ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-26

    مەسئود ۋە دىلئارادىن پارچە - [سەرخىل گۈللەر بېغى]

    ئابدۇرېھىم نىزارى

         بەسىر پادىشاھى مىرزەبان پەرزەندى يوق جەھەتىدىن ئوزلەت (خىلۋەتتە يالغۇز ئولتۇرۇپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈش) ئىختىيار قىلىب،جاناب ھەزرەتى ئىززەتكە تەۋەججوھ (يۈزلىنىش) بىرلە يۈز كەلتۈرگەنى، بۇ ۋاقىئەدىن ۋەزىر ۋە ئومرالار خەبەر تاپىب پادىشادىن سەبەبى ۋاقىئەنى سوئال قىلغانى ۋە پادىشا ئوز ئەھۋالىنى بايان قىلغاندا، بۇلار مۇنەججىملەرنى جەمئى قىلىب ئانىڭ تالەئىدىن قۇرئە سالىب يەمەن پادىشاھى قىزى ئەزدېۋاجىغە (ئۆيلىنىش) تەرغىب ئەيلەگەنى، مىرزابان ئول پەرىۋەشنى ئەقد قىلىب، ئانىڭدىن شەھزادە مەسئود ۋۇجۇد تاپقانى.

    بار ئېردىكى شاھى (بىر شاھ) بەسى (كۆپ، تولىمۇ) نامدار،
    شەھەرلەر مۇسەخخەر (بويسۇندۇرۇلغان، قول ئاستىدا) ئىدى بىشۇمار (سان-ساناقسىز)
    ئەدەددىن فۇزۇنراق (ھېسابىنى ئېلىپ بولماس) ئىدى لەشكەرى،
    شەجائەتدە يەكتا (يەككە يېگانە) ئىدى ھەر بىرى.
    ئۆزى ئادىل ئېردى رەئىيەتنەۋاز (پۇقراپەرۋەر) ،
    ئانىڭ لۇتپى بىرلە ئولۇس سەرفەراز (بەختىيار).
    قىلىپ ھەق يولىدا دەرەملەر (پۇل) نىسار (چاچماق)،
    كى جەۋدۇ ( سېخىلىق) كەرەمنى ئىتىب ئىختىيار.
    قارىلىقتا بولدى فەناغا ياۋوق (ئۆمرى تۈگەپ قالماق)،
    ۋەلى مۇنچە ياشداكى فەرزەندى يوق.
    ئىدى ئىسمى ئانىڭ شاھ مىرزەبان،
    ئۆزى ئاقىل ئانچە بەسى نوكتەدان.
    قىلۇر ئېردى ئەپسۇ موڭا سۈبھى، شام،
    بولۇر ئۆمرى نەخلى (مېۋىلىك دەرەخ) سەمەرسىز (مېۋە) تەمام.
    كىرىپ كوشە (بۇلۇڭ، خالى جاي) ئىچرە، قىلىب ئول تەلەب،
    تەزەرروئىلار (يىغلاش) ئەتتى بىدەرگاھى رەب (خۇدانىڭ دەرگاھىغا).
    خەبەر تاپقاي ھېچكىم ئانىڭ ھالىدىن،
    ۋەزىرو نەدىم (يېقىن كىشى) ھەم بۇ ئەھۋالىدىن.
    بۇ مۇددەتدە بولدى ئاڭا نەچچە كۈن،
    ياتىپ شاھ تائەت قىلىب كۈن ۋە تۈن.
    تاپىب ئەقرىباسى مۇنىڭدىن خەبەر،
    قىلىپ ئىستىمائى(قۇلاق سالماق) ۋەزىر مۇئتەبەر.
    يىغىلدى ۋە كەلدىكى دەرگاھىغە،
    دېدىكى ۋەزىرى كىرىب شاھىغە.
    نە ئىش بولدى ۋاقىئە ساڭا پادىشاھ،
    نىمە سالدى كۆڭلۈڭ ئارا ئىشتىباھ (گۇمان)
    دېدى شاھ كۆڭلۈم ئارا غەم ئېرور،
    بۇ غەم بىرلە دايىم كۆزۈم نەم ئېرور.
    ئېرورمەنكى مۇنچە ۋىلايەتكە شاھ،
    بەسى ئەززۇ (ئىززەت، ئۇلۇغلۇق) شەۋكەن بېرىبتۇر ئىلاھ.
    فەنا ئەزم سارى (ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىشقا) يېقىن بولدى يول،
    ۋەلى يوقكى فەرزەند خەلەف (ئىزباسار) بولغاي ئول.
    مەن ئۆلسەم جاھاندىن ئاتىم ئۆچمەگەي،
    ۋىلايەتلىرىمگە خەلەل (زىيان) يەتمەگەي.
    ئىشتتىكى شەھدىن بۇ سۆزنى ۋەزىر،
    دېدىكىم بۇ ئىشقە قىلالى گۇزىر (ياردەم) .
    يىغىلسۇن شەھەرنىڭ مۇنەججىملارى،
    كى تالىئشۇناسۇ مۇئەللىملارى.
    ئاڭا ئەمىر ئەيلەڭ كېتۇرسۇن كىتاب،
    قىلىب قۇرئە سالسۇن ئاتىڭنى خىتاب.
    قايو شەكلى بىرلە كېلۇر پالىڭىز،
    كى مەلۇم بولغاي ھەمە ھالىڭىز.
    دېدى شەھ: يىغىلسۇن مۇنەججىم تامام،
    خەبەر ئەيلەمەككە قىلىڭ ئېزدېھام (توپلاش، يىغىش)
    چىقىپ شاھ قەشىدىن چۇ ئاقىل ۋەزىر،
    بىلىڭ شاھ ئەمىرىن سەغىروكەبىر ( كىچىك-چوڭ).
    كېلىب قايدا بولسا سىتارە(يۇلتۇز)شۇناس،
    سەۋەبات(ھەركەتسىز يۇلتۇز) ئولۇمىغە قىلسۇن قىياس.
    يېتىب كەلدى نەچچە خىرەدمەند ئولۇس،
    كى شەھنىڭ بىساتىدا قىلدى جۇلۇس (ئولتۇرۇش).
    خىرەدمەند مۇھەندىس ئىچىب جۇرئەلەر (چاي ئىچىش)،
    كىتابىنى ئاچىب، سالىب قۇرئەلەر (پال).
    دېدى شاھى ئالەم ئىشتكىن ياخشى پال،
    كى بولماسدا ئۆمرۈڭ قۇياشى زاۋال.
    يەمەن پادىشاھى قىزىن قىلسا ئەقد (نىكاھ)،
    چۇ دۇررى مۇرادىڭ كېلەر قولغا نەقد.
    ئىشتتىكى سۇلتان بۇ خۇش رازنى (سىرنى)،
    ۋەزىرغە باقىب قىلدى ئاۋازنى.
    مۇنەججىملارىكى كىلىبدۇر تامام،
    بارىنى بىغايەت تۇتۇب ئېھتىرام.
    چۇ دىۋان ئىچىدە زىياپەت قىلىڭ،
    كى مىڭ ئەشرەپىدىن (ئۇلۇقۋار، ئۇلۇقلاش) ئىنايەت قىلىڭ.
    كى شاھنىڭ سۆزىنى ئادا ئەيلەدى،
    دېگەن ئەشراپىنى ئاتا ئەيلەدى.
    پۇتۇب سوڭرانامە يەمەن شاھىغە،
    بارىب سۆز ئەيتقاي ئۇنىڭ ماھىغە.
    مۇئەييەن قىلىب نەچچە لايىق كىشى،
    نە لايىق كىشى، بەلكى فايىق (ئۈستۈن، ئالىي) كىشى

