ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-26

    سەبۇرى غەزىلى - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    ئىمىر ھۈسەيىن سەبۇرى---18-ئەسىرنىڭ ئاخىرى،19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن تەرەقىييپەرۋەر شائىرلارنىڭ بىرى، ئۇنىڭ بىر قانچە چوڭ شىئېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى" ئون ئىككى مۇقام" نىڭ چوڭ نەغمە قىسمىغا سېلىنىپ ئۇزۇندىن بۇيان ئېيتىلىپ كەلمەكتە. بىر قانچە غەزەل، تەرجىبەند، مەسنىۋىلىرى كىچىكرەك بىر توپلام شەكلىدە بىزگىچە يېتىپ كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر شىئېرىدا ئۆزىنىڭ قەشقەر شەھىرى قورغان يېزىسىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.

      غەزەل

    نە بولغاي، ئەي ،سەبا گەر سائىتى تەركى جەفا تۇتساڭ،

    تەلافى كاش يۈز نەۋمىد ئېتىپ بىر مۇددىئا تۇتساڭ.

     

    ئەسرو خانە ۋەيران، غەرىبۇ خاكسار ئولغۇڭ،

    نىگاھى خەنجەرۇ مىژگان ناۋەك، قاشى يا تۇتساڭ.

     

    كۆيۈپ ئەفلاك، ئۆرتەنگەي مەلەك، تىترەر كەۋاكىبلار،

    چېكىپ ئەفغان، غەم سەيلى شەرھى ماجرا تۇتساڭ.

     

    فەلەك بىر مىھىر، دەۋران بىغەم، مەھبۇبلار بى پاك،

    نەخۇشتۇر بى خۇدۇ سەرمەست تەركى ماسىۋا تۇتساڭ.

     

    تاپار ئەبھار سەيرسىز رىشتەئى مەقسۇد ئول سائەت،

    كى رەھى ئەجز، تەرىقى فەقر، ئايىنى فەنا تۇتساڭ.

     

    جاھان جاھ جالال ئىستەمان، ئەي چەرخ كاج رەفتار،

    سەبۇرى نەچە بى خانۇ-مانۇ، ماكسارۇ بىنەۋا تۇتساڭ.

     

     تەرجىمىسى:

    1. ئەي سەبا، بىر سائەت بولسىمۇ جاپا قىلىشنى تاشلىساڭ نېمە بولاتتى، كاشكى ئەجرىگە ئىگە بولۇشتىن يۈز مەرتىۋە نائۈمىد قىلساڭمۇ، بىر مەرتىۋە ئۈمىتلىك قىلساڭ.

    2. نىگاھى خەنجەر، كىرپىگى ئوق، قاشلىرى يا بىر مەھبۇبنى يار تۇتساڭ، ئۇنىڭ ئىشقىدا ئەسىر بولۇپ، خانىۋەيران، خار-غېرىب بولىسەن.

    3. پىغان چېكىپ، غەم ياشلىرىنى تۆكۈپ، ئىشىق ماجراسىنى شەرھ قىلساڭ، ئاسمان كۆيۈپ، پەرىشتىلەر ئۆرتىنىپ ، يۇلتۇزلار تىترەپ كېتىدۇ.

    4. پەلەك رەھىمسىز، دەۋران بىغەم، مەھبۇبلار بىپەرۋا، شۇڭا ئۆزۈڭنى بىخوت- مەست قىلىپ ھەممىدىن ۋاز كەچكىنىڭ ياخشى.

    5.ئاجىزلىق، پەقىرلىق يولىغا كىرىپ، فەنا رەسمىي- يوسۇنلىرىنى تۇتساڭ، چوڭ دېڭىزنى سەير قىلمايمۇ مۇرات- مەكسىتىڭگە ئېرىشەلەيسەن.

    6. ئەي تەتۈر پەلەك، سەبۇرىنى ئۆي- جايسىز، خار، بىچارە تۇتساڭ مەيلى، (چۈنكى) مەن جاھاندا مەنسەپ- مەرتىۋە ، ئۇلۇغلۇق ئىزدىمەيمەن.

     چۈشەندۈرۈش ۋە تەرجىمىسىنى ئابلىمىت روزى ئىشلىگەن.

     

    مەنبە: گۈلىستان مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us