتلەردىكى مۇساپىرلار لاگىرلىرىدا ھاياتى بويى تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ئارزۇسى بىلەن قىينىلىپ ئارزۇسىغا يەتمەي كۇن ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. ئۇلار ھەر كۈنى ئىشغال قىلىنىشتىن مەيدانغا كەلگەن چوڭ ياكى كىچىك بولۇپ ھەر خىل خورلۇققا دۇچار بولىۋاتىدۇ. ھىچ شۈبھە يوقكى، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ھالى چىدىغۇسىز. ئامېرىكا ھەرگىزمۇ پەلەستىن خەلقىنىڭ ئىززەت ئابرۇيى ۋە ئوز دۆلىتىنى قۇرۇش يولىدىكى ھەقلىق ئىنتىلىشلىرىگە دۈمبىسىنى قىلمايدۇ. (ئالقىش)
    نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان بۇ يەردە بىر قاتماللىق داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھەر بىرىنىڭ ئۆزىنى ھەقلىق كۆرۈشى ۋە ئۆتمۈش تارىخىنىڭ ھەر خىل دەرد-ئەلەم بىلەن تولغان بولۇشى بۇ ئىككى خەلقنىڭ بىر-بىرىگە يول بېرىشىنى قېيىنلاشتۇرىۋاتىدۇ.
    بىر-بىرىنى ئەيىبلەش ناھايىتى ئاسان، پەلەستىنلىك ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىسرائىلنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە زېمىنلىرىنى ئىشغال قېلىشىدىن مەيدانغا كەلگەن ئۆي-ماكانسىزلىقلار، ئىسرائىللىكلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا تارىختىن بۇيان قوشنىلىرى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئۇچرىغان زەربىلەر ۋە دۈشمەنلىكلەر. ئەگەر بىز بۇ توقۇنۇشنى پەقەت بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن كۆرۈدىغان بولساق ئۇ ھالدا ھەقىقەتكە قارىغۇلارچە مۇئامىلە قىلغان بولىمىز. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئارزۇسىغا ماس كېلىدىغان بىردىن بىر چارە بولسا ئۆزئارا قوشنا ۋە مۇستەقىل، بىر بىرى بىلەن ئىناق ۋە بىخەتەرلىك ئىچىدە ياشىيالايدىغان ئىسرائىل ۋە پەلەستىن دۆلىتىدىن ئىبارەتتۇر. (ئالقىش)
    چۈنكى، بۇ ئىسرائىلنىڭ مەنپەئەتىگە، پەلەستىننىڭ مەنپەئەتىگە، ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە ۋە دۇنيانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. شۇ سەۋەبتىن مەن بۇ قىيىن ۋەزىپە تەقەززا قىلغان پۈتۈن سەۋرچانلىقىم ۋە تېرىشچانلىقىم بىلەن مەزكۇر نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۇچۇمنى سەرپ قىلىمەن. (ئالقىش)
    تەرەپلەرنىڭ بۇرۇنقى يول خەرىتىسىنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبلىك ئۈستىگە ئالغان مەسئۇلىيەتلىرى ناھايىتى ئېنىق. ئەگەر تىنچلىق بولىدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ۋە ھەممىمىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئالغان مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قېلىشنىڭ ۋاقتى كەلدى دېمەكتۇر.
    پەلەستىنلىكلەر چوقۇم زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى كېرەك. زوراۋانلىق ئارقىلىق قارشىلىق قېلىش ۋە ئۆلتۈرۈش ھەم خاتا ھەم نەتىجە بەرمەيدۇ.