     

    ئاتى مىرسالىھ بەسى خۇردەدان (ئىشنىڭ كۆزىنى بىلىدىغان)،
    قىلۇر ئېردى ھەر نەۋئ ئىش بىگۇمان.
    ئاڭا قىلدى پەرمان:"مۇڭا سىز بارىڭ،
    دېمەڭ شەھغە قاتتىق داغى يالبارىڭ".
    سالاتىن رۇسۇمى (شاھانە قائىدە-يوسۇن) بىلە شىۋەنى (ئادەت)،
    تۈزۈپ راست قىلدى نەچچە تىۋەنى ( تۆگە).
    كى ئالتۇن-كۈمۈشتىن قويۇب ئانچە بار،
    مەتائى ھەرىرى (يىپەك رەخت) ئالىب بىشۇمار.
    قوشۇب بەردى ھەدسىز ئاڭا لەشكەرى،
    شىجائەتتە نادىر ئىدى ھەربىرى.
    كى شەھرى يەمەنغە راۋان بولدىلار،
    كېزىپ يول يەمەنغە قىران(يېقىن) بولدىلار.
    دىيارىكى بولمىش يەمەنگە قىراق،
    كى بىر كۈنلۈك ئېردى شەھەردىن يىراق،
    كېلىب تۇشتى ئاندا بولۇپ مۇستەقەر (دائىمى ئورۇنلاشماق)،
    يەمەن شاھى تاپتى بۇلاردىن خەبەر.
    فەلان يەرگە تۇشمىش دىبان كوب كىشى ،
    سىپاھلاردەك (ئەمەلدار) ئېرمىش ئۇلارنىڭ ئىشى.
    بارىب سورغۇچە ئەل ئۇلار ھالىنى،
    ئىشتكۈنچە ياخشى يامان قالىنى(مىش-مىش گەپ).
    نىدا(جاكا) ئەيلەڭىزلار چىقىپ تىز-تۇند (تېز-چاپسان)
    يىغىلسۇن شەھەرگە كېلىپ بارچە جۇند (ئەسكەر قوشۇن)
    چېرىكلارگە قىلدى مۇنادى (جاكاچى) نىدا،
    ئوشۇل كۈن بارىسى ئىشتتى سادا.
    بولۇب جەمئ ، كەلدى ھەمە لەشكەرى،
    مەسافەتتە گويا فەلەك ئەختەرى.
    يۇرۇب مىرسالىھ قىلىب ئىھتىمام (تىرىشچانلىق)
    يەمەن شەھرى سارى قىلىبان خرام.
    دىدى ئالدىمىزدا كىمەرسە بارىب،
    يەمەن پادىشاھى قاشىغە كىرىب.
    ئاڭا ئەرز قىلۇن تەمەللۇق (خوشامەت) بىلە،
    تۇتۇب پىشكەشنى ( تارتۇق، سوۋغات) تەئەللۇق بىلە.
    بۇ مەجمۇئ ئىچىدە


    收藏到:Del.icio.us