ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-11

    روھ دارىدا تېرىلگەن ئىسيان (بېشى) - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    غوجىمۇھەممەد  مۇھەممەد ۋە ئۇنىڭ شېئىرىي دۇنياسى ھەققىدە ئىككى ئىغىز گەپ

    نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن

    ئۇمۇھەممەد.− غوجىمۇھەممەد، يەنە داۋاملاشتۇرساق غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد، يىغىپ كەلسەك بىرلا ئىسىم−   گۇما ناھىيىسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا بىر ئۆمۈر دوختۇرلۇق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ باشقىلارنىڭ كېسەلمەن تېنى ۋە كېسەللىكتىن ئازار يېگەن روھىنى داۋالاپ ئۆتكەن مۇھەممەد ئىسىملىك ئاتىنىڭ 1971- يىلى 9- ئايدا توغۇلغان ئوغلىغا غوجىمۇھەممەد دەپ ئىسم قويۇلدى. بەلكىم ئىسىمنى ئاخۇنۇم «كىتابتا بار» دەپ ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللاپ قۇيۇپ بەرگەن بولۇشىمۇ، ئۇلۇغلار، ئۇرۇق- تۇغقان، قۇلۇم- قوشنىلار تەۋسىيە قىلغان بولۇشىمۇ ۋە ياكى مۇھەممەد دوختۇر ئۆزى تاللاپ بەرگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن، ئىسىم قويغۇچىلار «غوجى» سۆزىنىڭ ئەسلى تەلەپپۇزىنىڭ «خوجا» بولىدىغانلىغىنى؛ ئۇنىڭ «ئۇستاز، خوجايىن، ئىگە» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرسىمۇ؛ قىسمەن كۆچمە ھاللاردا  مۇبارەك ئاللاھنى كۆرسەتسىمۇ، لېكىن مۇتلەق كۆپ ھاللاردا ئەرەب تىلىدا «سەييىد»(سېيت) تەلەپپۇزى بىلەن كېلىپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىنى كۆرسىتىدىغانلىغىنى، دېمەك، «غوجىمۇھەممەد» دېگەن ئىسىمنىڭ يەنىلا «مۇھەممەد» دېگەن ئىسىم بىلەن ئوخشاش مەنە ۋە سۈپەتنى ساقلاۋىرىدىغانلىغىنى بىلىشمىدى، بىلسىمۇ ئېرەن قىلىشمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئىسىم- فامىلىسىدا ئۈچ مۇھەممەد ئارقىمۇ- ئارقا كېلىۋەردى. 
            مۇھەممەد ئاكا دۇختۇرلۇق بىلەن ئاساسەن تەندىكى زەئىپلىكنى داۋالىغان بولسا، رەھمەتلىكنىڭ غوجىمۇھەممەد ئىسىملىك بۇ ئوغلى «روھتىكى زەئىپلىكنى داۋالايدىغان شېئىر يازىمەن» دەپ يۈردى ھەم بىر تۈركۈم نەرسىلەرنى يېزىپ باقتى. ئۇنى باشقىلارنىڭ «شېئىر» دەپ ئاتاش- ئاتىماسلىقى بەرىبىر. ئىشقىلىپ ئۇ «شېئىر» دەپ يازدى. باشقىلار مەيلى كىشىگە خۇشاللىق، روھىي ئازادىلىك بېرەلەيدىغان، كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن تۇيۇنغان مەردانە، جۇشقۇن، ھاياتنى، تۇرمۇشنى، زاماننى قىزغىن مەدھىيلەيدىغان شوخ، لېرىك شېئىرلارنى قانچىلىك يازسۇن، نېمىشقىدۇر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدتىن ئىبارەت بۇ بىچارە شائىر ھەرقانچە قىلىپمۇ خۇشاللىق، كۆتۈرەڭگۈ روھ، جۇشقۇن ھېسسىيات بىلەن كۈيلىيەلمىدى، كۈلەلمىدى ھەم كۈلدۈرەلمىدى. يامغۇر، قار ياغسىمۇ ھېسسىياتى تۇتۇپ كېتىدىغان؛ باھار كەلسە كۈلۈپ، مايسا بىلەن تەڭلا ياشىرىپ، كۆكلەپ كېتىدىغان؛ ھەرقانداق بىر بايرام كەلسىلا شېئىرىي خۇشاللىقى ئاسمانغا يېتىدىغان «ھېسسىياتقا باي» بىر قىسىم، ياق، كۆپ قىسىم شائىرلارغا قارىغاندا ئۇ بەلكىم ھېسسىياتقا بېخىلراقتۇ؟! تەبىئەتتىكى ھەربىر ئۆزگىرىش، سىياسەت، تۈزۈمدىكى ئازراقلا داۋالغۇشتىنمۇ مىسلىسىز گۈزەل كېلىچەكنى كۆرۈپ يېتىپ شادلىنالايدىغان ھېسسىي تەسەۋۋۇر ۋە شاللاق تەپەككۇرغا ئۇ بەلكىم گالدۇر. ئۇ ئۆزىمۇ بىر قېتىم ماڭا:« بەلكىم دۆتراق بولسام كېرەك» دېگەنىدى. راست، ئۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىدا ماتېماتىكىدىن ھېچنەرسە بىلمەيتتى، ئوقۇشىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. بولمىسا تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغۇچە ئوقۇغان ئادەم ئالىي مەكتەپكە ئۆتسە بولاتتىغۇ؟ تېخى قايتا ئوقۇغىنىنى نېمە دەيلى؟ دۆت بولمىسا قايتا ئوقۇغاندىن كېيىن ئۆتسە بولاتتىغۇ؟ ئەمدى ئۆتۈپ كېتىمەن، ئوقۇيمەن، پۇخادىن چىققۇچە ئۆگىنىمەن دەپ يەڭ تۈرۈپ تەييارلىق قىلىپ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرگىنىدە قىزىق ھەم ئېچىنىشلىق ھالدا «تەلەيسىزگە سۇ كەلسە، ئاللاكۇدىن يار كەتتى» دېگەندەك ئىش بولدى. ئاللاكۇدىن يار كەتمىدى، ئەمما كاساكۇنى كەلكۈن- سەل باستى. ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىدىن تەلىيى يوق شائىرنىڭ قۇرسىقى جەھلى بىلەن ئاغرىپ، قىيناپ زادىلا ئولتۇرغىلى قويمىدى. «خان يارلىغى يامانمۇ، قوڭ يارلىغىمۇ؟». ئۇنىڭ قانچىلىك ئازابلانغىنىنى يېزىش ھاجەتسىز. ئۇ ئىمتىھان مەيدانىدا چىداپ ئولتۇرالمىدى. كەلگۈلۈكنى ئىشتانغا شاتراقلىتىپ قۇيىۋېتىپ جاۋابنى يېزىۋەرگەن بولسا بەلكىم قانۇنغا خىلاپ بولماسلىغى مۇمكىن ئىدى. ئەمما بىزدە ئادەم بار يەردە يەل قۇيىۋېتىشمۇ ئەيىپ ئىش- تە!؟ «يېرىم سائەتكىچە ئىمتىھان مەيدانىدىن ئايرىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن بەلگىلىمىلەر شۇ چاغدا بولغۇسى شائىرغا كارغا كەلمەي قالدى. ئادەم دېگەن نەرسە تۈزۈم، سىياسەت، بەلگىلىمىلەرگە بۆشۈككە بۆلەنگەندەك خاتىرجەم كۆنىۋەرگەن بىلەن قۇرساق، ئاغرىقنىڭ تۈزۈم بىلەن پەرۋايى پەلەك ئىدى. ئۇ راستىنلا ئۆزىگە بەگ، ئۆزىگە خان بولدى. لېكىن شائىرچۇ؟...كېيىنكى يىللاردىمۇ ئۇنىڭ دۆتلۈكىگە ئىسپات بولىدىغان تالاي ئىشلار يۈز بەردى. ئېگىلىشنى، خەقكە ئاغزى تاتلىق بىلەن ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ كۆڭلىنى ئېلىشنى بولسىمۇ ئۆگىنىپ قويغان بولسا ئۇ بەلكىم باشقىچە كۈن كەچۈرۈشى مۇمكىن ئىدى. شېئىر دەپ قۇرۇق قەغەزگە جىجاپ، سىزىپ، بارلىقىنى شۇنىڭغا ئاتاپ ئولتۇرماي كوچىغا چىقىپ تاماكا ساتقان بولسىمۇ بەلكىم بىر بالا يېتىم، بىر ئائىلە ۋەيران بولماس ئىدى. شېئىرىدىن ھەسرەت، مۇڭ، يىغا ئەمەس كۈلكە تۆكۈلەر ئىدى. ۋەھالەنكى، بىز ئۇ چاغدا بۈگۈنكى غوجىمۇھەممەدنى كۆرەلەمتۇق؟ بەلكىم غوجىمۇھەممەدنىڭ دۆتلۈكلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئۈچۈن كەم تېپىلىدىغان بەدىئىي ئىستىدات ۋە شېئىرىي يۈكسەكلىككە ۋاستە بولغاندۇ!      ئۇنى كىچىك چېغىدىن باشلاپلا كۈلەلمىگەن دېسەك خاتالاشقان بولىمىز ھەم ھازىرمۇ كۈلمەيدۇ، كۈلەلمەيدۇ دېسەك رېئاللىقنى نومۇسسىزلارچە ئىنكار قىلىپ قويغان بولىمىز. ئۇ ھازىرمۇ كۈلىدۇ، لېكىن شېئىرنىڭ ئىچىدە ئەمەس. ئۇ ھازىرمۇ كۈلىدۇ، ئەمما شېئىر يېزىۋاتقاندا ئەمەس. ئۇ ھازىرمۇ كۈلىدۇ، ئەمما شېئىر ئىچىدە ياشاۋاتقاندا ئەمەس. تېخى ئۇ بەزىدە ئۆزىنىڭ بەك كۆپ كۈلۈپ كەتكىنىدىن ھەيران قالىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :«ئەگەر سىلەرمۇ مەن بىلگەننى بىلىپ، مەن كۆرگەننى كۆرەلىگەن بولساڭلار، ئاز كۈلۈپ، كۆپ يىغلىغان بولاتتىڭلار » دېگەن ئىكەن. بەلكىم غوجىمۇھەممەد مېنىڭ نام- ئېتىم پەيغەمبەرنىڭكىگە ئوخشايدۇ، دەپ ئەتەي شۇنداق سۈرلۈك، پەرىشان، غەمكىن قىياپەتكە كىرىۋالمىغاندۇ. لېكىن ياراتقۇچىنى بىزنىڭ شائىرىمىزغا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭكىدەك ئەقىل، كۆز، تەپەككۇر، ئەخلاق، ئېتىقاد ۋە ئاجايىپ ئۇلۇغۋار ساداقەت بەرمىگەن بىلەن ھېچبولمىسا مەسىلىلەرنى سەل باشقىچىرەك كۆرۈپ كۆزىتىدىغان كۆز، ئىنساننىڭ ئىنسانىلىغى ئۈچۈن ۋىجدان بىلەن سوقىدىغان ئىسسىق يۈرەك بەرگەن بولسا ئەجەپ ئەمەس. كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز، مېڭە، يۈرەك.... بۇلار ھەربىر ئىنساننىڭ يارىتىلمىسىغا مۇۋاپىق نىسبەتتە تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە ئىقتىدارى تۇلۇقى بېرىلگەن. لېكىن ھەربىر ئەزانىڭ ئۆز قۇدرىتىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرۇش شۇ ئەزانىڭ ئىگىسىگە باغلىق. سەن بىر ئەزانىڭ كامالەت ئىشىكىنى ئاچساڭ ئېچىلۇر، ياپساڭ يېپىلۇر. ھومېر كۆزىنىڭ نۇرىنى يۇلۇپ ئېلىپ تەپەككۇر ۋە سەزگۈسىگە سىغداپ كۆرىۋىدى، ئۇ ئالەم پونكىتىدىكى ھەربىر ئۇششاق زەررىچىنى قۇياش باراۋىرىدە كۆرەلەيدىغان مىكروسكۇپقا ئايلاندى. نېكولاي ئوستروۋىسكى كۆزى كۆرىۋاتقاندا ئەمەس، بەلكى قۇياشنىڭ ئىللىق مېھرىنى كۆرۈشتىن مەھرۇم بولۇپ مەڭگۈلۈك زۇلمەتنى ھېس قىلغىنىدا چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى تولىمۇ نۇرانە بىر توچكا ئىچىدىن پولاتنىڭ قانداق تاۋلىنىدىغانلىغىنى بىلىپ يەتتى ۋە «بوران بالىلىرى» بولۇپ قاراڭغۇ زۇلمەت ئىچىدىن جار سېلىپ چىقىپ كەتتى. ۋەھالەنكى