ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-09-24

    20-ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى توغرىسىدا (داۋامى) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    ئەخەت تۇردىنىڭ « خەير – خوش توققۇز كۈنلۈك ماكان » ھىكايىسى سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە كادىرلار قۇرۇلۇشى مەسىلىسىگە بېغىشلانغان بولۇپ ، ئىسلاھات دەۋرىدىكى ئەڭ نازۇك مەسىلىگە چېتىلغان ئىدى . بۇ دەۋردىكى ئىسلاھات ئەسەرلىرىنىڭ تېمىسى كۆپ خىل بولۇپ ، يازغۇچىلىرىمىز ئىسلاھات دەۋرىنىڭ ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرىشى كۆپ خىل نۇقتۇلارغا كېسىشكەن ئىدى . مەسىلەن ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ « ئاتا » رومانى ئىسلاھات دەۋرىنىڭ يەنە بىر خىل كۆرىنىشى تەسۋىرلەنگەن ئەسەر دىيىش مۈمكىن . يازغۇچى پروزا ئېڭىنىڭ باشقا يازغۇچىلارغا ئوخشىمايدىغان تەرەپى شۇ يەردىكى ، ئۇ تەپەككۈرىنى ئىسلاھات دەۋرىدىكى زاۋۇت – كارخانىلارنىڭ ، يېزا – قىشلاقلارنىڭ ئىقتىسادى ئۆزگىرىشلىرى ، ياكى سىياسى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەريانىدىكى زىددىيەتلەرگە قاراتماستىن بەلكى سىياسى ،ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ پۈتۈن خەلقنىڭ مەنئىۋىي دۇنياسىغا ، ئېدولوگىيەسىگە ، ئەخلاقى قاراشلىرىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى قېزىپ چىقىشقا قاراتتى . ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – 90 – يىللىرى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيىتى ئەڭ ئۆتكۈرلەشكەن ، مىللەت ۋە ئىللەت ھەققىدىكى تەپەككۈرى ئەڭ چوڭقۇرلاشقان يىللار ئىدى . بۇ يىللاردا ئۇيغۇر مىللىتى ھەقىقەتەن زامانىۋىي مىللەت بولۇش قەدىمىنى باشلىغان ، قايتا قۇرۇش ۋە يوقىتىشنىڭ خىرىسلىرىغا دادىللىق بىلەن يۈزلەنگەن ئىدى . زوردۇن سابىر روماندا بىر مىللەتنىڭ توغرا كەسمە يۈزى سۈپىتىدە بىر جەمەتنىڭ قېرىنداشلىق ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئوبرازلاشتۇرۇپ ، مىللەتنىڭ ئالاھىدە تارىخى دەۋردىكى مەنئىۋى دۇنياسىغا ئىچكىرىلىدى . زوردۇن سابىر قېزىپ تېگىگە يەتمەكچى بولغان بۇ دۇنيا تېخى تۇراقلاشمىغان ، ئۆزگىرىش ھالىتىدىكى مۇقىم بىر خىل مەدەنىيەت تېندىنسىيەسىنى ھاسىل قىلمىغان بولۇپ ، ئىجادىيەتتە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنىڭ بولۇشى تەبىئى ئىدى . لېكىن يازغۇچى يۇقىرىقى نۇقتىلاردا خېلىلا ئىچكىرىلىگەن بولۇپ ،بۈگۈنكى كۈندە « ئاتا » رومانى ئىسلاھات تېمىسىدىكى پروزا ئەسەرلىرىمىزنىڭ ئىچىدىكى ئۆزگىچە بىر نەتىجە بولۇپ قالدى .
