ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-11

    (داۋامى)ن.ئۇچقۇن: روھ دارىدا تېرىلگەن ئىسىيان - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    داۋامى :

    ئۇ بوش پىچىرلاپ شۇنداق دېگەنىدى :«ئەمدى ئۆزۈڭگە قالدىڭ ئەر». شۇنداق ھەممە ئۆزىمىزگە قالدى، ھەممىمىز ئۆزىمىزگە قالدۇق.

    مەن شېئىر يازىمەن ئۆلۈپ ئولتۇرۇپ5

    بىز غوجىمۇھەممەدنىڭ شېئىر دۇنياسىنى تىنتىپ باقىدىغان بولساق، ئۇ ئىپادىلىگەن مەنە- مەزمۇن «ئەركەكلىك» ئىچىدىلا توختاپ قالمايدۇ. بىز «ۋەتەن»، «ئادەم»، «جىنايەت»، «مۇھەببەت» ئۇقۇملىرىنىڭ غوجىمۇھەممەد شېئىر دۇنياسىدا ئۆزگىچە ئىپادە، مەزمۇن ئىزچىللىقى پەلسەپىۋى تېرەنلىك ۋە خېلىلا يۇقىرى ئىستېتىك چوڭقۇرلۇق ھاسىل قىلغانلىغىنى تۇنۇپ يېتەلەيمىز. بۇ قانچىلىك تەتقىق قىلساق، ئىزدەنسەك ئەرزىيدىغان تېما. ئەمما يەنە بىر پاراڭ تېمىسى ھەققىدە ئاز- تولا گەپ سېتىش ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا يۈزلىنىشتە تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن. «غوجى شېئىرلىرى نېمىشقا پۇراق، تىنىق، ئىپادىلەش جەھەتتىنلا باشقا شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ؟».+
    مەن نۇرغۇن ئوقۇرمەننىڭ بۇ ھەقتىكى ھەيرانغا پاتقان زوقمەنلىكىىنى ئاڭلىدىم. مېنىڭچە بۇنى تۆۋەندىكى تەرەپلەردىن كۆرىۋېلىش مۇمكىن:
    . تىل
    غوجىمۇھەممەد تىل، سۆزنىڭ ئىستېتىك تۇيغۇ بىلەن ماسلىشىشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان شائىرلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى تىل شېئىرىي كەيپىياتقا ناھايتىمۇ ئەپچىللىك بىلەن ماسلىشىپ كەتكەن. شېئىرىي رېتىم تېز، نەپەس ئىتتىك، شېئىرىي كەيپىيات پەۋقۇلئاددە چىڭىغا چىققان بىر تۈركۈم قايناق، ئىسيان پاتقان  شېئىرلىرىدىكى شېئىرىي تىل شۇ قەدەر قوپال، كەسكىن ۋە جەڭگىۋار. ئۇنىڭ قوپاللىقىغا غەزەپ بىلەن سۆيۈش سىڭىپ كەتكەن. غەمكىن، يىغلاڭغۇ شېئىرلىرىدىكى تىلمۇ ۋە شېئىرىي مۇھىتمۇ ئۆزگىچە مۇڭلۇق، ئېغىر. ئۇ تىل ئىشلىتىشتە كەيپىياتقا بېرىپ تاقىلىدىغان، شۇنداقلا كىشىلەرگە ئەنئەنىنى، قەدىمنى ئەسلىتىدىغان، سېلىشتۇرما بايان ئارقىلىق ئۆتكۈر روھىي، مەنىۋىي زىددىيەتنى ئېچىپ بېرىدىغان تىل ۋە جۈملە تۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللاندى. سۆزلەرنىڭ قوپاللىق، مەنتىقى زىتلىق ئىچىدىكى بىرىكىشىدىن گۈزەل، مۇڭلۇق، شۇنداقلا ئاچچىق غەزەپ- زار تولغان مىسرالار چەشمە بولۇپ تۆكۈلدى.