بىزدە ھەربىر ئەزانىڭ روھىي قۇدرىتىنى ھېس قىلىپ ئۇنى چىن ئىنسانىلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرالايدىغان ئادەملەر كۆپ ئەمەس. شۇڭا بىزدە كۆزى ئوچۇق قارىغۇ كۆپ، قولىقى ئوچۇق گاس تولا، پۇت- قولى ساق چولاق كۆپ، دۈپۈلدەپ سوقۇپ تۇرىدىغان سېسىق گۆشى بار، ئەمما ئىسسىق يۈرىكى يوق ۋىجدانسىز نائەھلىلەر ساماندەك. غوجىمۇھەممەد باتىنى ۋە زاھىرىي كۆزلىرى بىلەن ھادىسىلەرنىڭ تاشقى پوستىدىن ئىچكى ماھىيىتىگىچە كۆرۈپ يەتتى- دە، تەپەككۇرىنى دادىل قۇيىۋەتتى. تەپەككۇردىكى يۈكسەكلىك بىلەن رېئاللىقتىكى بەدبەشىرىلىكنىڭ دەھشەتلىك سوقۇلۇشىدىن تەپەككۇر ئەسلىگە قايتىش پەيدا قىلدى، ئاجايىپ ئېغىر تەنھالىق ۋە غېرىپلىق يىتىپ كەلدى. غوجىمۇھەممەدمۇ، ئۇنىڭ شېئىرلىرىمۇ، شېئىرلىرىدىكى مۇھىتمۇ كۈلەلمىدى. كۈلمىگەن جاندا گۇناھ بارمۇ؟        بىزدە ھەممىلا نېمىدىن خۇشاللىق تاپالايدىغانلار، مۇسىبەتنىمۇ چاقچاققا يۆلەپ ئۆتكۈزىۋېتىشكە خۇشتار كۈلكە مەستخۇشلىرى ئاز ئەمەس. لېكىن بىر ئادەم يىغلاۋاتسا ئۇنىڭ قەلبىدىكى پىغان بىلەن ئۆز كەلمىش- كەتمىشىدىكى مەنبەداشلىقنى تۇنۇپ ئورتاق بىر ئىنسانىي ئازاب ئىچىدە ھەمدەرد بولۇپ ياشىيالايدىغانلار تولىمۇ ئاز. شۇڭا بىزدە ۋەھىمىنى، خرىسنى، بېسىمنى، كرېزىسنى ھېس قىلالايدىغانلار ئاز، ھېس قىلسىمۇ ئۇنىڭدىن قوتۇلۇشنى ئىزدەپ ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلار كۆپ ئەمەس. رەڭدار تۇرمۇشنىڭ سوپۇن كۆپىكىدەك يەڭگىل، ئالدامچى پەردىسىنى قايرىپ ئۇنى ئىخلاسى ۋە ئىمانى بىلەن كۆزىتىپ باقىدىغانلار يوقنىڭ ئورنىدا. مۇشۇ خىل تەنتەك روھىي كەيپىيات ۋە ھەدېسىلا ياسىما خۇشاللىق، زورلام كۈلكە تەۋسىيە قىلىدىغان غىلجىڭ تەپەككۇر تەسلىمچىلىكى، سۈنئىي كەيپىياتنىڭ مەپتۇنكار شەرەندازلىرى تەرىپىدىن غوجىمۇھەممەدنىڭ شېئىرلىرى دىققەتتىن خالىي ھالدا قېلىۋەردى، يىغلاڭغۇ دەپ تام تۈۋىگە ھەيدىلىۋەردى. شېئىرنىڭ ھەقىقىي يۈرىكىنى تۇتۇپ باقىدىغانلار چىقمىدى. ئەكسىچە « پارتىيىنىڭ شۇ قەدەر ئادىل سىياسىتى ئاستىدا ھەممەيلەن بەختلىك كۈن كەچۈرىۋاتسا، سەن ‹يىغلاڭغۇ ئادەم› دەپ بىر نەرسە يېزىپ يۈرۈپسەنغۇ» دەپ ھەيۋە بىلەن سوراقلايدىغانلار چىقتى. غوجىمۇھەممەدنىڭ يىغلاپ تاشلىمىغىنىغا ھەيرانمەن. ھەقىقەتەنمۇ، سىياسەت، قانۇن، تۈزۈم دېگەن تۆمۈردەك قاتتىق، ھېسسىز كېلەتتى. ئۇ روھىيەتتەك ئىنچىكە يەرلەرگە چوڭقۇرلاپ كىرىش بەختىدىن مەھرۇم ئىدى. نوقۇل سىياسىي ئاڭ، كاللا بىلەن ئەدەبىيات- سەنئەتكە ھۆكۈمرانلىق قىلىش مەدەنىي دۇنيادىكى مۇشتۇمزور فاشىزمدىن ئىبارەت. ئەي چېڭ شۇڭا : «شائىرغا ئەركىنلىك» دەپ توۋلىغانىدى. غوجىمۇھەممەد بۇنى ناھايتى چوڭقۇر بىلەتتى. ئەمما زاكۇنلىشىشنىڭ پايدا بەرمەيدىغانلىغى ئۇنىڭغا ئايدىڭ ئىدى. زاكۇنلاشسا  خىزمەتتىن نان تىلەشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان، جاھالەتكە پاتقان بۇ بىر توپ قۇرساق بەندىلىرى يوق گەپلەر بىلەن ئۇنى پۇتلاپ قويۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى. بولمىسا ئەشۇنداق بىمەنە، تېتىقسىز سوئاللارنىمۇ سوراپ يۈرەتتىمۇ؟ غوجىمۇھەممەد باشقىچىرەك يول بىلەن چۈشەندۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. لېكىن «شېئىر» دېسە «پۇل» دەپ چۈشەكەپ توۋلايدىغان، بىچارە شائىرنىڭ دەردىنىڭ مىڭدىن بىرىگىمۇ ھەمدەم بولالمايدىغان ئەشۇ سابىق ئايالى «سەن ھەمىشە ھومىيىپلا يۈرىسەن، كۈلەلمەمسەن؟» دەپ تەكرار- تەكرار تاپا- تەنە قىلىۋەرگەندە ئۇ چىداپ تۇرالمىدى
     - ماكسىم گوركىمۇ پۈتۈن ئۆمرىدە ئاران ئىككى قېتىم كۈلگەن ئىكەن، بىرى رۇسىيە ئاقلاردىن تازىلانغاندا، يەنە بىرى تويى بولغاندا. مەن ھېلىمۇ بەك كۆپ كۈلۈپ كەتتىم، بىلەمسەن؟
    مانا بۇ ئۇنىڭ كۈلكە مەستخۇيلىرىغا بەرگەن زەردىلىك جاۋابى ئىدى. ئۇنى كۈلدۈرەيلىمۇ؟ مېنىڭچە ئەڭ ئالدى بىلەن غوجىمۇھەممەد روھىي دۇنياسى ۋە شېئىر ئالىمى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقساق، جاۋاب ئۆزلىگىدىن چىقىشى مۇمكىن.6
    ,                        - شېئىر يازماق ئەمەس مۇددىئا.; 
                                             «قۇيىۋەتتىم خىيال قۇشۇمنى»دىن