    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – 90 – يىللىرىنى مەركەز قىلىپ مەيدانغا كەلگەن ئىسلاھات ھادىسىسىگە تەۋە بولغان يېزا تېمىسىدىكى پروزا ئەسەرلىرىنىڭ تەۋەلىكىگە ئېنىق چەك قويۇش سەل مۈشكۈلرەك ھەم بۇ خىل ئەدەبىيات ھادىسىسىنى قوغلىشىپلا ئۇلارنى تۈرگە ئايرىشمۇ ئەقىلگە تازا مۇۋاپىق ئەمەس ،سەۋەبى ، بىزنىڭ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ يېزىلاردىكى يېزا ئىگىلىك ئىسلاھاتلىرىنىڭ پۈتۈن كۆرىنىشلىك تەرەققىيات جەريانلىرىنى سىياسى –ئىقتىسادى تۈزۈلمە ئىدىيىلىرىنىڭ بىۋاستە تەسىرى قىلىپ ئەكس ئەتتۈرۈشكە ، ئىسلاھات روھىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز- ئىبارەلەرنى ئىشلىتىش ۋە ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭغان ئاۋانگارت پېرسۇنازلارنى يارىتىشقا قارىغاندا ، يەنىلا ئۇيغۇر يېزىلىرىدا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئاساسى مەسىلىلەرنى ئاساسى قاتلام رەھبىرى كادىرلارنىڭ چىرىكلىكى ، ئەنئەنىۋىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە ئادەتلىرىنىڭ قاتمۇ قات بېسىملىرىنىڭ دىخانلىرىمىزغا ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنىڭ ئاساسى زىددىيەت ئىكەنلىكىنى ،ئىسلاھات دولقۇنلىرىنىڭ يىراق يېزىلاردا تولۇق ئەمىللىلەشمىگەنلىكى قاتارلىق سەۋەپلەرنى ھىس قىلغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . شۇڭا ،بىز بۇ دەۋردە يارىتىلغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ ئىسلاھات دولقۇنى جەريانىدا مەيدانغا كېلىۋاتقان سىياسى – ئىجتىمائى ، ئىدىيە ئۆزگىرىشلىرىنىڭ ئادەملەر خاراكتىرىدىكى پەقەت قىسمەن ئىپادىلىرىنىڭ ئەكس ئەتتۈرىلىشى ئىكەنلىكىگە دىققەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ . مانا بۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ ئەدەبىياتىدىكى ئىسلاھات يازغۇچىلىرىنىڭ بۇ خىل تېمىدىكى ئەسەرلىرىگە قارىغاندا بۇ تېمىنى دەل نىشانغا يەتكۈزۈپ ئەكس ئەتتۈرۈپ بولالمىغانلىقىنىڭ تۈپ سەۋەبى . شۇنداقتىمۇ يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدە رىئالىزىملىق تەپسىلات تەسۋىرىگە، تىپىك شارائىت ئىچىدە تىپىك پېرسۇناژ يارىتىشقا ئەھمىيەت بەردى . « كىچىك لەقۋا »( سەمەت دۇگايلى ، پوۋېست ) ، « لاي سۇ ئىچكەن جانلار »( ئەنۋەر مۇھەممەت ، پوۋېست ) ، «بۇ چۈش ئەمەس » ( مەمتىمىن ھوشۇر ، ھىكايە ) غا ئوخشاش يېزا تۇرمۇشىمىزنىڭ ئوخشىمىغان كۆزنەكلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن يېزا تۇرمۇشىدىكى ئەسەرلەر يەنىلا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دەۋر ئېقىمىغا قارۇغىلارچە ئەگەشمەستىن ، ھەقىيقەتنى ئەمىلىيەتتىن ئىزدەيدىغان پروزا ئېڭىنى نامايەن قىلدى .  
    يېڭى دەۋردە " جاراھەت " ،" تەپەككۈر " ۋە " ئىسلاھات " قاتارلىق پروزا ئېقىملىرى بىلەن قاناتلانغان ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭى ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئەينى ۋاقىتتا ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزنىڭ ئۆزگىرىشى تەلەپ قىلىۋاتقان " خاتا مەسىلىلەرنى تۈزەش " ۋە " ئىسلاھات ئېچىۋېتىش "تىن ئىبارەت ئىجتىمائى ، سىياسىي تۈزۇلمە ئىلاھاتىنىڭ چوڭ ئېقىمىدىن كەلگەن بولۇپ ، يازغۇچىلىرىمىز ئىجاد قىلىۋاتقان پروزا ئەسەرلىرىىنڭ مەدەنىيەت ئاساسى يەنىلا ئىجتىمائى –سىياسى ساھەلەر ئىدى . بىراق 50 – 60 –يىللاردىكى يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزا ئېڭىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، " جاراھەت " يازغۇچىلىرى خەلقنىڭ ھەقىقى يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلەپ ، پروزىچىلىقىمىزنىڭ مەزمۇن دائىرىسىنى كېڭەيتتى ،ئەدەبىياتتا چەكلەنگەن رايون دەپ قارىلىپ كەلگەن ترگېدىيەنى يېزىپ ، رىئالىزىمنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلەتتى . " تەپەككۈر " يازغۇچىلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەللىككە بولغان ئىنتىلىشىنى ئىپادىلەپ ، ئېستېتىك قىممەتنى نىشان قىلىپ ، كىشىلىك ھاياتنىڭ قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈش بىلەن بىللە سەنئەت شەكلى ئارقىلىق "مەن " ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى تەپەككۈرنى قانات يايدۇردى .پروزا ئېستېتىكىسىدا تراگېدىيەلىك گۈزەللىككە يېقىنلىشىپ ،ئىنساننىڭ قىممىتى ۋە خەلق ئېڭى ھەققىدىكى ئويغۇنۇشنى ئىلگىرى سۈردى . " ئىسلاھات "يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭى بولسا ئەمدى ھەرگىزمۇ دۆلەت سىياسىتىنى جاكالايدىغان كاناي ئەمەس بەلكى ئۇلار يازغان پروزا ئەسەرلىرى بۇ يازغۇچىلارنىڭ سىياسى تۇرمۇشقا ئارىلىشىشتەك روھى ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى .  
