-
2010-09-26
سوفى ئاللايار: تەشتى كۆسۈم ، ئەزدى باغرىم - [سەرخىل گۈللەر بېغى]
تەشتى كۆكسۈم ، ئەزدى باغرىم داغى ھىجرانىم مېنىڭ ،
بۇ ئالەمدە بۇنچە غەمدە چىقمىغان جانىم مېنىڭ .دىلدا سەبرىم ، يۈزدە شەرمىم ، باشتا ھۇشۇم قالمىدى ،
كۆزدە ياشىم ، رەڭدە قانىم ، تەندە دەرمانىم مېنىڭ .دەردكە تولسام ، غەمدە سولسام ، تەلۋە بولسام ئىشقىدا ،
ھەسرەتىدە مۇنداق ئۆلسەم ، يوقتۇر ئارمانىم مېنىڭ .ھالىتىم بەد ، ھەسرەتىم بھەد ، پىغانىم بىئەدەد ،
قىل مەدەد مەندەك يىقىلغان قۇلغا سۇلتانىم مېنىڭ .غۇسسەئى دىل ، قىسسەئى مۈشكۈلگە قالدىم ئايۇ- يىل ،
ئابۇ- گىل ئىچرە خىجىل قالغان تەنۇ - جانىم مېنىڭ .ئېيتۇر ئاللايار يىغلاپ زارى ھەف لەيلۇ - ناھار ،
تىرىك ئىشقى يار تۆكسە كاشكى قانىم مېنىڭ .مەنبە: گۈلىستان مۇنبىرى
历史上的今天:
ئاداققى ئاۋغۇست 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (4) 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (3) 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (2) 2010-09-26تۈركى تىللار دىۋانىدىكى شېئىر - قوشاقلار (1) 2010-09-26
收藏到:Del.icio.us