-
2010-09-26
موللا مۇسا سايرامى شېئىرلىرىدىن پارچىلار - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
نېچۈن شۇنچە سېنىڭ ئەلگە ئازارىڭ ؟
ۋە نە تۈپەيلى ئىدۇر ، ئىفتىخارىڭ ؟
ئىبارا ، كۆڭلۈمنى شاد ئەتتىڭ شۈكرى ،
مەن پەقىر قۇلۇڭنى ياد ئەتتىڭ شۈكرى .
قېرىلىق باغىمدا ئۈندى سەۋر نىھال ،
قەددىدەك تىكلەندى قەددىم ، ئەسلىي دال .
سولمەسۇن ئوغلۇمنىڭ بۇلبۇل زەبانى ،
ئەسلا ھەم كەم بولماغەي جىمى ئىمكانى …
يېمەي تويدۇم بۇنداغ ئاشقا ،
چۆمۈچ تەگدى ئالتۇن باشقا ،
بۇ ئورمانى ئورماسەم ،
كۈنۈم ئۆتمەيدۇر مۇندىن باشقا .
بار ئەردى نەچچە خانلار ، نەچچە بەگلەر ،
يەنە مەن-مەن دېگەن تالايۇ بايلەر .
بەرى ئالدىمىزدىن بىر – بىردىن ئۆتتى ،
كۆزىمىز بىرلە كۆردۇق قانچە ئۆتتى .
قايان كەتتى سەلتەنەت بىرلە سەۋلەت ،
يەنە پۇل – مال ، جانى ۋە بەلكى دەۋلەت …
جەمئىي ئېتىب تارىخچەنى يەتمىشتىن ئاشقاندا مەن ،
ئەقىل – ئىدراك ، تەن زەئىب ، خىر-خىر يۆتەل بولغاندا مەن .
بۇ پاراكەندە سۆزۈمدە كۆرسەڭىز نۇقسانىنى ،
رەھمى ئەيلەب ئىسلاھ بەرىڭ ، چۈنكى مەن بۇ ھالدامەن .
ئوتنىڭ رەڭگى قىش كۈنى گۈلشەندە گۈل پۈتكەنچە بار ،
«ھۆر – ھۆر» ئەتكەن نالەسى بۇلبۇل سادا ئەتكەنچە بار .
ئول ئىسسىق ئۇ كىم ھەمىشە ئوچاقىدا دەم ئۇرار ،
ياز ئەييامىدا گويا باغ ئىلە بوستانچە بار .ئوت يۈزىنى توسسا ئۇچقۇن دىلرەبا مەھبۇبىلەر ،
ئاتەشىن ئارەزگە نازۇك فەردىنى ياپقانچە بار .
ئاختارىب باققاندا كۈلنى چىقسا گەر بىر دانە چوغ ،
ئاشىقى دىلخەستەلەرگە خەندانى جانانچە بار.
بارچە ئەتراپى كۆيۈب ئوتى ئۆچۈب قالغان كۆتەك ،
باش قويى سالىب تەۋەججۇھ تاشلاغەن ئىشانچە بار .
مۇزلەبان تىترەب گەرەخ ( شاھ ۋە پىل - شاھمادتىكى) ئالغاندا ئۇچراشقان جىلاۋ ،
دەۋزەخ ئەھلى داخىل ئولغان جەننەت رىزۋانچە بار .
ئەگەر پادىشاھ بولسە مۇلايىم سۇخەن ،
كى مۈشكۈلىنى ئاسان ئەيلەگەي ھافىزى ھەي .
گەر خاھىش ئەتسەڭ ئۆز ئاسايىشىڭ ،
دىيارىڭدا ئارام ئالالماس ھېچ كىشىڭ .
گەر قارا توقۇلسە ئەزەلدە كىشىنىڭ گىلىمى ،
ئابى زەم – زەم بىرلە ئاقارماس ھەرنېمە يۇغان بىلەن .
ياغدى ياغمۇر ، بولدى پاتقاق ، ماڭغىلى بولماس ياياق ،
بۇ پېتىق بىرلە بۇ ياغمۇردىن يۈرەلمەس ئات – ئۇلاغ .
ئۆستەڭ ئولدى كوچالەر ، ئەنھار بولۇب ھەربىر ئىشىك ،
ئاسمان تۈبى تېشىلدى بايا زېمىن بولدى بۇلاق .
باش چىقارماق مۇمكىن ئېرمەس ھېچ ئىشىكدىن بىر كىشى ،
قامىلىپ ئۆيلەردە بىز قالدۇق جامائەتتىن يىراق .
بولدى دېھقان جىرمانى ھۆل ھەم ئېتىزدا ئۆنجىسى ،
كۆك يېغىننىڭ دەستىدىن ھەم يوقالىب ، قوغۇن – قاپاق .
كېچە – كۈندۈزلەپ ياغىب ، ئالەم قارار ئالماس نەپەس ،
ئاسراغىل ئاپەت – بالاھدىن ، بەندىنىڭ ھالىغا باق .
قاتتىغ ئولدى كەمبەغەل بىچارە غەرىبلارنىڭ كۈنى ،
ئاچ – يالاڭلار ئاچقا ئۆلسە ، غەم يېمەسلەر توق قورساق .
ھەممە ئىشان ، ئەرەبى سەيد دېگەنلەر ،
يەنە ھەججى ، مۇجاۋۇرى ھەرەملەر .
يەنە كەلتۈرگەنى ھەم كەئىبە تۇفراق ،
يەنە مويى مۇبارەك شەددە بايراق .
كېچەلەر ئۇيۇماي ، ھوۋ – ھوۋنى ئەيتىب ،
ئۆزىنى كۆرسەتىب پىرى ھىدايەت ،
ۋە لېكىن ئازغۇرۇب يولدىن زالالەت .
ھەممە ئىشاد تەمەئىدىن خالىي ئېرمەس ،
يەنە ئۇچبۇرىيادىن خالىي ئېرمەس .
ئاتادىن يادىگار نەمۇنە ئوغلۇم ،
قۇلاق سالىڭ بالام ، سۆزۈمگە ئوغلۇم .
ھارامۇ – شۈبھىيلەردىن فەرھىز ئەيلەڭ ،
ئۆزىڭىزدىن ئۇلۇغقە ھۆرمەت ئەيلەڭ .
كى بۇغداي تېرىغان بۇغداي ئالۇرلەر ،
كى ئارپا تېرىسا ئارپا ئالۇرلەر .
جاھاندا ياخشىلىق ئەسلا تاپىلماس ،
يامانلىقتىن ھەر ئىش ئىلگەرى باسماس .
سۆزۈڭنى قىسقا قىل ئەي موللا مۇسا ،
گۇناھىڭنى كەچۈرگەي ھەق تائاللاھ .
خىتابنى مەن قىلىبدۇرمەن بالامغا ،
ۋە لېكىن بۇ سۆزۈمدۇر خاسۇ ئامغا .
دىگىل ئۈچ يۈز يىگىرمە بەش مۇڭا يىل ،
يەنە باردۇر تېخى مىڭ ، ئۈستىگە بىل .
历史上的今天:
ئاداققى ئاۋغۇست 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (4) 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (3) 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (2) 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (1) 2010-09-26
收藏到:Del.icio.us
评论