    باش تېما ۋە تېمىنىڭ ئىلگىرلىشىنىڭ يەنە بىر خىل شەكلى پۈتۈنلەي يېڭى بولغان تېما ۋە باش تېما ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يارىتىشتا كۆرىلىدۇ . ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ نۇقتىدىكى ئۈزلۈكسىز ئىزلىنىشى ئارقىسىدا ،شەھەر ئەدەبىياتى تېمىسى ، ئېكولوگېيىلىك تەڭپۇڭلۇق ، ئىنسانىيەت ۋە تەبىئەت ، تەن ۋە روھ مەسىلىسى ، مىللى ئەنئەنە ۋە مەدەنىيەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن يىلتىز تېمىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋىي پروزىچىلىقىمىزدا يوق بولغان تېمىلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، بۇ جەھەتتە ئۆزدائىرىسىدىن ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ تېما يۈزلىنىشى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي ، يازغۇچىلىرىمىزنىڭ كۈندىن كۈنگە ئۆسۈپ بېرىۋاتقان پروزا ئېڭىنىڭ مۇھىم بىر تەركىېىي قىسمى بولۇپ قالدى .   
    20 –ئەسىرنىڭ 80 –يىللىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ پۈتكۈل 90 –يىللاردا ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ئەنئەنىۋىي دۇنياقاراشتا تەپەككۈرنى ،ئىجادىيەت ماھارەتلىرىدە يېڭىلاشنى ،پروزا ئېستېتىكىسىدا چوڭقۇرلاشنى مەركەز قىلغان كۆپ مەنبەلىك ئىزدىنىشنى قانات يايدۇردى . بۇ ئالدى بىلەن پروزا تېمىلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى بىلەن باشلاندى .  
    بىرىنچىدىن ،بۇ ۋاقىتتا يازغۇچىلار پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشى جەمىيەتنىڭ تارىخى قاتلاملىرىغا ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە ئىچكىرىلەش ئارقىلىق ئىپادىلەندى . مەسىلەن ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا بۇرۇن يېزىلغان يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەردە پەقەت خۇسۇسى مۈلۈكچىلىك ئېڭى بىلەن سوتسىيالىستىك ئىقتىسادى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ زىددىيىتىلا يېزىلىپ ، دىخانلارنىڭ روھى يەنى ئادەملىك تەلەپلىرى چەتتە قالدۇرۇلغان ئىدى . 80 –يىللارنىڭ كېيىنكى مەۋسۈمىدىكى ئەسەرلەردە دېھقانلارنىڭ ئادەملىكى نەزەرگە ئېلىنىپ ،ئۇلارنىڭ " سول "چىل سىياسەتلەرنىڭ ئاسارىتىدىكى ئەگرى –توقاي تۇرمۇشى تەسۋىرلەندى . بۇ مەزگىلدە ياش يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تېما ،قۇرۇلما ۋە ئېستېتىك گۈزەللىك نۇقتىسىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پروزا ئېڭىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ .   
    ئەختەم ئۆمەر 20 –ئەسىرنىڭ ئاخىرقى 20 يىلى بىلەن دەۋرلەنگەن پروزىچىلىقىمىزدا پروزا ئېستېتىكىسى ھەققىدە مۇئەييەن ئىزدىنىشلارنى ئېلىپ بارغان ياش يازغۇچى . ئۇ ئۆز پوۋېستلىرىدا ئاددى ،تۆۋەن كىشىلەرنىڭ بېكىنمە ھالەتتىكى تۇرمۇشىنى ئېچىپ بېرىشنى بىۋاستە زامان ،ماكان بىلەن باغلاپ ،تەكلىماكان روھى ۋە تىنىقلىرى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن ،تراگېدىيەلىك گۈزەللىككە ئىگە پروزا ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرۈپ ، پروزىمىزنى زۇنۇن قادىرنىڭ خېلى يىللار ئىلگىرى يېزىلغان « ماغدۇر كەتكەندە » ھىكايىسىدە يارىتىلغان پروزا ئېڭى بىلەن ئىزچىللىققا ئىگە قىلدى . بىز ئۇيغۇر پروزا تارىخىدا زۇنۇن قادىرنىڭ « ماغدۇر كەتكەندە » ھىكايىسىنى ئەڭ دەسلەپتە پروزىنىڭ ئېستېتىكىلىق تەلەپلىرى يېقىدىن ئىزلىنىلگەن ، تراگېدىيەلىك گۈزەللىك ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ئەسەر دەپ قارىساقمۇ ، كېيىنكى دەۋر پروزىچىلىقىمىزدا بۇ خىل ئېستېتىك گۈزەللىك تەلىۋىگە يانداشقان ئەسەرلەر يارىتىلمىغان ئىدى . شۇڭا ئەختەم ئۆمەرنىڭ پروزا ئىجادىيىتى ئۇيغۇر پروزىچىلىقى ئۈچۈن يېڭى بىر باشلىنىش ، يېڭى بىر خىل پروزا ئېستېتىكىسى ئۈچۈن بېسىلغان قەدەملەرنىڭ تۇنجىسى بولدى .  