    تىترەپ تۇرارمەن ئوتخانىلەردە،
    چاڭقاپ ئۆلەرمەن مەيخانىلەردە.جانغا جان يىغلار، نانغا نائىلاج،"ھالىم ئاياندۇر دىۋانىلەردە.9 ئوتخانىدىكى تىترەش، مەيخانىدىكى چاڭقاش، جانلار ئارىسىدىكى نانسىراش، قانسىراش... بىز بۇ يەردە تولىمۇ ئوبرازلىق، ئەمما يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئېچىنىشلىق تەڭقىسلىق، بىچارىلىكنى ھېس قىلىپ بوغۇزىمىز غىققىدە بولىدۇ..شائىرنىڭ قولىدا سۆزلەر تۇيغۇ غەمزىسىنىڭ تەڭكىشىگە ئايلاندى. تىل كەيپىياتلاشتى، يەنى مېھىر- قەھرى بار، كۈلۈپ، يىغلىيالايدىغان تىرىك جانغا ئايلاندى- دە، غوجىمۇھەممەدنىڭ كۈلپەت- نادامىتىنى، ئازاب- ھەسرىتىنى، غەزەپ- زارىنى ئوخشىمىغان تۈس- ئەستە بايان قىلدى. ئۇ ئىشلەتكەن سۆزلەر ئاجايىپ- غارايىپ ئەمەس، بەلكى، شۇ قەدەر ساددا، زاغرىۋىي، سىدام. تېخنىكىلىق سۆز ئويۇنى يوق. بۇ خىل ساددىلىق، تەبئىي تەسۋىرلەش ئىچىدىكى بەدئىي چوڭقۇرلۇق ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ئۆزگىچە قەدىمىي، كلاسسىك پۇراق ۋە پىكىر تىرەنلىكى بەرگەن بولۇپ، ئۇ كۆڭۈلنىڭ ھارغان، ئاچقان يېرىگە نەخ بېرىپ تىگەلەيدۇ ۋە كىشىنى ھاياجانلىق زوققا ئورىيالايدۇ.
    غوجىمۇھەممەد شېئىرلىرىدىكى تىل ئۇسلۇبىنى ھېس قىلىش مۇمكىن، دەپ بېرىش ئىنتايىن تەس. بەرھەقكى، تىلغا تىل قىسىق2. كەيپىيات ئىنتايىن گەۋدىلىك. بىز بەزى شېئىرلارنى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا قەلبىمىزدە ھېچقانداق قوزغىلىش ياكى زىلزىلە پەيدا بولمايدۇ. دېمەككى، شېئىردا شېئىرىي ھېس- كەيپىيات ۋايىغا يېتەلمىگەن، ئوقۇرمەننىڭ داۋالغۇشقا تەشنا قەلبىگە ھېچقانچە قوزغاتقۇچ سوققا بېرەلمەيدۇ. ئەمما غوجىمۇھەممەدنىڭ ناھايتى كۆپ شېئرلىرى تراگېدىك تۈس، سەمىمىي ئازاب، ئىسيان- چوقان، مۇھەببەت، غەزەپ- زار تۇيغۇسىنىڭ ئىنتايىن روشەن، ئېنىق ۋە كۈچلۈكلۈكى بىلەن ئالاھىدە خاراكتېرلىنىدۇ. نۇرغۇن شېئىرلارنى يىغلىيالماي يا كۈلەلمەي تەڭقىسلىقتا قالغان دېمىق بوغۇلۇشقا تىمساللاش مۇمكىن. غوجىمۇھەممەد شېئىرلىرىدا مۇڭلانسا كىشىنىڭ ئىچى سىيرىلغۇدەك دەرىجىدە يىغلاپ مۇڭلاندى؛ يىغلىسا ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئەس- ھۇشلىرىنى تىترىتىپ كۆزىنى كەلكۈن باستۇرغىدەك ئېچىلىپ يىغلىيالىدى؛ ئاچچىقلىسا پۈتۈن تېنىنى غەزەپتىن لاغىلداپ تىترىتىپ تۇرۇپ ئەسەبلىرىگە پاتماي چىڭقىلىپ ۋارقىرىيالىدى، تەلۋىلىكى، ئەسەبىلىكى چىڭىغا چىقالىدى؛ ئاچچىق غەزەپ- مەسخىرىسىنىڭ زەھەرخەندە تۈتەكلىرى ۋۇجۇد ئالىمىنى بىر ئالدى.