    «
    ئەركەكلىك»كە قىلاي مىڭ تازىم
    بىز مەلۇم مەنىدە قەھرىمانلىق، ئەركەكلىكنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئانا باش تېمىلارنىڭ بىرى دەپ ئېيتالايمىز. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ناخشا- قوشاق، ئەپسانە- رىۋايەتلەردىن  تارتىپ ئۇيغۇر خەلق يازما ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرى ھېسابلىنىدىغان «ئوغۇزنامە»، «مەڭگۈ تاش»، «ئىككى تېكىن ھېكايىسى»... قاتارلىق مەنبەلەرگىچە خەلقىمىزنىڭ ئادەملەر ئارىسىدىكى باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق، چىن ئىنسانىي پەزىلەتلەرگە بولغان ئىخلاس- ئېتىقادى پەۋقۇلئاددە چوڭقۇر دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن. بۇ ئانا باش تېما ئەسىر بورانلىرى ئىچىدە ئۈزۈلۈپ، خوراپ كەتمەستىن مەزمۇن، مەنە، شەكىل ۋە ئىستېتىك قاتلام جەھەتتىن ئىزچىل كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى. دېمەككى خەلقىمىزنىڭ ئىنساننىڭ ئىنسانىي تاكامۇلىغا بولغان مەدھىيە- ئىخلاسى ئۈزۈلۈپ قالمىدى. ئەدەبىياتنىڭ ئىپىك، لېرىك ژانىرلىرىدا بۇ ھال ئوخشىمىغان تۈستە ئايان بولۇپ كەلدى. بىز غوجىمۇھەممەد مۇھەممەدنى خەلقىمىزنىڭ «ئەركەكلىك» چۈشەنچىسىگە قارىتا مەنە، مەزمۇن، قاتلام جەھەتتىن زور دەرىجىدە ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرلىك بەدىئىي سەۋىيە ياراتتى، دەپ كېسىپ ئېيتىشقا تامامەن ھەقلىقمىز.
    بىز باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق ھەققىدە ئېغىز ئاچساقلا، كۆز ئالدىمىزغا دەررۇلا « كۆكسى ئېيىقنىڭكىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇننىڭكىدەك، بىلى بۆرىنىڭكىدەك، پۇتى بوقىنىڭكىدەك » يوغان، بەقۇۋۋەت ئەرلەرنىڭ كىلىشى تۇرغانلا گەپ. چىرايى كوسا، پارقىراپ تۇرىدىغان، كىيىمىنى قىرلاپ، پاكىز كىيىنىۋالىدىغانلار غىتمەك، خېنىم، چوكان مىجەز دەپ قارىلىدۇ. ھەتتا بۇ خىل قەھرىمانلىق چۈشەنچىسى بىزنىڭ ئەدەبىيات- سەنئىتىمىزگىچە چوڭقۇر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن بولۇپ، بىزنىڭ بەدىئىي قەھرىمانلىرىمىزنىڭ ئارىسىدىن ئورۇق، ئاۋاق، كىيىنىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىرەرىنى تېپىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنداقلا، چىرايلىق گالىستۇك تاقاپ، قاملاشتۇرۇپ، سىلىق- سىپايە گەپ قىلىپ يۈرىدىغان بىرەرىنى « مانا بۇ خېلى جىگىرى بار، قورقماس ئەزىمەت يىگىت » دېسە ھېچكىم ئشەنمەيدۇ. دېمەككى بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئەزىمەت دېگەن يارمىغان كۆتەكتەك بەستلىك، ئاچچىقى پۇراپ تۇرىدىغان، دەسسىسە يەر تىترەيدىغان، ئېغىزىدىن چىرايلىق گەپ چىقمايدىغان، ھە دېسىلا خەقنى سېسىق گەپ بىلەن تىللايدىغان بەڭگى، خوتۇنپەرەس، ياۋا مىجەز بولىدۇ ۋە شۇنداق بولۇشى كېرەك. بىز بۇلارنى ھەقىقىي ۋايىغا يەتكەن ئەردە بولۇشقا تىگىشلىك جىسمانىي شەرت دەپ قارايمىز. ئەمما شائىرچە بۇنداقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەركەكلىكى ئېشىپ- تېشىپ تۇرغان ئەر دېيىشكە بولمايدىغاندەك قىلاتتى. شائىر « ئەر » دېگەن بۇ ئۇقۇمغا « ئادەم » ئۇقۇمىنى پاراللېل قۇيۇپ تۇرۇپ ئادىمىيلىكتىكى بارلىق ئەقەللىي شەرتلەرنى ئۇنىڭ ۋۇجۇد كالامىغا يۈكلىگەندەك تۇراتتى.