    يازغۇچىلار جەمىيەتنىڭ تارىخى قاتلاملىرىغا ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە ئىچكىرىلەشتىن ئىبارەت پروزا ئېڭى پروزا ئەسەرلىرىمىزنىڭ رەڭدارلىقىنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن كىتاپخانلارنىڭ ئېستېتېك زوقلىنىش ئادەتلىرىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتىردى . بۇ خىل ئېستېتىك ئىزلىنىشكە بۇ دەۋردە يەنە نۇرمەھەممەت توختى ، توختى ئايوپ ، سەمەت دۇگايلى ، ئابدۇللا ساۋۇت قاتارلىق بىر تۈركۈم يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ھىكايە -پوۋېستلىرى بىلەن ياندىشىپ ، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزىنى جەمىيەتنىڭ تاشقى ھەركەت ھالىتىنىڭ بايانى بولۇش ھالىتىدىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكىدىن دېرەك بەردى .
    ئىككىنچىدىن ، ئىجتىمائى – تارىخى قاتلاملارنىڭ مۇئەييەن مۇھىتقا ۋە ئادەملەر خاراكتىرىغا تېڭىلغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قېزىش ۋە سەنئەتلەشتۈرۈش چوڭقۇرلاشتى .  
    يازغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائى – تارىخى قاتلاملارنىڭ مۇئەييەن مۇھىتقا ۋە ئادەملەر خاراكتىرىغا تېڭىلغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قېزىش ۋە سەنئەتلەشتۈرۈش چوڭقۇرلاشتۇرىشى يىرىك پروزا ئەسەرلىرىنىڭ ئىجادىيىتىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى . پىشقەدەم يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ « ئىز » ناملىق رومانى ۋە « ئويغانغان زىمىن » ناملىق ئىككى توملۇق رومانىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر تارىخى رومانچىلىقىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ يۇقىرى ئېستېتىك سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلغان ئىدى . يازغۇچى ئۆزىنىڭ بۇ رومانلىرىدا تارىخنى ئارقا كۆرىنىش قىلىپلا قالماي ، بەلكى تارىخنى ئوبېكىتلاشتۇرۇپ ۋە سەنئەتلەشتۈرۈپ ، ئىجتىمائى تارىخى قاتلاملارنىڭ تىندۇرمىسىدىن ھاسىل بولغان مەدەنىيەت روھىنىڭ ئادەمنىڭ مەۋجۇتلىقىغا كۆرسىتىدىغان ئىجابى ۋە سەلبى تەسىرىنى كۆرسىتىپ بەردى . يەنە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ « سۇتۇق بۇغراخان » رومانى ، پەرھات جىلاننىڭ « مەھمۇت قەشقەرى » رومانى ، ئەخەت تۇردىنىڭ « ئۇنتۇلغان كىشىلەر » رومانى ، ئەختەم ئۆمەرنىڭ « يىگانە ئارال » قاتارلىق رومانلىرى بۇ جەھەتتىكى ئىزلىنىشتە مەلۇم تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىدى . زوردۇن سابىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىجادىيەت مىۋىسى بولغان ترولوگىيە « ئانا يۇرت » ئۆزىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ بۇ خىل ئېستېتىك تەجرىبىلىرىنى جۇغلاش بىلەن بىرلىكتە يازغۇچىنىڭ تارىخ ، رىئاللىق ھەققىدىكى تەپەككۈرىنى ھەم پروزا سەنئىتى ھەققىدىكى ئېستېتىك ئېڭىنىڭ بالاغىتىنى نامايەن قىلىپ ، ئەسىر ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى شەكىللەندۈردى .