    كىتابخانلارنىڭ يۈرىكىنىڭ بېغىغا تەگكەن شېئىرلار دەل شېئىرىي ھېسسىيات، كەيپىيات قىيامىغا چىقالىغان شېئىرلاردۇر.  بىز نۇرغۇن شېئىرلارنى ھەددىدىن زىيادە يىغلاڭغۇ، چۈشكۈن دەپ ئاغرىندۇق، ھەقىقەتەنمۇ، ئۇلار يىغلىدى، ئەمما يىغىسى ھېچكىمنى تەسىرلەندۈرەلمىدى، ئويلاندۇرالمىدى. قاملاشتۇرۇپ يىغلاشمۇ بىر سەنئەت. غوجىمۇھەممەد راستىنلا ناھايتى چىرايلىق يىغلىدى. ئۇنىڭ يىغىسىدەك چىرايلىق، سەمىمىي يىغا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كەم تېپىلىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدىكى ئازاب تۇيغۇسى، چوڭقۇر تراگېدىك لەھزە، چىدىغۇسىز توقۇنۇش، كەسكىن ئىسيان پۇرىقى، مول پەلسەپىۋى پىكىر- زىكىر قاينىمى، شۇ قەدەر ئەپچىللىك بىلەن جۈملە تۈزۈش سەنئىتى، چىرايلىق شېئىرىي مۇھىت ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى مۇئەييەن بىر پەللىگە بەلگە بۇپقالغۇسى!
    eھەقىقەتەنمۇ:
    شائىرلىق ئۇ دېگەن سەلتەنەت ئەمەس،
    يۈرەكنى ئازابنىڭ ئوتىغا قاقلاش.
    _- «ئايرىلىش»تىن

    شائىر ئەمەس كۈلدۈرەلمىسە،'شېئىر ئەمەس ئۆلتۈرەلمىسە.)- «غېرىبلىققا يەتمەس ھېچنىمە»دىن

     vكۆز يېشىغا بولدۇم پەيغەمبەر

    غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدتىن ئىبارەت بۇ يىغلاڭغۇ شائىر ھەققىدە مۇشۇنچىلىك توختىلىش مېنىڭچە كۇپايە قىلمايدۇ. لېكىن مەن مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ توختىلىپ بىزنىڭ مۆھتىرەم شائىرلىرىمىزغا، تەتقىقاتچىلىرىمىزغا ۋە شېئىر ئىخلاسمەنلىرىگە ئارىمىزدا 30غا ئەمدىلا توشقان بىر تىرىك شائىرنىڭ بارلىقىنى، شۇنداقلا ئىقتىساد ئۆزىنىڭ شەپقەتسىز شەپشەكلىكىنى راسا ئاشكارىلاۋاتقان، ئىنسانىي قان- قېرىنداشلىق، مېھىر- مۇھەببەت تۇيغۇسى رەھىمسىزلەرچە چەيلىنىۋاتقان موشۇنداق بىر بەدىۋىي زاماندا غۇربەتچىلىكتىن قان يۇتۇپ ئولتۇرۇپمۇ شېئىر ۋە پاكىز ئىنسانىي تۇيغۇلار ئۈچۈن جان بېرىۋاتقان بىر چىن شائىرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى ۋىجدانىي قەرز دەپ قارىدىم. بۇ پەقەت شائىرنىڭ روھىي دۇنياسى ۋە شېئىر- تۇيغۇ ئالىمى ھەققىدىكى كىچىككىنە بىر قىردىن ئىبارەت. بىز تېخى شائىر دۇنياسىنىڭ ئىستېتىك مەنالارغا ئالاقىدار تەرەپلىرىگە ھەم شېئىرىنىڭ پايانسىز قاتلاملىرىغا دېگۈدەك چوڭقۇرلاپ كىرىپ بولالمىدۇق. غوجىمۇھەممەد ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن «بوز»لار بىزنىڭ داۋاملىق ئېچىشىمىزنى، تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. تەكرار- تەكرار ئاگاھلاندۇرۇش كېرەككى، شېئىر ئويغىنىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئالدى بىلەن شائىرنىڭ ئويغىنىشى بەرھەقتۇر.8 غوجىمۇھەممەد كۈلۈشى كېرەكمۇ؟