    ئەسىرلەر بويى ئامېرىكىدىكى قارا تەنلىكلەر قامچا توقماق ئاستىدا ئېزىلدى ۋە ئايرىمچىلىققا ئۇچرىدى. بىراق ئۇلارنىڭ باراۋەرلىك ۋە ئادىل ھەق-ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى تۇتقان يولى ھەرگىزمۇ زوراۋانلىق ئەمەس ئىدى. دەل ئەكسىچە ئامېرىكانىڭ قۇرۇلىشىدىكى ئىدىيەلەرنى مەركەز قىلغان تىنچلىق ئاساسىدىكى ئۆزلۈكسىز قارشىلىق ئىدى. ئوخشاش ھېكايىلەرنى جەنۇبى ئافرىقادىن جەنۇبىي ئاسىياغىچە، شەرقىي ياۋروپادىن ھىندونېزىيىگىچە ئۇزارتىش مۈمكىن. بۇ ھېكايىلەرنىڭ ھەقىقىتى ناھايىتى ئاددى بولۇپ، زوراۋانلىق چىقماس يولدۇر. يېرىم كېچىدە ئۇخلاۋاتقان بىر بوۋاققا قارىتىپ راكىتا ئېتىش ۋە ياكى ياشانغانلار ئولتۇرغان ئاپتوبۇسنى پارتلىتىش قانداقتۇر كۇچلۇكلۇكنىڭ ۋە ياكى مەردانىلىقنىڭ بېشارىتى بولالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەسلا مەنىۋى ئۇستۇنلۇك ئەمەس بەلكى تەسلىمچىلىكتىن ئىبارەت.
    مانا ئەمدى پەلەستىنلىكلەر نېمە بىنا قىلالايدىغانلىقىغا مەركەزلىشىشى كېرەك. پەلەستىنلىكلەر چوقۇم ئۆزلىرىنى ئىدارە قىلىدىغان ۋە ئۆز خەلقىنىڭ ئېھتىياجىغا جاۋاب بىرەلەيدىغان ئورگانلارنى قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. خاماسنىڭ بەزى پەلەستىنلىكلەر ئارىسىدا ئېتىبارى بار، شۇنداقكەن، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىدىكى مەسئۇلىيەتنى بىلىشى كېرەك. پەلەستىن خەلقىنىڭ ئارزۇلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى، پەلەستىن خەلقىنىڭ پۈتۈنلىشىش ئۈچۈن خاماس چوقۇم زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشى، بۇرۇنقى تۈزۈلگەن توختامنامىلەرگە رىئايە قېلىشى ۋە ئىسرائىلنىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىنى ئېتىراپ قېلىشى كېرەك.
    ئوخشاشلا ئىسرائىلمۇ شۇنى بىلىشى كېرەككى، خۇددى ئىسرائىلنىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقى رەت قىلىنالمىغىنىدەك پەلەستىننىڭ مەۋجۇتلۇق ھوقۇقىمۇ رەت قىلىنالمايدۇ. ئا ق ش ئىسرائىل داۋاملاشتۇرىۋاتقان يەرلىشىم كەڭەيمىچىلىكىنى قوبۇل قىلمايدۇ. (ئالقىش)
    بۇ يەرلىشىم ئىنشائاتلىرى بۇرۇنقى توختامنامىلارغا خىلاپلا بولۇش بىلەن بىرگە، بەلكى تىنچلىقنى بەرپا قېلىشنىڭ ھۇلىنى كولاشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. بۇ يەرلىشىم مەركەزلىرىنىڭ توختاش ۋاقتى كەلدى. (ئالقىش)
    ئىسرائىلمۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆز تۇپرىقىدا ياشىيالىشى ۋە ئۆز جەمئىيەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرالىشى ھەققىدىكى جاۋابكارلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. گازادىكى داۋاملىشىۋاتقان ئىنسانىي كرىزىس ۋە غەربىي قىرغاقتىكى بوغۇلما ئىسرائىلنىڭ بىخەتەرلىكىگە پايدا ئەكەلمەيدۇ. شۇڭلاشقا پەلەستىن خەلقىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇشلار چوقۇم يول خەرىتىسىنىڭ ئايرىلماس پارچىسى بولىشى ۋە ئىسرائىل بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كونكىرىتنى تەدبىر ئېلىشى كېرەك.
    ئاخىرىدا ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ شۇنى تولۇق ھېس قىلىشى كېرەككى، يېڭىدىن باشلانغان ئەرەب تىنچلىق ھەرىكىتى مۇھىم بىر باشلانغۇچ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ جاۋابكارلىقىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەرەب-ئىسرائىل توقۇنۇشى ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى مەۋجۇت ئىچكى مەسىلىلىرىدىن ئاھالىنىڭ دىققىتىنى بۇراشتىكى بىر ۋاسىتە قېلىنىپ قوللۇنۇلماسلىقى، دەل ئەكسىچە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنى ئىدارە قېلىشتا ۋە دۆلىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتا زۆرۈر بولغان دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا ياردەم بېرىشى، ئىسرائىلنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئېتىراپ قېلىشى، ئۆز-ئۆزىنى مەغلۇپ قېلىش ئاساسىدىكى ئۆتمۈشكە ئەمەس بەلكى كەلگۈسى تەرەققىياتقا دىققىتىنى مەركەزلەشتۇرۇشى شەرت.