    بىر دەۋردە يەككە يازغۇچىلارنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ جانلىنىشى ئارقىلىق مەيدانغا كېلىدىغان ئىجادىيەت ئېستىتېكىسىنى ھەرگىز تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ . يېڭى دەۋر ئۇيغۇر يازغۇچىسى خالىدە ئىسرائىلنىڭ بۇ دەۋردە پروزا تېمىلىرىمىزنىڭ كېڭىيىشى ۋە پروزىچىلىقىمىزنىڭ بەدىئى سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئۈچۈن قىلغان ئەمگەكلىرىنى تۆۋەن مۆلچەرلەشكە بولمايدۇ . ئۇ 1985 –يىلى تۇنجى ھىكايىسى « ئېھ ،ھايات » ئېلان قىلغىنىدىن باشلاپ ، ئىزچىل پروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ ، كىتاپخانلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ . خالىدە ئىسرائىلنىڭ نەتىجە قازىنىشىنى ئۇنىڭ پروزىچىلىقتا ئالاھىدە نۇقتىنى تاللىغانلىقىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ . بىز يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى چوڭ تېمىنى يورۇتۇشقا پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلغانلىقىنى كۆرەلەيمىز . بۇ تېمىلارنىڭ بىرى كەڭ ئىجتىمائى تۇرمۇش ۋە ئاياللارنىڭ ئورنى ، مۇھەببىتى ،تۇرمۇشىنى ،تەقدىرىنى تەسۋىرلەش ، يەنە بىرى كۈنسېرى سانائەتلىشىش قەدىمى تېزلىشىۋاتقان ،تاۋارلىشىۋاتقان شەھەر تۇرمۇشى ھەققىدە تەپەككۈر يۈرگۈزۈپ ، ئۇنى ئەنئەنە ۋە تەرەققىيات ، ئەخلاق ۋە نەپىس ،ئىجتىمائىلىشىش ۋە ياتلىشىشنىڭ مەنبەسى دەپ قاراپ ، زىددىيەتنىڭ مەركىزىدە يەنىلا ئادەم (ئايال ) نىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش . خالىدە ئىسرائىل ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىدە بىر خىل ئاڭلىق ھالەتتىكى ئاياللىق ئېڭىنى ئىپادىلەيدۇ ، ئۇ ئىنساننىڭ خاراكتىرى ، غورۇرى ۋە تەبىئىتىنىڭ چەكسىزلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ بەدىئى تالانتى بىلەن رەڭدار بىر سەنئەت دۇنياسىغا ئايلاندۇرالىغان يازغۇچى. خالىدە ئىسرائىلنىڭ بەدىئى دۇنياسىدا ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ ئاجايىپ لاتاپىتى ،غەيرەت – شىجائىتى ، غورۇر –ئەقىدىسى ،ئىنتىلىش – ئارزۇلىرى بىلەن دەۋرىمىز ئاياللىرنىڭ روھى قىياپەتلىرى ۋە ئاياللىق ئېڭىنىڭ تارىخىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ .
    ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا بۇخىل ئىزلىنىشنىڭ يەنە ئەنئەنىۋىي بايان ، ئوبراز ، سيۇژېتلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگىرىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تەسىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ « ئايخان » ھىكايىسى ئىجتىمائى – تارىخى قاتلاملارنىڭ مۇئەييەن مۇھىتقا ۋە ئادەملەرگە تېڭىلغان مەدەنىيەت ئامىللىرىنى قېزىش ۋە سەنئەتلەشتۈرۈش جەھەتتە ئۆزگىچە تەپەككۈر نۇقتىسىدىن چىقىش بىلەن بىرلىكتە ،ھىكايىچىلىقىمىزنى سەنئەتلەشتۈرۈشتە يول ئاچتى . يازغۇچى بايان ، ئوبراز ، سيۇژېت ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئۇيغۇر مىللى نەسرى ئەدەبىياتىدىكى چۆچەكلەرنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىن ئىلھام ئالغان بولۇپ ، ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلغان « ساراڭ » ، « بۇرۇت ماجراسى » ، « قىرلىق ئىستاكان » ، « ئالتۇن چىشلىق ئىت» ، « چوشقىلارغا بايرام» ، « ئىت ئېتىش » ، « قارا قورساق سەركە » قاتارلىق ھىكايىلىرىدە تېمىدا تېخىمۇ كەڭ بولغان ئىجتىمائى – تارىخى قاتلاملار كىرىش نۇقتىسى قىلىپ تاللىنىپ ئىنسان ترگېدىيەسى ، مەدەنىيەت ماڭقۇرتلىقى ،ئىنسانى غورۇر ۋە ئەخلاقى پاجىئە ، ئەنئەنە ۋە تەرەققىيات ، رىۋايەت ۋە خىيال ... قاتارلىقلارغا چېتىلىش بىلەن بىللە ،ھىكايىچىلىقىمىزنىڭ سەنئەت كۈچىنى نامايەن قىلىدىغان كۆزنەك ئەسەرلەردىن بولۇپ قالدى .