    شائىرچە :« ساقال- بۇرۇت قويغانلارنىڭ ھەممىسى ئەر ئەمەس ئىدى؛ بۇغداي تېرىپ زاغرا ناندا قۇرساق توقلايدىغانلار، يەنى ئۆز ھەققىياتى ئۈستىدە كەسكىن پۇت تىكىپ تۇرالمايدىغانلارمۇ ئەر ئەمەس ئىدى؛ ئاھ خەلقىم، دەپ دەرد يۇتۇپ دەردىنى مەيخانىدىن، ئىشرەتخانىلاردىن ئالىدىغانلار ئەر ئەمەس ئىدى؛ ‹ ئېتىقاد › ۋە ‹ توغرا يول › ھەققىدە سۆزلەپ قويۇپ، ئەمەلگە چېكىت چاچمايدىغان، ئىچ- ئىچىدىن قۇرۇپ، قاقشاپ ئۆتكەن، ئۆتىدىغان، ئۆلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر دىيىشكە بولمايتتى؛ قىلىچتىن قورقۇپ بېشىنى ئىگىۋالىدىغان، كاستيۇم كىيىپ ئەپتىنى پارقىراتقان بىلەن رەپتى ساماندەك ساپسېرىق تىترەپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر دەۋىرىشىكە بولمايتتى. ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن-جېنى، تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى، ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شېنى نىسى ئىدى... ».
    ئۇ «ئەر» ئۇقۇمىنى «ئىنسان» ئۇقۇمىغا تەڭ، پاراللېل قويغان ئىدى. ئۇ ئەرلەردىلا ئەمەس، ئاياللاردىمۇ، ساقاللىق يۈزلەردىلا ئەمەس، كوسا چىراي، ئىنچىكە بەللەردىمۇ «ئەركەكلىك» بار دەپ قارىغان ئىدى ۋە «ئەركەكلىك» تىن ئىبارەت بۇ سەمەرىنى چىن ئىنسانىلىققا تەڭداش سۈپەتتە كۆرۈپ يەتكەن، پۈتۈن ئىشقى بىلەن ئۇنى مەدھىيلىگەن ئىدى. شەمسىدىن تەبرىزى «ئىنساننىڭ ياشىمىقى نە ئۈچۈندۇر؟» دېگەن سوئالغا «ئىنسانىي كامىل بولماق ئۈچۈن» دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن. بىزنىڭ بۇ مىستېتىك شائىرىمىزمۇ «ئەركەكلىك»نى مەدھىيلەش ئارقىلىق ئىنساندىن ئىنسانىي تاكامۇل ئىزدەيدۇ. بارلىق ئاجىزلىق، روھىي غالىبىيەتچىلىك، مۇرەسسەچىلىك، تەسلىمچىلىك خاھىشىدىن خالىي بولغان كەسكىن، ئوچۇق مىجەز بولۇشنى ھەقىقىي «ئەر»، «ئەركەك»، «ئادەم»، «ئىنسان» بولۇشنىڭ يولى دەپ بىلىدۇ. مۇشۇ يولغا قەدەم ئالغان ھەرقانداق بىر باش ئىگىسىنى «ئەركەك»، «ئوغۇل بالا» دەپ ئاتايدۇ. بولمىسىچۇ؟
    . قەرز... قەرز...قەرز....
    ئەرلەردىكى يوقالغا ئىپپەت.
                                -«ئەرنىڭ ئىپپىتى»دىن: 
    شائىرئىستېتىك مەنىلەر قاينىمىدا تۇرۇپ ئەرگە «ئىپپەت» تارتۇقلايدۇ. بىزدە ئىپپەت قىزلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئامانىتى، پەقەت نىكاھ، جامائەت گۇۋاھلىقى ۋە يېتەرلىك مەھر، شەرت- ئەھكاملار بىلەن كەلمىش- كەتمىشىگە ئىككى دۇنيالىق ئىگە بولالىغۇدەك لايىق بىرىگە ھالاللاپ بېرىلىدىغان مۇقەددەس تارتۇق. يۈكسەك دەرىجىدە ئاۋايلاپ ئاسرىلىدىغان ئەتىۋارلىق بايلىق. ئىپپەتنىڭ يوقىلىشى ھايا، نومۇس، ۋىجدان، ئىمان، ئەخلاقنىڭ يوقىلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىپپەتنىڭ يوقىلىشى مەلىكە قىزلارنى دېدەك چۆرىلەردىنمۇ ئۆتە قەدىرسىز ھالغا كەلتۈرىۋېتىدۇ. ئىپپەت- ھاياسىنى خالىغان بىرىگە بېرىۋىرىدىغان تېگى پەسلەر جالاپ، پاھىشە، بۇزۇق، شەرمەندە، نومۇسسىز... دەپ قارىلىدۇ. ئەسكى چاپانچىلىك ئېتىبارى قالمايدۇ. بۇ بىزدىكى قىز- ئاياللىققا بولغان ناھايتىمۇ يۇقىرى، پاكىز ۋە مەڭگۈ قەدىرلەپ ساقلاپ، داۋاملاشتۇرۇشقا تېگىشلىك بىباھا قىممەت ئۆلچىمى. غوجىمۇھەممەد بۇنىڭغا يانداش ھالدا «ئەرلەردىمۇ ئىپپەت بار، ئۇ- ۋەتەن» دەپ يازىدۇ. شۈبھىسىزكى، شائىر دۇنياسىدىكى «ۋەتەن» ئۇقۇمى ناھايتىمۇ ئىنچىكە، زىللىشىپ كەتكەن ئىدى.
    شائىرنىڭ دۇنياسىدا «ۋەتەن» ساڭا تىنىق بېرەلەيدىغانلىكى ھەرقانداق بىر مەۋجۇداتقا يۈكلەنگەن ئىدى. كىچىكى ئادەمنىڭ ئۆزىدىن تارتىپ چوڭى پۈتكۈل كائىناتقىچە ھەممىسى سېنىڭ ۋەتىنىڭ ئىدى. ئۇ شۇنداق يازغانىدى:

    بولمىغاندا «ۋەتەن» دېگەن سۆز،

    «دۇنيا» ئىدى ئۇنىڭ ۋەتىنى.
    بولمىغاندا «مىللەت» دېگەن سۆز،

    «ئادەم» ئىدى ئۇنىڭ مىللىتى.

    قايتقۇم كېلەر قەدىم زامانغا،
    بولسا دەيمەن دۇنيا بىر ۋەتەن.
    ئەتراپىمغا قاراپ- قاراپ ئاھ، 
    ئادەم بولغۇم كەلمەيدۇ بەزەن.
     «
    ئادەم»دىن
    ئۇنىڭ كېيىنكى شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتكەن «ۋەتەن» ئۇقۇمىنى قاتلاممۇ- قاتلام كونكرېتلاشتۇرغاندا تۆۋەندىكىدەك مەنىلەر پايانىغا مەنبە بولاتتى:  _سەن ئۆزۈڭگە بىر دۇنيا، بىر ۋەتەن. ئۆزۈڭنى يامان كۆزدىن، ھارام تىلدىن، بەدقىلىق ھوجۇمدىن، ئۆكتەم نوپۇزدىن ساقلا. سەندە مېھىرمۇ، قەھىرمۇ بولسۇن. چۈنكى سەن يارىتىلىشىڭدىلا كامىل ئىنسان. كامالەت مېھىر بىلەن قەھىرنىڭ بىرلىكىدە. يارىتىلىشىڭدىكى كامىللىقنى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆلتۈرۈپ، خورىتىۋەتمە. ۋۇجۇد- كالامىڭدىكى يۈكسەكلىك سەمەرىسىگە پاسىقلىقنى راۋا كۆرمە، ئۆزۈڭنى، ئۆزۈڭ مۇتلەق مەنسۇپ ۋەتىنىڭنى قوغدىيالمىساڭ سېنى ھېچكىم قوغداپ قالالمايدۇ، خارلىق قارا سايىدەك ئەگشىپ بېشىڭدىن نېرى كەتمەيدۇ
    ئائىلەڭنى، قان- قېرىنداشلىرىڭنى قوغدا. ئائىلە ئىللىق بىر ۋەتەن. ئاتا- ئاناڭ، خوتۇن- بالىلىرىڭ، قېرىنداشلىرىڭ ساڭا ئامانەتتۇر. ئۆز ئائىلەڭنىڭ شان- شەرىپىنى، خوتۇن- بالىلىرىڭ، ئاچا- سىڭىللىرىڭنىڭ ھاياسىنى، نومۇسىنى قوغداشنى مۇقەددەس بىل. ئائىلەڭگە ياتلارنىڭ ھارام كۆزى قادىلىدىكەن، يۈرىگىڭنىڭ بېغىشىغا تىغ سۈركەلگەن بولىدۇ. خوتۇن- بالىلىرىڭ، ئاچا- سىڭىللىرىڭ يەرگە قاراپ قالىدىكەن، باشقىلارغا بوزەك بولىدىكەن، سېنىڭ ھېچيەردە ئىناۋەت- ئېتىبارىڭ قالمايدۇ. بولۇپمۇ، قىز- ئاياللىرىنىڭ ھاجىتىنى تەلتۈكۈس راۋا قىلىپ ئۇلارنى مۇتلەق خاتىرجەم قىلالمىغان ئەردە قىممەت يوق، ئىپپەت يوق، ئىززەت يوق، ھەرىكەت- ئەمەلىدە بەرىكەت يوق!
    قەۋمىڭ سېنى ئوراپ تۇرغان بىر ۋەتەن. ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سېنىڭ خاسلىقىڭ مۆكۈنگەن. قەۋمىڭنىڭ ئالدىدا سەن بىر جەڭچى. قەۋمىڭنىڭ ئار- نومۇسىنى، ئىززىتىنى قوغدىيالمىساڭ سەن ئۆلۈمگە مەھكۇم.
    يۇرتۇڭ سېنىڭ ۋەتىنىڭ. ئۇنىڭدا سېنىڭ ئەجداد- بوۋىلىرىڭنىڭ ئىسسىق قېنى، سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز ئەجىر- مېھنىتى بار. ئۇنى قوغدا، ياتلارنىڭ پاسىق تاپىنى تۇپرىقىڭنى بۇلغىمىسۇن، ئەجدادلىرىڭنىڭ بېشىنى يانچىمىسۇن. ئەۋلادلىرىڭغا خورلۇق، نومۇس، ساڭا ھاقارەت كەلتۈرمىسۇن.
    پۈتكۈل ئىنساننى، تەبىئەتنى سۆي، قەدىرلە. دۇنيا سېنىڭ ۋەتىنىڭ، ئائىلەڭ. كائىناتتا بىرلىك بولمايدىكەن، مەۋجۇتلۇقۇڭ ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تەبىئەتتە ئەزەلى يارىتىلما بىر پۈتۈنلۈك مەۋجۇت. مۇقەددەس قانۇنلارغا چېقىلىپ ھەددىڭدىن ئاشما. شۇندىلا ئادەمگە، ئىنسانغا ئوخشاپ زېمىندا پاراغەت كۆرىسەن. تەپەككۇر قىلغۇچى ئىنسانغا ياخشىلقنىڭ دەرۋازىسى داغدام ئېچىلغان.
    شائىرنىڭ پەلسەپىۋىي شېئىر دۇنياسىنىڭ تەگ- قاتلىمى ئىنساننىڭ، كائىناتنىڭ يارىتلىمىسىدىكى ھېكمەت- پۈتمەتكە بېرىپ تاقىلىدىغان مەنە- مەزمۇنغا باي ئىدى. ۋەھالەنكى، شائىر شېئىر دۇنياسىدىن ئاجرىغىنىدا كۆرىدىغىنى زەيپانىلىشىپ كەتكەن بىر توپ ئەر، ئەقىدە- ئېتىقادىدىن ئادىشىپ ھاياتلىقتىكى ئەرزىمەس رەڭدار، ئازغۇن شارەكلەرگە دۈم چۈشكەن توپ- توپ ئادەم دېڭىزى بولاتتى. شائىر شېئىرىي دۇنيا بىلەن زاھىرىي دۇنيا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشتۈرۈپ بولغۇسىز توقۇنۇش كۈچىنىڭ لەرزىسىدە پەرىشانلىق ۋە ئەسەبىلىكىنى باسالماي شېئىر ئوقۇشقا، توقۇشقا چۈشۈپ كېتەتتى.
    ياتار پۈتكۈل ئەركەكلەرنىڭ قەلبىدە
    ياتقىنىدەك خەنجەر مەھكۇم غىلاپتا.