    ئامېرىكا تىنچلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى سىياسەتلىرىنى دەل بۇ پرىنسىپلارغا بىنائەن يۈرگۈزىدۇ ۋە بىز ئىسرائىل، پەلەستىن ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىگە پىنھان يەردە نېمىلەرنى دېگەن بولساق ئاممىۋى سورۇندىمۇ ئوخشاش مەيداننى تەكىتلەيمىز. (ئالقىش)
    بىز تىنچلىقنى مەجبۇرىي ھالدا تاڭالمايمىز. كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ئىسرائىلنىڭ بىر يەرگە يوقاپ كەتمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. ئوخشاشلا كۆپلىگەن يەھۇدىيلارمۇ پەلەستىن دۆلىتىنىڭ زۆرۈرىيىتىنى تونۇپ يېتىپ بولدى. بىزگە چۈشكەن ۋەزىپە ھەممىگە ئايان بولغان، لېكىن ئېيتىلمىغان بۇ ھەقىقەت بويىچە ھەرىكەت قېلىشتۇر. (ئالقىش.)
    نۇرغۇن كۆز ياشلار ۋە كۆپلەپ قانلار تۆكۈلدى. ھەممىمىزنىڭ مەسئۇلىيىتى پەلەستىنلىك ۋە ئىسرائىلىيەلىك ئانىلارنىڭ ھېچبىر قورقۇمسىز ھالدا پەرزەنتلىرىنى بىخەتەر ھالدا تەربىيىلىيەلەيدىغان بىر كۈننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەشمەكتۇر. ئۈچ چوڭ دىننىڭ مۇقەددەس جايى بولغان بۇ مۇقەددەس تۇپراقلار خۇددى ئاللاھ ئارزۇ قىلغاندەك تىنچلىق ماكانى بولۇشى كېرەك. قۇددۇس(يېرۇسالىم) قاچانكى يەھۇدىيلار، خرىستىئانلار ۋە مۇسۇلمانلار ئۈچۈن بىخەتەر ۋە مەڭگۈلۈك ماكان بولغىنىدا، خۇددى ئىسرا(قۇرئاندىكى «ئىسرا سۇرىسى»دىكى ھېكايىنى كۆزدە تۇتقان)دا (ئالقىش) قەيت قىلىنغىنىدەك ئىبراھىمنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرى ئوز-ئارا قۇچاقلىشالايدىغان تىنچ بىر ماكانغا ئايلانغاندىلا، مۇسا، ئەيسا ۋە مۇھەممەد (ھەممىسىگە تىنچلىق يار بولسۇن) بىر ئارىدا دۇئا قىلالىغاندىلا ئاندىن بۇ تۇپراقلاردىكى تىنچلىق ئىشقا ئاشقان بولىدۇ. (ئالقىش)
    (3)
    بىزگە ئورتاق بولغان جىددىيلىككە سەۋەب بولۇۋاتقان ئۈچىنچى مەسىلە بولسا، دۆلەت ۋە مىللەتلەرنىڭ ئاتوم قوراللىرى جەھەتتىكى ھوقۇقلىرى ۋە مەسئۇلىيىتىدىن ئىبارەت.
    بولۇپمۇ بۇ مەسىلە ئا ق ش بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئارىسىدىكى چوڭ جىددىيلىككە سەۋەب بولىۋاتىدۇ. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىران ئۆزىنى دۆلىتىمگە قارشى بىر كۇچ سۈپىتىدە تەرىپلەپ كەلدى. تارىخىمىزدا بۇ بوران-چاپقۇنلۇق مۇناسىۋەتلەرگە دائىر كۆپ پاكىتلارمۇ مەۋجۇت. سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە ئامېرىكا ئىران خەلقى تەرىپىدىن دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ئىران ھۆكۈمەتنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى رول ئوينىدى. ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىران گۆرەگە ئېلىش يولى بىلەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋە خەلقىگە قارشى زوراۋانلىق پوزىتىسىيىسى تۇتتى. بۇ تارىخلار ياخشى بىلىنگەن تارىختۇر. ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەرگە قارشى بولۇش ئورنىغا، مەن ئىران رەھبەرلىرى ۋە خەلقىگە بۇندىن كىيىن ئالدىمىزغا قاراپ قەدەم بېسىشقا تەييارلانغانلىقىمنى ئوچۇق ئىپادىلىدىم. ھازىرقى سۇئال ئىراننىڭ نېمىگە قارشى تۇرۇشى ئەمەس بەلكى ئىراننىڭ قانداق بىر كەلگۈسى بەرپا قىلماقچى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت.