    ئۈچىنچىدىن ، يازغۇچىلىرىمىز تارىخ ، مەدەنىيەت ۋە مىللى فولۇكلۇرلۇق ئېتنىك قاتلاملارغا چوڭقۇر چۆكۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ دۇنيانى بەدىئى كۈزىتىش نۇقتىسىنى پەقەت زىددىيەت –ۋەقەلەرگىلا قاراتماستىن ،ماكان –زاماننى مەركەز قىلغان پۈتۈن مىللەت مەدەنىيىتى ، تارىخى ، روھى ۋە پىسخىكىسىغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ، كۆپ قاتلاملىق ۋە كۆپ تەرەپلىك كۈزۈتىش ۋە بايان قىلىش نۇقتىسىنى شەكىللەندۈردى . پروزىمىزدا كۆتىرىلگەن مەدەنىيەت قاتلىمىنى بايان قىلىش ھادىسىسى پۈتۈن دۇنيا پروزىچىلىقىدىكى بۇ خىل ئېقىمدىن بەك ئارقىدا قالمىغان بولۇپ ، "يىلتىز ئىزدەش " ، "ئېكولوگېيەلىك تەڭپۇڭلۇق " ، " ئادەم ۋە تەبىئەت " كە ئوخشاش تېمىلار پروزىمىزدا مەيدانغا كەلدى .بۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقان پروزا ئېڭىنىڭ دەلىلى بولۇپ قالدى .   
    بۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى ، يازغۇچىلار زامانىۋى ئاڭ نۇقتىسىدىن رىئاللىق ۋە تارىخقا يۈزلىنىپ ،ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۈستىدە تەپەككۈر يۈرگۈزدى ،مىللەتنىڭ روھى ۋە مەدەنىيىتىنى قايتا قۇرۇشنىڭ مۈمكىنچىلىكى ھەققىدە ئىزلىنىشلارنى ئېلىپ باردى . يازغۇچى مۇھەممەت باغراشنىڭ « ئاقساق بۇغا» ، « يۈرەكتاغ » پوۋېستلىرى ، « ئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى » ھىكايىسى ، توختى ئايوپنىڭ « مۈڭگۈز » ، « بۆشۈك » ھىكايىلىرى ،«بۆرە ئانا » رومانى ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ « قۇم باسقان شەھەر » رومانى قاتارلىقلار مەدەنىيەت ئېقىمى ياكى يىلتىز تىپىدىكى ئەسەرلەردۇر .   
    تۆتىنچىدىن ، يازغۇچىلار نىڭ ئېستېتىك ئىزلىنىشلىرى بارغانچە كېڭىيىپ ، ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا مودېرنىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ پايدىلىق تەركىپلىرى بىلەن زامانىۋى ئاڭ بىرلەشكەن ئىجادىيەت يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى . ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدا بۇ خىل يۈزلىنىش مۇھەممەت باغراشنىڭ 1987 –يىلى «تەڭرىتاغ » زورنىلىنىڭ سىناق سانىدا ئېلان قىلىنغان « مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقىدا قېتىپ قالغان سۈرەت » ھىكايىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ ، ئاپتور ئەسەردە ئاڭ ئېقىمىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلەش ئۇسۇلى بولغان پېرسۇناژلارنىڭ پىسخىك پائالىيىتىنى ئەسەر قۇرۇلمىسىنىڭ ئاساسى قىلىشتەك ئىپادىلەش شەكلىنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ ئەنئەنە ۋە تەرەققىيات ، مەدەنىيەت ۋە رىقابەت ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى . بۇ مۇھەممەت باغراش پروزا ئىجادىيىتىدىكى بىر سىناق بولۇپلا قالماستىن پۈتۈن ئۇيغۇر پروزىچىلىقىدىكى بىر سىناق ئىدى . مۇھەممەت باغراشتىن كېيىن پروزا سەھنىسىگە چىققان ئەسئەت ئەمەت ، پەرھاد تۇرسۇن ،كۈرەشچان ئۆمەر ، ئەركىنجان ئەمەت ، ھۈسىيىن تاش قاتارلىق بىر تۈركۈم ياش يازغۇچىلار بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى بولغان مودېرنىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنىڭ نەزىرىيەسىگە تېخىمۇ چوڭقۇرلاش ۋە ئىجادىيەت ئەمىلىيىتىدە مىللى خاسلىق ۋە مىللى پىسخىك ئۆزگىچىلىكلەرگە قايتا قايتا تەدبىقلاش جەريانىدا ئۇيغۇر پروزىسىدا يېڭى بىر ھادىسە "ئىزلەنمە پروزا "چىلىقنى مەيدانغا كەلتۈردى .بۇ ياش يازغۇچىلارنىڭ " ئىزلەنمە ھىكايىلىرى " گەرچە مەزمۇن ۋە بەدىئىلىك جەھەتتە مەلۇم بىر ئېقىمغا خاس ئالاھىدىلىكلەرنى شەكىللەندۈرەلمىگەن بولسىمۇ ،لېكىن ئۇلارنىڭ سوبېكتىپ دۇنياسىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرىمىز. يازغۇچىنىڭ ئۆزىنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىشى يازغۇچى مەنئىۋىي دۇنياسىنىڭ نامايەن بولىشىدىن ئىبارەت . مۇشۇ نۇقتىدىن ئىزلەنمە پروزىچىلىق " ئەسىر ئاخىرىدىكى ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىدىكى يۈكسىلىشلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر .  