    - «ئۆزگىرىشچان ھاۋا»دىن
    بولار ئىمىش ئەرلەرنىڭمۇ ئىپپتى،,

    ۋەتەنسىزلەر كىرەلمەسمىش جەننەتكە،- «ناخشا»دىن
    ئانا دېسە ئۇنىڭ ئالدىغا،
    كېلىدۇ ئاياغ ئاستى قىلىنغان يەرلەر.
    ۋەتەن دېسە ئۇنىڭ ئالدىغا،
    كېلىدۇ ئىپپىتى بوزۇلغان ئەرلەر.
    - «
    غوجىمۇھەممەد»تىن
    ئۇ ئۆز خوتۇنىنىڭ ئالدىدا ئەڭ ئەقەللىي مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئادا قىلالماي تىرناق تاتىلاپ تۇرغان بىچارە ئەرلەرنىڭ زەيپانە تۇرقىدىن ئېغىر قۇللۇقنىڭ بەلگىلىرىنى كۆرەتتى. ئېچىلىۋاتقان، يالىڭاچلىنىۋاتقان نومۇسلۇق جايلارنىڭ توپانىدا يەنە ھېچنەرسە بولمىغاندەك تىۋىشسىز، بەخىرامان ئۆتىۋاتقان، ئۆلىۋاتقان ئەرلەر، ئۇلارنىڭ تەڭقىسلىق قاپلىغان بىچارىلىكى شائىرغا ئۆتمۈشتىكى ئەرلەرنىڭ نوپۇزى ۋە ھەيۋىسىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي ئادالىتىنى تەڭشەپ تۇرۇشتىكى مەردانىلىكىنى كۆز- كۆز قىلاتتى. ئۇ ئەرلەر ئاۋۋال  بۇزۇلغان، رولىنى يوقاتقان، ئاياللارنى، ئاياللارنىڭ جەزىبىسىنى قايىل قىلىش، باش ئەگدۈرۈش كۈچى خورىغان دەيتتى. ئاياللار شۇڭا ئەرلەردىن تەپتارتىپ قالمايتتى، ۋەھشىيلىشەتتى، كوچىلارغا يالىڭاچ دېگۈدەك ئاقاتتى. ئۆزلىرىنىڭ قۇتراپ تۇرغان ھايۋانىي ھېسسىياتىنى ئەسەبىلىكتىن ئىزدەيتتى، بىر مەھەللىك ئارامغا، روھىي بېسىلىشقا، پۇخادىن چىقىشقا تىرىشاتتى- دە، بۇنىڭ دورىلىرىنى كىيىم- كېچەكتىن، بولۇشىچە ياسىنىشتىن، ئەسەبىلەرچە قىقاس سېلىپ بەزمىخانىلارنى ئاۋات قىلىشتىن ئىزدەيتتى، ئەمما روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ قۇرۇپ، غالجىرلىشىپ كېتىشەتتى. قەدىمدە ئاياللار بەگقۇلىدەك ئەرلەرگە قاراپ ھەسرەت، تەلمۈرۈش بىلەن نازغىپ ناخشا غىڭشىغان بولسا، بۈگۈندە ئەرلىرىمىز ياسانچۇق سەتەڭلەرنىڭ كەينىدىن يىغلاپ ناخشا ئېيتىپ رەھىم تىلەيدىغان بولۇشتى. بىر چاغلاردا پۇت- قولى، ئەقلى بىلەن خوتۇن- قىزلارنى ۋاي غوجام  دېگۈزۈپ، قايىل قىلىپ، ئۇنىمىسا ئېلىپ قېچىپ بولسىمۇ ئەمرىگە ئېلىپ ئارمىنىغا يېتىپ پۇخادىن چىقىش بىلەن مەيدە قېقىپ جاھان كېزىپ يۈرگەن پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەر مىللەتنىڭ بۈگۈنكى قالدۇق ۋارىسلىرى يېلىنىپ- يالۋۇرۇپ قىزلارغا ئېرىشىشنى ئىستەيدىغان، ئالالمىسا ئۆلۈۋالىدىغان، سارغىيىپ دەرد يۇتۇپ يىغلاپ ياتىدىغان بولۇشتى. ئەرلەر بوشىدى، بۇزۇلدى، ئاندىن ئاياللار تاپتىن چىقىپ ئەرلەرنىڭ گەدىنىگە مىندى. ئەرلەر بۈگۈن ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي، يادا تاشتەك مۇقىم- پۈتۈك ئىقتىدارىنى بولسىمۇ ساقلاپ قېلىشنىڭ غەم- ئەندىشىسىدە تىپىرلاپ قالدى... بۇنى قىيامەت، ئەرنىڭ، ئەركەكلىكنىڭ، ئىنساننىڭ قىيامىتى، قورقۇنچلۇق ھالاكەت ئالدىدىكى پۇت ئېتىپ تىپىرلاشلىرى دېمەي نېمە دېگۈلۈك؟ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىقتىدارىغا دوختۇرخانىلاردىن، قۇۋۋەت دورىلىرىدىن ھاسا تاياق ئىزدەۋاتقان ئەرلەرگە ۋەتەن، ئەل، مىللەت، ئائىلە، ئايال ئالدىدىكى ئېغىر بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى ئىشىنىپ ئارتىش مۇمكىنمۇ؟ تىنى، جېنى، قېنى بۇزۇلغان ئەرلەر شەك- شۈبھىسىزكى روھى، ئىمانى كاردىن چىققان يارامسىز ئەرلەردۇر. تەن- روھ كامىل بولمىسا پەرز قەرزگە ئايلىنىپ ماڭىدۇ. ئەي ئەرلەر... ئەي ئىنسانلار.........
    قەرز... قەرز...قەرز...

     ئەرلەردىكى يوقالغان ئىپپەت...
     « ئەرنىڭ ئىپپىتى» دىن

    جىنسىيەت ئېلانى چاپلانغان تامدا،
    قاقاقلاپ كۈلىدۇ رەھىمسىز ئايال.
    دەھشەتلىك بوۋامنىڭ يەتتە خوتۇنى،;

    مەن موماڭ ئەمەس، دەپ تىترىشەر غال- غال.
     «
    سەرسان كۆڭۈل » دىن
    ۋەتەنمۇ ھەم ئايالدۇر بەزەن،

    ئىپپىتى بار، ئار- نومۇسى بار.
    ئەرلەرنى چۈچۈتكەن جىنسىي كېسەل ئېلانى
     .
    ئېلان ئەمەس
    ئەسەبىلەشكەن رەھىمسىز ئايال
     «
    يىغلىما ئەر»دىن
    رەستىنى تىترىتىپ كىلەر ئۇ گۈس- گۈس،
    ئۆلگىلى ماڭغاندەك ئۆلتۈرگىلى ھەم.

    كۆڭلىكى ۋەرت- ۋەرت يىرتىلىپ تۇرار،;
    چىڭقالغان بەدىنىگە چىدالماي ھەردەم.
    سەن كىم دەپ سوراشقا بولمايدۇ ئەسلا،
     