    مەن ئون نەچچە يىللاردىن كەلگەن بۇ ئىشەنچسىزلىكنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلىمەن، لېكىن ئىرادە، كەسكىنلىك ۋە ئۈزلۈكسىزلىك ئىچىدە بۇ ئىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىمەن. ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ناھايىتى كۆپ مەسىلىلەر مەۋجۇت ۋە بىز ئوزئارا ھۆرمەت ئاساسىدا ھېچقانداق ئالدىنقى شەرت قوشماستىن ئالدىمىزغا قاراپ يول ئالىمىز.
    مەسىلىگە ۋاقىپ بولغان تەرەپلەرگە ناھايىتى ئېنىقكى، ئاتوم يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدە بىز كەسكىن بىر نۇقتىغا كېلىپ يەتتۇق. ئوتتۇرا شەرقتە، پۈتۈن رايوندا ۋە يەرشارىدا ناھايىتى خەتەرلىك نەتىجىلەرنىڭ تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولىدىغان ئاتوم يادرو قوراللىرى رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يالغۇزلا ئامېرىكانىڭلا مەنپەئەتى ئەمەس.
    مەن يەنە نېمە ئۈچۈن بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئاتوم قوراللىرى بار ۋە بەزىلىرىنىڭ نېمىشقا يوق دېگەن چۇشەنجە ئاساسىدا ئوز نارازىلىقلىرىنى بىلدۇرگەنلەرنىمۇ ياخشى چۈشۈنۈمەن. ھىچ بىر يەككە دۆلەت كىمنىڭ ئاتوم قورالىغا ئىگە بولۇشى ياكى بولماسلىقىغا قارار بەرمەسلىكى كېرەك. شۇ سەۋەبتىن مەن ئامېرىكانىڭ ھىچ قانداق دۆلەتنىڭ ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە بولماسلىقىدەك مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۇرمەكچى. (ئالقىش)
    ھەر قانداق دۆلەت، ئىرانمۇ بۇنىڭ ئىچىدە، ئاتوم قوراللىرىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش ئەھدىنامىسىگە بويسۇنۇش شەرتى ئاستىدا زۆرۈر بولغان تىنچلىق مەقسىتىدىكى ئاتوم ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىشقا ھوقۇقلۇق. بۇ مەسئۇلىيەت مەزكۇر ئەھدىنامىنىڭ يادروسى بولۇپ مۇتلەق شەكىلدە بويسۇنۇش زۆرۈر بولغان بەلگىلىمىدىن ئىبارەتتۇر. ئىشىنىمەنكى بۇ رايوندىكى بارلىق دۆلەتلەر مەزكۇر غايىگە ئورتاقلىشالايدۇ.
    (4)
    مەن تەكىتلەيدىغان تۆتىنچى مەسىلە بولسا، دىموكراتىيەدۇر. (ئالقىش)
    يېقىندىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىراق ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا دېموكراتىيەنى تەرغىب قېلىش جەھەتتە كۆپ قارمۇ-قارشىلىقلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن خەۋەردارمەن. مەن ناھايىتى ئوچۇق ۋە كەسكىن ھالدا ئېيتايكى، ھىچ بىر دۆلەت سىستېمىسى باشقىلارغا باشقا بىر دۆلەت ۋە ياكى مىللەت تەرىپىدىن مەجبۇرلانماسلىقى كېرەك.
    بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئەمىلىيەتتە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى مىنىڭ ئىرادەمنى ئاجىزلاشتۇرمايدۇ. ھەر بىر دۆلەت ئۆز خەلقىنىڭ ئەنئەنىۋى ئادەتلىرى ۋە ھايات شەكىللىرى ئاساسىدا بۇ پرىنسىپلارغا كېرەكلىك مەنالارنى يۈكلەيدۇ. خۇددى تىنچلىق ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان سايلاملارنىڭ غەلىبىلىرىنى بىز بەلگۇلىيەلمىگىنىمىزدەك ئولتۇرغان يېرىمىزدە كىمگە نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلەلىشىمىزمۇ مۈمكىن ئەمەس. شۇنداقتىمۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بىر ئارزۇغا ئىگە ئىكەنلىكىگە كەسكىن ھالدا ئىشىنىمەن. يەنى ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئەركىن ئىپادىلەش، قانداق ئىدارە قېلىنىۋاتقانلىقلىرىغا دائىر ئۆز پىكرىنى بايان قېلىش، قانۇن بىلەن دۆلەت باشقۇرۇشقا ۋە ئادالەتنىڭ ئادىل ئىشلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچ باغلىيالاش، ئۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئىش قېلىشى ۋە باشقىلارنىڭ ھەققىنى ئوغرىلىماسلىقى، ھەركىمنىڭ ئۆزى تاللىغان يەردە ياشىيالىشى ئەركىنلىكى قاتارلىقلار تىپىك مىساللاردۇر. بۇلار يالغۇز ئامېرىكانىڭ ئىدىيىلىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بۇلار ئەڭ تەبىئىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىدۇر. شۇنداق بولغىنى ئۈچۈن بىز بۇ ئىدىيەلەرنى ھەر يەردە قوللايمىز. (ئالقىش)
    نۆۋەتتە بۇ ۋەدىلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈز كەتكەن بىر يولى يوق. لېكىن شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ھوقۇقلارنى قوغدىغان، ھىمايە قىلغان دۆلەتلەر تېخىمۇ مۇقىم، مۇۋەپپەقىيەتلىك ۋە بىخەتەر ھالدا تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. پىكىرلەرنى باستۇرۇش ھىچ بىر شەكىلدە ئۇ پىكىرلەرنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. بەزىدە بىز ھىچ بىر شەكىلدە قوبۇل قىلمىساقمۇ، قانۇن ئىچىدە ۋە تىنچلىق ئاساسىدا بارلىق پىكىرلەرنىڭ ئەركىن ھالدا ئىپادىلىنىشىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىپ كەلدۇق. بارلىق سايلانغان، تىنچلىقسۆيەر ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بۇ ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلغان ئاساستا دۆلەتنى ئىدارە قېلىشىنى قارشى ئالىمىز.
    بۇ يەردە يەنە بىر نۇقتا ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى بەزىلەر پەقەت ھوقۇقتىن ئايرىلىپ قۇدرىتىدىن ئۇزاق قالغاندىلا ئاندىن دېموكراتىيەنى تەرغىب قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇلار ھوقۇق تۇتقاندا رەھىمسىزلەرچە باشقىلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدۇ. (ئالقىش)
    شۇنداقكەن، نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر خەلق تەرىپىدىن خەلق ئۈچۈن دەپ ھوقۇققا چىققان ئۇ ھۆكۈمەتلەر بارلىق ئىنسانلا ئۈچۈن ئورتاق بىر ئۆلچەم بېكىتىشى شەرت. ئۇلار ئوز ھوقۇقلىرىنى زوراۋانلىق ئاساسىدا ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ رازىلىقى ئاستىدا يۈرگۈزۈشى، ئازسانلىقلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قېلىشى، يول قويۇش ۋە كەڭ قورساقلىق پرىنسىپلىرى بىلەن ئىدارە قېلىشى، ئۆز خەلقىنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى ھەمدە دۆلەتتىكى سىياسى مىخاينىزىملارنىڭ ھەققانى جەريانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ پارتىيىسىنىڭ مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن تۇتۇشى شەرت. بۇ تەركىبلەر ئىشقا ئاشۇرالماي تۇرۇپ يالغۇز سايلام ئۆتكۈزۈش بىلەن ھەقىقىي دېموكراتىيە بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ.
    تىڭشىغۇچىلار: باراك ئوباما، بىز سىزنى سۆيىمىز!
    پرېزدېنت ئوباما: تەشەككۈرلەر. (ئالقىش)

    داۋامى بار: 

    ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچى: م. توختى

    مەنبە: جىدەلخور بلوگى


    收藏到:Del.icio.us