    بۇ مەزگىلدە پروزىچىلىقىمىزدا مەيدانغاكەلگەن سېھرى رىئالىزىملىق ئەسەرلەرنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسىمۇ مودېرنىزىمدىن ئىبارەت . ئىزدىنىش روھى كۈچلۈك ياش يازغۇچى مۇھەممەت باغراش يەنىلا بۇ سەپنىڭ ئالدىدا ماڭدى . لېكىن يازغۇچىنىڭ بۇ قېتىمقى ئىزلىنىشى خېلى سالماق بولۇپ ، ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى چۆچەك ، ئەپسانە ،رىۋايەت ، داستانلارنىڭ قۇرۇلما ،سيۇژېت ، بايان ئۇسۇلى ۋە ئوبراز يارىتىش ، تەشۋىش ،يېشىم قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىچوڭقۇر تەتقىق قىلىش بىلەن سېھرى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ پايدىلىق تەركىپلىرىنى قوبول قىلدى . ئاپتورنىڭ « ئاق ئېچىلغان سۆگەت گۈلى » ، « تۆتقۇلاق » ، « قۇياش ۋە بالا » ، «ئاداققى تاللاش » قاتارلىق ھىكايىلىرى دەل مانا مۇشۇنداق ئەنئەنىۋى قېلىپ رامكىلارغا ئېسىۋالمايدىغان پروزا ئېڭىنىڭ مەھسۇلى ئىدى . ئەختەم ئۆمەرنىڭ « تاش مۇنار »پوۋېستى ، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ « شاھ ۋە قاغا » ، « بۆرە جىلغا » ، قارا قورساق سەركە » ، « ئىت ئېتىش » قاتارلىق ھىكايىلىرىنىڭ مەلۇم تەركىپلىرىنى سېھرى رىئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىنىڭ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭىغا كۆرسەتكەن ئىجابىي تەسىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ .  
    يۇقىرىقىلار 20 –ئەسىر ئۇيغۇر پروزىسىنىڭ تېما ۋە باشتېمىسىنىڭ كېڭىيىشى ، پروزا ھادىسىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ، ئىجادىيەت ئۇسۇللىرىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق بىرقانچە نۇقتىلاردىن ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ۋېرتىكال يۆلىنىشلىك تەسۋىرىدىن ئىبارەت . بۇلاردىن باشقا پروزا تىلىنىڭ شەكىللىنىش تەرەققىياتى ، پېرسۇناژلار ئوبرازىنىڭ ئۆزگىرىش تەرەققىياتى ، ئەدەبىي ئۇسلۇپ - ئېقىملارنىڭ شەكىللىنىش جەريانى ، ئەدەبىي – شەكىلنىڭ ئۆزگىرىش تەرەققىيات جەريانلىرىنى تەكشۈرۈشتىنمۇ پروزا ئېڭىنىڭ كېڭىيىش ۋە يۈكسىلىشىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ . كۆپ خىل نۇقتىلاردىن پروزا ئېڭى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ، يازغۇچىلار ئېڭى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس قوبۇل قىلىش ئېستېتىكىسى نۇقتىسىدىن كىتاپخانلارنىڭ بەدىئى زوق ۋە ئېستېتىك تەربىيە مەسىلىلىرىگىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق پروزىدىن ئىبارەت بۇ سەنئەت دۇنياسىنىڭ سېھرى كۈچىنى تېخىمۇ تولۇق ھىس قىلغىلى بولىدۇ
    ئومۇملاشتۇرغاندا ، 20 – ئەسىر ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭى بايقاش ، يارىتىش ئۈزلۈكسىز زورىيىش ۋە چوڭقۇرلۇشۇش جەريانى بولۇپ ، پروزىنىڭ جەمىيەت قاتلىمىدىكى رولىنى ئىگەللەشتىن ، ئىچكى مەدەنىيەت قاتلىمىنى چۈشىنىشكىچە ، رىئاللىققا ،تۇرمۇشنىڭ ئايرىم بۆلەكلىرىدىن پۈتۈن قاتلاملارغا ، ئادەتتىكىچە ئەكس ئەتتۈرۈش قاتلىمىدىن بايان سەنئىتى قاتلىمىغا ، ئاددىلىقتىن مۇرەككەپلىككە ،ئوچۇقلۇقتىن غۇۋالىققىچە بولغان تەرەققىيات جەريانلىرىغا يېقىنلىشىش تارىخىدىن ئىبارەت .