ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-11

    يېڭى شېئىرلار بىر مەيدان مەغلۇبىيەتمۇ؟ - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    --جوڭگو يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسى تەجرىبىلىرى


    17-نۆۋەتلىك رۇگاڭ شېئىر مۇكاپاتىنى تارقىتىش ۋە نەنجىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك سۇمرۇغ ئىستانسىسى شېئىر بايرىمىدا سۆزلەنگەن سۆز

          

              لى چېڭئېن


             «يېڭى شېئىرلار بىر مەيدان مەغلۇبىيەتمۇ؟»- بۇ بىر مەيدان ئازاپلىق گۇمانى سۇئال. «مەغلۇبىيەت» كە تولغان يەر شارى خارەكتىرلىك ئىقتىسداى كىرزىس دەۋرىدىكى ئازاپ ئىنتايىن چوڭقۇر دەۋردە، جۈملىدىن ئۆتكەن بىر يىلدا يۈز بەرگەن يوقۇتۇش خارەكتىردىكى تەبىئى ئاپەتنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلغان زەربىسى ئەجەللىك بولدى. مېنىڭچە، سەزگۈر شائىرلارغا نىسبەتەن ئېيتىغاندا،«مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى»نى كۆرىۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس.  
              ئەلۋەتتە، شېئىر بىلەن ئىقتىسادىى كىرزىسنىڭ مۇناسىۋىتى يوق، چۈنكى، شېئىر پەيدا بولغاندىن تارتىپ ئىنسانىيەتنىڭ روھى دۇنياسىدا مۇستەقىل بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلىتىمىزدىكى شائىرلاردا قەدىمدىن «سالاپىتىنى چۈشۈرمەسلىك»(بەش كۈرە گۈرۈچ ئۈچۈن بېلىنى ئەگمەسلىك)تەك ئەنئەنىۋى جاسارەت بار تۇرسا، ئىقتىسادى كىرزىس ئاشۇ «ئوتتۇرا قاتلام شائىرلىرى» بىلەن «ئاقسۆڭەك شائىرلار»غا بىۋاستە ئىقتىسادى زىيان كەلتۈرگەندىن باشقا ئەسلدىنلا«پورۇلتارىيات شائىرلىرى» غا  مېنىڭچە تەسىرى ئانچە چوڭ بولمىدى
       90- يىللاردىن بۇيان، «مەغلۇبىيەت تۇيغۇسى» ۋە «ئوڭۇشسىزلىق تۇيغۇسى» جوڭگو شېئىرلىرىدا ئەگىپ يۈرىدى. شېئىريەت قۇرۇلىشىمىز دەرۋەقە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولمىغان، كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاندىن سىرت، يەنە بىزدە ئەزەلدىن بار بولغان «خاتالىق ئۈستىدە قايتا ئويلىنىش ئېڭى»، «كىچىك پېئىللىق مىجەز» قاتارلىق سەۋەپلەر بار بولغانلىقىدىن باشقا، يەنە بىزدە ئەزەلدىنلا ئۆزىمىزگە ئىشەنمەسلىكنىڭ سەۋەبى بارمۇ قانداق؟ مەن بۇنىڭدىن گۇمانلىنىمەن
      ئالدى بىلەن گەپنى لۇشۈندىن باشلايلى. گەرچە ئۇ يازغان يېڭى شېئىرلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئاز، پەقەت 6 پارچە بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يېڭى شېئىرىيەت ئىنقىلاۋىنى كۈچەپ تەشەببۇس قىلغان. ئۇ جوڭگو يېڭى شېئىرىيىتى ھەققىدە «ئىشى ئوڭدىن كەلمىدى» دەپ ھەسرەتلەنگەن ئىدى. ئۇ كەسىكىن قىلىپ: «بارلىق ياخشى شېئىرلار تاڭ دەۋرىدىلا يېزىلىپ تۈگىگەن» دىگەن ئىدى. شۇنچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى، مەن لۇشۈننىڭ كۆزقارشىنىڭ ھازىرمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمەن. لېكىن ئۇ يەنە مۇنداقمۇ دىگەن ئىدى: «پەقەت قەلەمنى ئېلىپ ماقالە يازالمايدىغانلار شائىر بولالايدۇ»، بىراق بۇ يەنىلا ئانچە ئەستايىدىل بولمىغانلىق.  
              جوڭگو يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ «ئىشى ئوڭدىن كەلمەسلىك» قارىشىنىڭ ھازىرمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كەتمىدى. «4-ماي» ھەرىكىتىدىن بۇيان، جوڭگو يېڭى شېئىرىيتى ئىزچىل  «ئاممىۋىلاشتۇرۇش» يولىدا مېڭىپ كەلدى. 1958-يىلىدىكى ئومۇمى خەلق «يېڭى خەلق ناخشىلىرى ھەرىكىتى»، «رەھبەرلىك ئىدىيە بەلگىلەش، ئامما تۇرمۇشتا كۆرسىتىش، يازغۇچىلار ماھارەتتە ئىپادىلەش»، «ئومۇمى خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتنى باشقۇرۇش،ھەممە ئادەم شائىر» لىق ھەرىكەتلەردىن «شېئىر تەشۋىق ۋەرىقى مەملىكەتنىڭ ھەممىلا جايىدا ئۇچۇپ يۈرىگەن»قاينام-تاشقىنلىق ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. يېقىنقى يىللارغا قەدەر، ئېنتېر تورىدا بىر خىل يېڭى تېخنىكا ئىنقىلاۋى بارلىققا كېلىپ، «لى خۇا »،«كوشۇي»چە شېئىر شەكىللىرى دەۋر سۈرىدى.【تەرجىماندىن ئىلاۋە: «لى خۇا» چە شېئىر (梨花体) ئايال شائىر جاۋ لىخۇانىڭ ئىسمىنىڭ ئاھاڭداش سۆزى بولۇپ، شۇ يازغان شېئىرلارنىڭ بىر خىل شەكلى.  «كوشۇي» (口水)چە شېئىر شەكلى  خۇددى شۆلگەي ئاققاندەك ئىختىيارى يازىدىغان شېئىر شەكلىنى كۆرسىتىدۇ 】  يەنە تېخى شېئىر يازىدىغان يۇمشاق دېتال قاتارلىق رەزىل نەرسىلەر بارلىققا كەلدى. لۇشۈن ئېيتىغان جوڭگو يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ «ئىش ئوڭدىن كەلمىدى»دىگەن سۆزى راستىنلا ئەمىلىيەت بولوپ قالدى. 
               جوڭگو يېڭى شېئىريىتىنىڭ ئاساسى تەجرىبىلىرىگە كەلسەك، مېنىڭچە جەزمەن قەدىمقى شېئىرلاردىن سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. لۇشۈن كەسكىن قىلىپ، «بارلىق ياخشى شېئىرلار تاڭ دەۋرىگىچە يېزىلىپ بولغان» دىگەن، بۇ سۆز گرچە سەل ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن قەدىمقى شېئىرلارنىڭ «ئاساسى تەجرىبىلىرى»نى بىز بۇرۇنلار كۆرۈپ يېتەلمىدۇق. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتىغاندا، جوڭگو يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسى تەجرىبىلىرىدىكى ئەنئەنىگە نىسبەتەن قىلىپ ئېيتىغاندا، يېڭى شېئىرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىشىدىكى «قانۇنلۇق» ئىزچىل گۇمان ئىچىدە تۇرۇپ كەلدى. تىل ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت قوش ئىسكەنجە ئىزچىل بىزنىڭ يېڭى شېئىر يېزىقچىلىقمىزنى چىرماپ كەلدى. 90-يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ئۈنىمى ئاز-پاز كۆرۈلدى. 
    «
    ئەل ئارىسى» بىلەن «زىيالىلار» نىڭ تالاش-تارتىشى نىمە؟ «ئورتاق تىل» بىلەن «ئېغىز تىلى»دىكى يېزىقچىلىق قانداق ئايرىلىدۇ؟ مېنىڭچە، بۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلار، جوڭگو يېڭى شېئىرىيتىنىڭ تارىخ مۇساپىسىدە، بىز پەقەت بىز يولۇچى رولىنىلا ئالدۇق. جوڭگو يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ ھەقىقى «بۈيۈك ئۇستازى» نەدە؟  جوڭگو يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ «چەۋاندازى» نەدە؟ بۇ ماڭا نامەلۇم، ياكى ئېھتىمال مەڭگۈ چىقماسلىقى مۈمكىن. 

