ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-11

    پەرھات تۇرسۇن : زامانىۋىلىق بىلەن ئەنئەنە ئوتتۇرسىدىكى تىركىشىش - [چاغداش ئەدەبىيات تەتقىقاتى]

    )ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى ئاۋانگارتلىق روھى ۋە پروزا ئىجادىيىتى توغرىسىدا(
    پەرھات تۇرسۇن
     ئۇيغۇر ئوبزور ساھەسىدىكىلەر ئىزچىل ھالدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى ئىلغار ئىدىيۋى ئېقىمىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلاشنى ئويلىدى ، ئۇلار ھەتتە مودېرنىزىم ئېقىمى ئۇقۇمىنى چەكسىز كەڭ ھېساپلاپ ، مەدىنىيەت ئىنقىلابىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدىكى قويۇق سىياسىي تۈسكە ۋە تەشۋىقات تۈسىدىكى ئەسەرلەردىمۇ مودېرنىزىم ئېقىمى ئالاھىدلىكى بارلىقىنى ئويدۇرۇپ چىقماقتا . ئۇلارنىڭ بۇ خىل تۈرتكىلىق  ئوسۇلى خۇددى مىللىتىمىزنىڭ  پەخىرىدەك . يېڭى دەۋردە ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كۆزگە ئىلماسلىقىدىن قورقۇپ ، مۇشۇ خىل ئوسۇل بىلەن ئۆزىگە تەسەللى بېرىۋاتىدۇ ، بىراق ئۇلار ئاخىرى ئۆزى توقۇغان رىئاللىقنىڭ راست ئىكەنلىكىگە ئىشىنىۋاتىدۇ . بېكىنمە ھالەتتىكى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا مودىرنىزىم ئېقىمى ياكى ئىلغار ئىدىيۋى ئېقىمنىڭ بولۇشىنى  ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ . چۈنكى چەتئەلنىڭ ھازىرقى زامان ئەدىبىياتىنى تونۇشتۇرىدىغان كىتاپلارىمىزنىڭ ئازلىقى ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ . 2000-يىلى  مودېرنىزىم ئېقىمىدىكى بىردىن-بىر ئۇيغۇرچە كىتاپ چىققان بولسىمۇ ، لېكىن تارقىتىلىش سانى بەك ئاز بولدى . چۈنكى بۇ چاغدا ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنى ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقانلار كۆتۈۋېرىپ بەك چارچاپ كەتكەن بولۇپ ، مودېرنىزىم ئېقىمى قىزغىنلىقىمۇ ئاللىقاچان سوۋۇپ قالغان ئىدى . 80 –يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇيغۇر ئەدىبىيات ساھەسى مودېرنىزىم ئېقىمىغا ئىنتايىن قىزغىن پوزىتسىيەدە بولغان بولۇپ ، ھەر بىر ئادەمنىڭ مودرنىست بولغۇسى كېلەتتى ، بىراق ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق ئىدى . بەزىلەر بىرمۇنچە سىناقلارنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ، بىراق ئىلگىركى "تۇغما ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك"ى ئاشكارە بولۇپ ، ناھايتى ئاسانلا سولىشىپ كەتتى . زامانىۋىلىق ۋە ئىلغارلىق ئوسلۇبى گەرچە ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئەدىبىياتىدەك ئۇنداق مۇتلەق كۈچلۈك دەپ ئېيتىشقا بولمىسمۇ ، بىراق ئىنتايىن ئاز ساندىكى چەتئەلدە ئوقۇۋاتقان بەزى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئوقۇۋاتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى چەتئەل ئەدىبىياتى ۋە خەنزۇ ئەدىبىياتىدىن ئىلھام ئېلىپ ، بارلىق ئامال-چارىلەر بىلەن بىر قېتىملىق ئۆزگىرىش ئېلىپ باردى . گەرچە ئۇلارنى كۈچى ئىنتايىن ئاجىز ، ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى ئىنتاين ئاز بولۇپ ، بىر ئىدىيۋى ئېقىم شەكىللەندۈرەلمىسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە يېڭىچە بىرقاتار ئېستىتىك پىرىنسىپنى ئەكس ئەتتۈرۈپ ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى كۈچلۈك ئوقۇش تەسىراتىغا ئىگە قىلدى