:بۇ بىر قىزىقارلىق ھەم ئەھمىيەتلىك پاراڭ تېمىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇ بىر قېتىم مەن بىلەن كۆرۈشكەندە :« ئايالىمنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ تاپا- تەنىسىگە چىدىماي ئەينەككە قاراپ 15 كۈن ئەتراپىدا كۈلۈشنى مەشىق قىلدىم. لېكىن زادىلا كۈلەلمىدىم. بىر بولسا ھىجىيىپ كېتىمەن ياكى تېخىمۇ ئاچچىقلاپ يىغلاپ كېتىمەن» دېگەن ئىدى. 7 بىز ئۇنى كۈلدۈرەيلىمۇ؟
    ئۇنىڭ نېمىشقا شۇنچىۋىلا يىغلاڭغۇلۇقىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەي، بىراۋنى ھەدېسىلا كۈلكىگە زارلاش ئۇچىغا چىققان ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. تىنتىپ باقايلى: ئۇ نېمىشقا يىغلاڭغۇ؟:
    گەپنىڭ جىڭىنى قىلغاندا، شېئىر، شائىر پۈتكۈل بارلىقىنى ئاتاپ، ھەممە- ھەممە نەرسىسىنى بېغىشلىۋەتكەن شېئىر شائىرنى يەپ كەتتى. ئۇ كېچە- كۈندۈز شېئىرنىلا ئويلىدى، شېئىر ئىچىدىلا ياشىدى. كەچلىكى شېئىر يازغان شائىر تۇيغۇ دۇنياسىدىكى پىكىر- شېئىر قايناملىرىدىن قۇتۇلالماي ئۇخلىيالماي چىقاتتى. ئۇ ئىلھام پەرىشتىسىنى ئىزدەپ ھالسىرايتتى، تاپاتتىيۇ، قۇتۇلالماي قىينىلاتتى، بوغۇلۇپ، تولغىنىپ چىقاتتى. شېئىر ئۇنى تۇتىۋېلىپ قانغىچە بوغۇزلاپ ئوينىدى. شېئىر يېزىپ ئىلھامىدىن قۇتۇلالمىغان، كېچىلىرى تۈزۈك ئۇخلىيالمىغان شائىرنىڭ كۈندۈزلىرىمۇ قاپىقى چۈشۈك، كەيپىياتى شېئىر ئىچىدە غەمكىن داۋاملىشىۋەردى، شۇنداقلا ئەتراپتىكى دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش رەپتارى بىلەن ئۇنچىۋىلا كارى بۇپكەتمىدى. دۇنياغا شېئىرغا قارىغان كۆز بىلەن قارىغان شائىر دۇنيا ۋە زامانىۋى ئالاقە شەكلى، تۇرمۇش تەرتىۋى تەرىپىدىن مەسخىرىلىك ئەخمەق قىلىندى. ئۇ بارا- بارا مىجەز، كەيپىيات جەھەتتىنمۇ ئىلاھىي ئىشىق، ھەق ۋۇجۇدىغا يەتمەگلىك ئۈچۈن بارلىغىنى ئاتىۋەتكەن، جاھاننى، دۇنيا ئىشلىرىنى تەرك ئىتىپ ئۆز روھىي دۇنياسىنىڭ بىكىك تارچۇقىغا بېشىچىلاپ كىرىپ كەتكەن ئازغۇن سوپىلارغا ئوخشاپ قالدى. شائىر شېئىر بولسىلا بولدى، دەپ ئويلىدى. ئەمما دۇنياغا شېئىرلا، مەنىۋىي پىچىرلا ئەمەس، نانمۇ، مەنىۋىي پىچىرغا قۇۋۋەت، يۆلەك، تىرەك بولغۇچى ئەقلىي زىكىر، ماددىي سېھىرمۇ جاندەك لازىم ئىدى. ئىدىيىسى