     20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىغا قەدەم قويغاندىن بۇيانقى، «سۆز يېزىقچىلىقى» (ئۈچۈنچى ئەۋلات شائىرلار)، «بايان قىلغۇچىلار» (زىيالى شائىرلار) قاتارلىقلارنىڭ تەجرىبىلىرى ھازىر ئىنتايىن ئاز بولۇپ، ھەتتا تەجرىبە دىگىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە، «تەجرىبە» ئالدىدا، جوڭگو يېڭى شېئىرلىرىنىڭ يۈزى تاتىرىپ قالىدۇ، بىز يېڭى شېئىر يېزىقچىلىقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا كىچكىىنە تەجرىبىگە ئىگە بولدۇق، لېكىن ئۇنى «تەجرىبە» گە كۆتۈرۈشكە مېنىڭچە تېخى بالدۇرلىق قىلىدۇ
    مەن روھى چۈشكۈنلۈكنى يازىدىغان يازغۇچى ئەمەس، ھەم قەدىمقى زامانغا قايتىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن، مەن ئۆزەمنىڭ يازغانلىرىغا جۈملىدىن نۇرغۇن ئەجداتلار ۋە زامانداشلارنىڭ يازغانلىرىدىن تولۇق ئۈمىت كۈتىمەن، جوڭگو يېڭى شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسى تەجرىبىلىرىگە كەلسەك، مەن يەنىلا ئېنىق جاۋاپ بېرەلمەيمەن.

    «جوڭگو سەنئەت تەنقىت تورى» دىن


                       ئابدۇجاپپار ھامىدىن تەرجىمىسى

                            (كەلپىن ناھىيلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلىمى

     مەنبە : بەرقى مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us