ئۇ يازغۇچىلىرىمىزنىڭ پروزا ئېڭىنىڭ بارغانچە يۇقىرى كۆتىرىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىش بىلەن بىرلىكتە يېڭى ئەسىردىكى پروزا ئىجادىيىتىمىز ئۈچۈن ناھايىتى مول بولغان تەجرىبىلەرنى توپلىدى . ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ پروزا ئېڭى يەنىمۇ يۈكسىلىشلەرگە مۇھتاج . يېڭى ئەسىردە تېخىمۇ يېڭى ، ھاياتىي كۈچكە تولغان پروزا ئېڭىلا پروزىچىلىقىمىزنى مەملىكىتىمىزگە ،دۇنياغا تونۇتالايدۇ .   
    ئىزاھاتلار :
    ①② جىن خەن « جوڭگو بۈگۈنكى زامان پروزا تارىخى » خاڭجۇ ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1997 –يىل 1 – ئاي 2 – نەشرى 10 –بەت _03  
    ③④ ئابلەت ئۆمەر قاتارلىقلار تۈزگەن « ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى » شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1997 – 6 –ئاي 1- نەشرى 582- بەت
    ⑤ بۇ يەردە يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆگتۈلمىش ئوغلى جانىبەگ تەرىپىدىن يېزىلغان رومان « ئۆگتۈلمىش ئوغلى جانىبەگنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەنلىرى » ، ناسىر بۇرھانىدىن ئوغلى رابغوزىنىڭ « قىسسەسۇل ئەنبىيا » قاتارلىق رومانلىرى كۆزدە تۇتىلىدۇ .  
    ⑥ ئازات سۇلتان ، كېرىمجان ئابدۇرېھىم تۈزگەن «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى » 41 – بەتكە قارالسۇن . شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى 2002 – يىل 9 – ئاي 1- نەشرى   
    ⑦ مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدە قوليازما ھالىتىدە تارقالغان ئەسەرلەردىن « پۇل » ( پەرھات جىلان ) ، « مۇھەببەت لوگېكىسى » (مەخمۇت ئېلياس ) ، « قىز قەلبى » ( مەمتىمىن ھوشۇر ) قاتارلىق ھىكايىلارنى ، شۇنىڭدەك 1974 –يىلى ئېلان قىلىنغان بۈگۈنكى زامان ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى رومان « قىزىلتاغ باتۇرلىرى » ( قېييۇم تۇردى ) قاتارلىق ئەسەرلەر كۆزدە تۇتۇلدى .  

    پايدىلانغان ماتىرىياللار :
    1. تاڭ جىنخەي ، جۇ بىن قاتارلىقلار تۈزگەن « 20 – ئەسىر جوڭگو ئەدەبىياتى ئومۇمىي تارىخى » جوڭگو نەشرىياتچىلىق گۇرۇھى شەرق نەشرىيات مەركىزى 2003- يىلى 9 –ئاي 1 –نەشرى   
    2 . جىن خەن « جوڭگو بۈگۈنكى زامان پروزا تارىخى » خاڭجۇ ئونۋېرسىتى نەشرىياتى 1997 – يىل 1 – ئاي 2 – نەشرى
    3 . ئازات سۇلتان ، كېرىمجان ئابدۇرېھىم تۈزگەن «ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان ئەدەبىيات تارىخى » شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى 2002 – يىل 9 – ئاي 1- نەشرى
    4 . ئابلەت ئۆمەر قاتارلىقلار تۈزگەن « ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى » شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى نەشرىياتى 1997 – 6 –ئاي 1- نەشرى 5 . شەرىپىدىن ئۆمەر « ئۇيغۇرلاردا كىلاسسىك ئەدەبىيات » شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 1989 – يىل 6 – ئاي 1 – نەشرى 
    شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستوتى ئەدەبىيات فاكولتېتى   
     
    ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە <ئوكيان> تور بىتىدىن تاللاپ كېلىنگەن.


    收藏到:Del.icio.us