    ئۇنىڭچۈن ئانا يەر بېرىدۇ جاۋاب.
    ئۇ يۈز يىل بۇرۇنقى پىچاق ئاسقان ئەر،
    ۋە يۈز يىل كېيىنكى ئەسلەنگەن ئازاب.
     «
    پىچاق ئاسقان ئەر»دىن
    زېمىن يۈرىگى تىنماي داڭ ئۇرار،
    تىپتىنچ قەدىمىي يوتقان خارابە.
    يارى خەنجەر سوۋغا قىلغان بىر يىگىت،
    ئۆلۈۋالدى مۇشۇ سەھەردە.
    -« يارى خەنجەر سوۋغا قىلغان بىر يىگىت»تىن
    بىر قىز، ئۆز ئامانىتىنى ھەقلىق يوسۇندا تاپشۇرۇشقا رازى بولغان بىر قىز ئۆز يىگىتىگە خەنجەر سوۋغا قىلدى. ئەينەك- تاغاق ئەمەس، لاتا- پۇتا، گۈل، تورت ئەمەس خەنجەر سوۋغا قىلدى. خەنجەرگە بىر ئەرنىڭ توپ، ۋەتەن، ئەل، ئائىلە، ئايال ئالدىدىكى بارلىق ھەققىياتى سىڭىپ كەتتى. خەنجەر قوغداش- قوغدىنىشقا تىمسال ئىدى. ۋەھالەنكى، يىگىت يارى سوۋغا قىلغان ئەشۇ خەنجەر بىلەن ئۆلۈۋالدى. بىزدە ئۆلۈۋېلىش ناھايتى ئېغىر، ھار ئېلىنىدىغان ئىش سانىلىدۇ. لېكىن يىگىت ئۆلۈۋالدى. بەلكىم ئۇ ئەر ئۈچۈن ھەممە- ھەممە نەرسىسىنى قۇربان قىلىشقا ھەرقاچان تەييار تۇرىدىغان نامۇسى ساق، ھاياسى پاك قىز- مەزلۇمەلەرنىڭ ئۈمىد- ئارمىنىغا يۈز كېلەلمىگەندۇ؟! ئائىلە، ئەلنىڭ ئەمەس ئاتا- ئانىسىنىڭ رازىلىقىنمۇ يېلىنىپ- يالۋۇرۇپ تۇرۇپ ئالىدىغان لىڭتاسما بەدبەخلەرگە ئوخشاپ قالغاندۇ؟! ئايالىنىڭ ھەرقانداق تەلىۋىنى راۋرۇس قاندۇرۇپ ئۇنى تەڭرى دەرگاھىغا بارىدىغان نۇرانە يولنىڭ ئالتۇن شوتىسىغا ئايلاندۇرالماي ئۇنى خارلىغان، ئالدىدا تىرناق تاتىلاپ تۈگىشىپ كېتىۋاتقان ئەرلەرگە ئوخشاپ قالغاندۇ؟! ۋەياكى ئۆز ھاياسىنى تەئەللۇق بىرىگە ھالاللاپ بېرەلمەي ئەرزىمەس، پۈچەك ھېسسىياتلارنىڭ ئالدىدا مىچىلداپ ئېرىپ، بولا- بولماس بىرىنىڭ ئاستىدا پايماللىنىپ كېتىۋاتقان نامەلۇم قىز- چوكانلىرىمىزنىڭ بىرىگە ئوخشاپ قالغاندۇ؟! ئەرگە خىيانەتنى نومۇس ھېس قىلمايدىغان دەرىجىدە ئىمان- ئېتىقادى زەيپانىلىشىپ كەتكەندۇ؟! ... خەنجەرگە، مۇقەددەس ئامانەت، ئۈمىد- ئىشەنچكە يۈز كېلەلمىگەن ئىكەن خەنجەردە ئۆلۈش كېرەك. شائىرنىڭ «يارى خەنجەر سوۋغا قىلغان بىر يىگىت»ى ھېچبولمىسا نومۇستىن ئۆلۈۋېلىشقا بولسىمۇ جۈرئەت قىلالىپتۇ، ئامانەتكە، ھەققە يۈز كېلەلمەيدىغىنىنى بولسىمۇ تۇنۇپ، ئازابلىنىپتۇ ۋە خورلۇقتىن ئۆلۈمنى ئەۋزەل كۆرۈپتۇ. بىزنىڭ خەنجەر ئەمەس خەنجەردىن بۈيۈك، مۇقەددەس سوۋغاتلىرىمىزنى ئالغان پالۋان سۈپەت نى- نى يىگىتلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ چاكىنا، تۇترۇقسىز، بىمەنە قىلىقلىرىدىن ئۇيىلىپمۇ قويمايدۇ. ئۇلار يۈزى قىزىرىشنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىغىنى بىلسە ئىدى، يارەب، بۇ جەمئىيەتتە باشقىچە ئىجتىمائىي كەيپىيات ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتى.
    t
    ھەتتا، ئەركەكلىككە چەكسىز مەپتۇن بولغان شائىرنىڭ نەزىرىدە تىپتىنچ، ھېچقانداق تىۋىشسىز، نام- نىشانسىز، ئەھمىيەتسىز ھالدا، مۇنداقچە ئېيتقاندا، خامۇشلۇق ئىلكىدە جان تالىشىپ ئۆلۈشمۇ ھېچنەرسىگە ئەرزىمەيتتى، ئېنىقكى ئەشۇنداق ئۆتكەن، ئۆلگەن ئەر دوزاخقا مەھكۇم ئىدى.

    جىنازىنى كۆتۈردى تۆت ئە ر
    ئارقىسىدىن ئەگەشتۇق يۈز ئەر
    يەتتە كەتمەن توپا تاشلىدۇق
    قىلدى روھى دوزاخقا سەپەر.
     چۈنكى پىچاق غىلاپتا
    ئۇ ئۆلۈپتۇ كارىۋاتتا.
    - «
    ئۇ ئۆلۈپتۇ كارىۋاتتا»دىن

    شائىر شۇلارنى ئويلاپ يەتكەن ئىدى. ئەرلىرىمىز، يىگىتلىرىمىز، بارلىق ئادەملىرىمىز چىرايلىق، پاكىز كىينسىمۇ ئىنسانىي ۋىجىدانىغا يۈز كىلەلىگۈدەك ياشىسا بولاتتى. تەرەققىيات كىيىمدە ئەمەس، ئاڭدا، ساپادا ئېلىپ بېرىلىشى، ئىشقا ئېشىشى كېرەك ئىدى. بىزدە بولسا قانچىلىك تەرەققىلەشكەنسىرى كىندىكلەر شۇنچە ئوچۇق ئېچىلىۋاتاتتى؛ ئىشرەتخانىلار شۇنچە ئاشكارا، ھەشىمەتلىك، ئاۋات بولۇۋاتاتتى؛ ئەخلاقى بۇزۇقچىلىق چىڭىغا چىقىپ كىتىۋاتاتتى؛ ئادەم ھاياتنىڭ چىن ئەسلى مەنىسىدىن يىراقلاپ كىتىۋاتاتتى. شائىر مەدەنىيەتنىڭ بۇ خىل چۈشكۈن يۈزلىنىشىگە قاراپ سوغۇق ھىجىيىپ قوياتتى:

    ئارىلاپ ئەڭ پەسكەش كوچىلار ئارا،
     توۋلايمەن مانا بۇ بىزنىڭ شەھەر دەپ
    مەسخىرە قىلىمەن مەدەنىيەتنى،

    قۇسۇقلار ئىچىدىن چىقىپ ئۆمىلەپ.
     «
    ۋاز كېچىش»تىن
     ئۇنىڭ مەنە- ماھىيەت قالمىغان بەدبەشىرە تۇرمۇشقا پۈتۈن ئەسلى- ۋەسلى بىلەن دۈم چۈشكەن ئەھلى ئىنسانغا قاراپ ۋارقىرىغۇسى كېلەتتى:
    كۆزۈڭنى ئاچ، قۇياش ساڭا پاتماقتا،-

    تىلىڭنى تاپ، ئىسمىڭنى ئېيت دۇنياغا.
    «
    غېرىب»تىن


    收藏到:Del.icio.us