      بەزى كىشىلەر مىللىي پەخىرلىنىش تۇيغۇسىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ مىللىتىمىز ئەدىبىياتىغا زىيادە يۇقۇرى باھا بەردى ، ئۇلارنىڭ قارىشىچە ، تىل توسۇلغۇسى تۈپەيلىدىن باشقىلار ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنى چۈشەنمەيدۇ ، ئەگەر بۇنداق بولمايدىغان بولسا ئۇيغۇر ئەدىبىياتى ئاللا بۇرۇن دۇنيا خەلقىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەتتى ھەم ئەڭ ئۇلۇغ ئەدىبىيات دەپ قارالغان بولاتتى دەپ قارايدۇ  . بۇ خىل ئاساسسىز خام-خىيالنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ . ئارقا-ئارقىدىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئادەملەرلا مۇشۇنداق خام-خىيال قىلىدۇ . ئۇلار يەنە پوچىلىق ، قۇرۇق سەپسەتە ۋە شۇئارلارنى قالتىس ئەدىبىيات دەپ قارايدۇ ، نۇرغۇن ئادەم تەسەۋۋۋۇر ، بىر پارچە شېئىر ياكى بىر پارچە رومان بىلەنلا تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋېتىدۇ . تېخى باشقىلارنىڭ مۇشۇنداق پو گەپلەرنى يازماسلىقىنى ئۇلارنىڭ چۈشكۈنلىشىپ ، ئۇلۇغۋار غايىسىنى يوقىتىپ قويغانلىقى دەپ قارايدۇ . ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا ھەمىشە "ئاھ ، كىشىلىك تۇرمۇش" ،"مىنىڭ تۇرمۇش قارىشىم" دېگەندەك ئۇلۇغۋار سۆز-ئىبارىلەرنى دائىم ئۇچراتقىلى بولىدۇ . ئۇلار ئەزەلدىن مودېرنىزىم ئېقىمى ئەدىبىياتىدىكى ئوبزورچىلار بىلەن ئۇچرىشىپ باقمىغان بولۇپ ، ئېلان ۋە ئەدىبىي تەنقىدنى ئارىلاشتۇرۇپ ، ئۇلار ئۈچۈن كۆچۈرمىچىكەشلىك قىلىدۇ ، بۇ خىل ھەتتا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگىمۇ يەتمەيدىغان نەرسىلەرنىمۇ "ئىجادىيەت" ، "مودېرنىزىم ئېقىمى" ياكى ئىلغارلىق دەپ ئاتايدۇ . ھىچكىم مۇستەقىل تىل مۇھىتىدا تۇرۇپ ، ئېلان شەكىلىدىكى سۆزلەر ئارقىلىق  ئۆزىگە تەسەللى بېرىشتىن كەلگەن خوشاللىق تۇيغۇسىدىن كېيىنكى روھىي ئازاپقا دىققەت قىلمايدۇ . 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى بۇ خىل تىل ئانانىزىمى كېيىنچە ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلاندى . 
       ئۆزى ئىشلەپچىقارغان نەرسىنى ئۆزى ئىستىمال قىلىش ئۇيغۇر ئەدىبىياتى تىلىنى زور چەكلىمىگە ئۇچراتتى ، نۇرغۇن يازغۇچىلار ئۆز مىللەت تىلى ۋە باشقا تىللار ئوتتۇرسىغا توسالغۇ بولىۋاتقان دائىرىدن بۆسۈپ چىقىشنى بەك ئارزۇ قىلسىمۇ ، لېكىن تىللار ئوتتۇرسىدىكى پەرق ئىنتايىن چوڭ بولغاچقا ، بۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالدى . بىراق ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ بۇ خىل قىيىن ھالەتتىن قۇتۇلۇشىنى پۈتۈنلەي تىلنىڭ توسالغۇسىغا دۆڭگەپ قويۇشقا بولمايدۇ ، يەنە سۈپەت مەسىلىسىنىمۇ ئويلاش كېرەك . 90-يىللاردا بەزى كىشىلەر قوش تىل ئىجادىيىتىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلدى ، بىراق بىر مەزگىللىك خەنزۇ تىلىدا ئىجادىيەت قىلغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ جوڭگو ئەدىبىياتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېتىشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەنە مىللىي يېزىقتا ئىجادىيەت قىلىشقا قايتتى ، چۈنكى سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئۇيغۇر ئەدبىياتى ئۇلارنى سوغۇق مەيدان بىلەن تەمىنلىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى بۇ خىل ئۆز-ئۆزىگە سۆزلەيدىغان سۆزلەش ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغان ھىچقانداق كۈچ چىقمىدى . 