ھەقىقىي ساغلام، ئادىمىلىكى بىلەن دۇنياغا يۈزلىنەلەيدىغان بىر ئەمەلىي شائىرغا شېئىر، شېئىر يېزىشلا ئەمەس ئائىلە، خىزمەت، تۇرمۇش، ھاياتمۇ زۈرۈر ئىدى. تۇرمۇشنىمۇ شېئىردەك گۈزەل مۇھەببەت بىلەن كۈيلەش، ھاياتقا شېئىرغا يۈزلەنگەندەك قىزغىنلىق ۋە جەڭگىۋار جۇش بىلەن قاراش كېرەك ئىدى. قۇرساق ئاچ توقۇلغان شېئىر ئاچ كالىنىڭ مۆرىشىگە ئوخشايدۇ. ئەمما چىن شېئىر شائىردىن ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بۇقا بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇكى، ئارمىنى بار دەرمىنى يوق، سۇپرىسى بار بىر نېنى يوق بىچارە خىيالپەرەس، غايىۋى شاتۇت بولۇشنى ئەسلا ياقتۇرمايدۇ. ئۆزىنى مۇھتاجلىقتىن ساقلىغۇدەك ماددىي مەئىشەتنى ئۆزىگە تىرەك، سەرمايە قىلالمىغان بىر شائىرنىڭ شېئىرى بەلكىم كارامەت ئىستېتىك سەۋىيە، بەدىئىي پەللە يارىتىپ باشقىلارنى زوقلاندۇرالىشى مۇمكىن، ئەمما شائىرنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ ئىچ مىجەز، غەمكىن، چۈشكۈن، رەسۋا قىلىۋېتىدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئادەم چىن شېئىر ۋە گۈزەل تۇيغۇلارنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئىستېتىك پەرۋازىنى يوقسۇللۇق، غۇربەتچىلىك، ئىزىلىش، تەڭسىزلىكتىن تۇغۇلىدۇ، دەپ ئىشىنىدۇ. توغرا، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك كىشىلەردە ھەق- ناھەق تۇيغۇسىنى ئەڭ كۈچلۈك ئويغىتىدىغان قوزغاتقۇچ ئامىل. ئەمما شېئىرنى دەپ ئۆزى بىلىپ، كۆرۈپ تۇرىۋاتقان قاراڭغۇ مەھكۇملۇققا ئۆزىنى خالاپ تۇتۇپ بېرىشكە، جاھالەتتىن قاقشاش بىلەنلا بۇپكېتىپ جاھالەتنىڭ ئۆزىنى، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ-دە. يازغۇچى- شائىردا ناھەقچىلىك، زۇلۇم- زالالەت ئۈستىدىن شىكايەت قىلىش، زارلاش، غەزەپلىنىشلا بولۇپ، ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت بولمىسا ئۇنىڭ يازغان- تىزغىنىنىڭ زادى نېمىگە پايدىسى؟ باشقىلار ئۇنىڭ يازۇلىرىدىن ئىلھام- مەدەتلىنىپ نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ، دىيىشىمىز مۇمكىن. ئەمما سەن جان بەرگەن ئىدىيە سېنى بولسىمۇ قۇتقۇزالمىسا باشقىلارنى قانداق قۇتقۇزسۇن؟ زارلاپ- زارلاپلا قويۇپ، ئۆزىنى قاپساپ تۇرغان بەدبەشىرىلىكنى بىتچىت قىلالماسلىق سېپى ئۆزىدىن روھىي غالىبىيەتچىلىكتىن ئىبارەت. بىزدە شۇنداق بىر مەسخىرىلىك ئىپادىلەش بار: « ئويغان، ئويغان دېدى بىر مەست، ئاندىن ئۇخلاپ قالدى». خەقنى تىنەپ- تەمتىرىمەي ئادەمدەك تۈزۈك ياشاشقا تىنماي دالالەت قىلىپ تۇرىدىغان شائىر ئۆزى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئادەتتىكى تۇرمۇش ھاجەتلىرى ئالدىدا بۇيۇن قىسىپ قالسا، بۇنى ئۆزى يازغان، ئەقىدە قىلغان شېئىرغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ يۈزسىزلىك، خائىنلىق دىمەي ئامال يوق. يەنە كېلىپ شېئىر، شېئىرىي تۇيغۇ، چىن ئادىمىي ھېسسىياتلار پۇل- مال بىلەن قەتئىي كېلىشەلمەيدۇ دېسە، مەن ئىللا- بىللا ئىككى دۇنيا  ئىشەنمەيمەن. يېتەرلىك مەئىشەتنى رەت قىلىدىغان ئىدىيىدە جەزمەنكى ئېغىر مەسىلە بار، بۇنداق ئىدىيىگە جان بەرگەن قەۋم، مىللەت، دۆلەت دۇنيادىن قۇل پېتى ئۆتسە ئۆتىدۇكى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدە، سانائىتىدە، ئومۇمىي ساپاسىدا ئىلگىرىلەش بولمايدۇ. بەختىنىڭ ئومۇمىي پۈتۈنلۈكىگە ئارقىسىنى قىلىۋالغانلاردىن سائادەت تۆت پۇتلاپ قاچىدۇ.  ئابدۇقادىر داموللام، مەمتىلى ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرىلار مۇرەسسە تەلەپ قىلمايدىغان ئۇلۇغ شائىرلاردۇر. ئۇلارنىڭ ھاياتى بولسا تراگېدىك تۈس پەۋقۇلئاددە زور دەرىجىدە چىڭىغا چىققان، ئىسيان بىلەن تولۇپ- تاشقان، دەۋرنىڭ بارلىق ئەپتىبەشىرىسىنى ئۆزىگە تۇلۇق مۇجەسسەم قىلغان ناھايتىمۇ ئۇلۇغ، گۈزەل شېئىرلاردۇر. ئۇلار شېئىر يازدى، ئەمما شېئىردەك ياشاشنى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلدى. رېئاللىقنى ئۆزگەرتىپ زۇلۇمنى يوقىتىشنى، ئومۇمىي توپ ئۈچۈن ھەقىقىي، رېئال ئەرك ئىزدەشنى ئۆز ھاياتىدا يېزىشقا تېگىشلىك بىردىنبىر مۇقەددەس شېئىر دەپ بىلدى ۋە قەلەمنىمۇ، ئەلەمنىمۇ تەڭ ئىشقا سالدى. مېنىڭچە رېئاللىقنى ئۆزگەرتىش يولىدا بېسىلغان مۇۋەپپىقىيەتلىك بىر قەدەم بىر گۈزەل شېئىر. باستۇرۇپ كېلىۋاتقان دۈشمەننى كۆرۈپ «دۈشمەن كەلدى» دەپ ۋارقىراش ۋە ئۇنى تىللاپ، قارغاپ، سۆكۈپ پايتمىسىنى پېتەك قىلىۋېتىش نۇرغۇن ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ. ئەمما دۈشمەننى قانداق يوقىتىش ھەققىدىكى پىلان- تەدبىر ۋە ئەمەلىي جانپىدالىق خالىغان ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. بىزگە ئېغىزىدا شەھەر ئالىدىغان ئۇلۇغ غايىشۇناسلار ئەمەس، يولدا پۇتلاشقان كىچىككىنە تەمەچنى ئېلىۋېتىشنى بولسىمۇ چىن دىلىدىن ئىستەيدىغان، قىلىۋاتقان ئىشى ھەققىدە ۋارقىراپ ئالەمگە سۈرەن سالمىسىمۇ قول سېلىپ، باش چۆكۈرۈپ ئەمەلىي ئىشلەشنى ئەۋزەل بىلىدىغان ئادەملەر بەكرەك كېرەك.


    收藏到:Del.icio.us