     ئۇيغۇر ئەدبىياتىدا بىرىنچى تۈركۈمدە كۆرۈلگەن مودېرنىزىم ئېقىمىدىكى يازغۇچىلاردىن مۇھەممەت باغراش ، مەمەتئىمىن ھوشۇر ، توختى ئايۇپ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە گەرچە ئوسلۇپ جەھەتتە غەرپنىڭ مودېرنىزىمىغا مەلۇم ئوخشاشلىقلار ئەكس ئەتكەن بولسىمۇ  ، بىراق ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى جەھەتتە يەنىلا ئەدىبىياتنى تەشۋىقات قورالى قىلىش ئىدىيىسى قايتىلانغان . چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك دورامچىلىق ئۈگۈنىشىگە قارىتا ، بىر قىسىم ئوبزورچىلارنىڭ ئەمىليەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ھالدا يۇقۇرى باھا بېرىشى ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پاناھىغا ئايلانغان . ئۇلار يەنىلا مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى "پاش قىلىش ، پىپەن قىلىش ، ئۆزگەرتىش"تەك ئەندىزىندىن قۇتۇلالمايۋاتىدۇ . مۇھەممەد باغراش 80-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئېلان قىلغان "مەن ئۆلگەن ئادەمنىڭ كۆز قارچۇقىدا" ناملىق پوۋېستىدا گەرچە بىر قىسىم كەسكىن تەجرىبە-سىناقلارنى ئېلىپ بېرىپ ، كىنو مونتاژى ، سىمۋول ، مۇبالىغە قىلىش ئوسۇللىرىدىن پايدىلانغان بولسىمۇ ، لېكىن تەجرىبىسى ئىنتايىن يۈزەكى بولغان . ئۇ ئىشلەتكەن مونتاژنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق بولۇپ ، سىمۋوللىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا مۇقىم ، كونا ، ئۆلۈك بولۇپ ، مۇبالىغە قىلىشمۇ مەدىنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدىكى سىنىپىي كۈرەش قىلىش تەشۋىقات رەسىملىرىدىكى مۇبالىغىغە قىلىش ئوسۇلىغا ئوخشاش . ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇنى ئاللىقىچان كونىراپ كەتكەن "فىودال خۇراپىيلارچە ئاشكارىلاش ۋە تەنقىد قىلىش "  ئوسۇلىنىڭ ئۆزىلا .  ئۇ پەقەت سەكرەپ ئابىستىراكىتلىشىشتەك بايان قىلىش ئوسۇلىنى قوللىنىپ كىشىلەرنىڭ كۆزىنى ئىمىر-چىمىر قىلىشقا ئۇرۇنۇپ ، كونىراپ كەتكەن گەپ سۆزلىرىنى پەردەزلەپ يوشۇرۇپ ، بىر خىل ئىلغارلىق ھالىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان . مۇھەممەد باغراشنىڭ ئوسلۇبى تېخى ئەمدىلا "ئىدىيە ئوبرازدىن ئۈستۈن تۇرۇش"تىن قۇتۇلۇشقا  باشلىغان 80-يىللارنىڭ دەسلىۋىدىكى ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنىڭ ئەكس تەسىرىدىن ئىبارەت . كېيىن ئۇنىڭ تەسىرى ئاستىدا ، ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا ئىنتايىن زور چېكىنىش ئەھۋالى كۆرۇلدى . ئۇنىڭ يەنە بىر پوۋېستى "ئاقساق بۇغا" بىلەن توختى ئايوپنىڭ  "بۆرە ئانا" رومانى مۇھىتنى قوغداش تىپىدىكى تەشۋىقات ئەسەرلەر بولۇپ ، ھەر ئىككىسى نۇرغۇن تەرەپلەردە قىرغىزىستان يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوفنىڭ "قىيامەت" رومانىغا تەقلىد قىلىنغان بولۇپ ، ئىنتايىن بىچارە ھالدىكى ناچار ئەسەرلەردۇر . يىقىنقى بىرقانچە يىللاردىن بۇيان نەشر قىلىنغان ئەسەرلەر ئىچىدە ، مەمەتئىمىن ھوشۇرنىڭ "قۇم باسقان شەھەر" ناملىق رومانى خەلق ئىچىدىكى بالىلار چۆچەكلىرىنى بايان قىلىش شەكلى ئارقىلىق نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى ، بىراق يەنىلا"ئىدىيە ئوبرازدىن ئۈستۈن تۇرۇش"تەك كونا كېسەلدىن قۇتۇلالمىغان
    t
    شۇنداقتىمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا ئاۋانگارت روھقا ئىگە كىشىلەرنى پۈتۈنلەي يوق دىگىلىمۇ بولمايدۇ . ئەسئەت ئەمەت ، ئەركىن ئەخمەد ، قەيسەر تۇرسۇن قاتارلىق نامى چىقمىغان نەچچەيلەننىڭ ئىجادىيىتى ، ئۇيغۇر ئەدىبىياتىنى دىنىي ئېتىقاد قىزغىنلىقى بىلەن سىياسىي قىزغىنلىق كونتېكىستىدا ، ئۇلار ئەدىبىياتنىڭ ئاۋانگارتلىق  رولىدا چىڭ تۇرۇپ ، خەلق ئارىسىدىكى ئورىئېنتالزىمنىڭ زەربە بېرىپ باستۇرۇشىغا پىسەنت قىلمىدى . ئۇلارنىڭ بۇ ئاۋانگارتلىق روھى ھەقىقىي ئاۋانگارتلىق روھتۇر . ئەسئەت ئەمەتنىڭ "تۈندىكى ئادەم" ، "يۇلتۇز كەينىڭگە قارىما" ، "پىئانىنو ھەققىدە ھېكايە" قاتارلىق ھېكايىلىرىدا ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ياشاش ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن . ئەسىئەت ئەمەت ھەمىشە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ماھىيەتىگە قارىتا گۇمانىنى ئىپادىلەيدۇ . "تۈندىكى ئادەم" رومانىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدىنىيىتىدىكى ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەرنى يېشىپ بەرگەن . بايان قىلىنغىنى بولسا تەبئىي خۇسۇسىيىتىنى يوقىتىپ قويغان ئادەمنىڭ ، جەمىيەتنىڭ نامۇۋاپىق تۈزۈلمىسىگە كىرىپ قېلىپ ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي ئارىسالدىلىقتا قالغانلىقى بايان قىلىنغان . خاسلىق جەمىيەتنىڭ قىممەت ئۆلچىمى تەرىپىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ . باش پېرسۇناژ ھەمىشە ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى بېكتىشكە ئامالسىز قالغانلىقتىن ئۆزگىرەپ بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا خاراكتىرىنىڭ بۆلۈنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭ يەنە بىر ئەسىرى "بالا" ھىكايىسىدە خالايىق چوڭ بولۇشنى ئارزۇ قىلغان كىچىك بالا بولسا خەقنىڭ ئاغزىدىدىكى رىۋايەتلەردىكى قۇتقازغۇچى ئىلاھنىڭ ناميەندىدىسى بولۇپ ، ئاپتور ئومومىيلىق بىلەن شەخسىي ئوتتۇرسىدىكى لوگىكىلىق باغلىنىشنى پۈتۈنلەي ئاغدۇرمىچىلىق خاراكتىرىدىكى سۆز ئىبارىلەر ئوتتۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، كوللىكتىپ روھنىڭ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغان . ئەركىن ئەخمەتنىڭ "قۇيۇن جىلغىسى"ھىكايىسىدە تەسۋىرلەنگەن تارىخىي قانۇنىيەتلەردىكى مەڭگۈلۈك ئايلىنىش ، قىرغىنچىلىق بىلەن ۋەھشىيلىكنىڭ سان-ساناقسىز قايتىلىنىشىدىن شەكىللەنگەن تارىخىي ئېقىم شەخسنىڭ نەزىرىدە تۇتۇق بايان قىلىنغان . بۇ نەچچە يۈز يىللىق ئۇيغۇر تارىخىنى بىر ئادەمنىڭ كۆزنى –يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان خىيالىي تۇيغۇسىغا ئورۇنلاشتۇرغان . ئۇنىڭ يەنە بىر ھىكايىسى "مازار چاشقىنى"دا شەخس بىلەن ئەنئەنە ئوتتۇرسىدىكى تىركىشىش بايان قىلىنغان ، "ئالۋاستى" ھېكايىسىدە ئوبسېسسىئونال نېۋروزىيە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان كىشىنىڭ قەلبىدە كوللىۋىزىملىق كۆز قارىشى بولماسلىق بىلەن شەخسىيەتچىلىك كۆز قارىشى بولماسلىق ئوتتۇرسىدىكى توقۇنۇش تەسۋىرلەنگەن . قەيسەر تۇرسۇننىڭ "سىمۋول" ناملىق پوۋېستىدا شەخسنىڭ قىممەت كۆز قارىشىدا شەكىللەنگەن ، تولدۇرغىلى بولمايدىغان يىمىرلىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش تۇيغۇسى ، بىر خىل روھىي تەرتىپنىڭ قىممەت ئۆزگىرىش جەرياندىكى قايمۇقۇپ قېلىشى بايان قىلىنغان . ئۇنىڭ ھىكايىسىدە رىئاللىقتىكى يوقىتىش بىلەن قايتا بەرپا قىلىشنىڭ ئادەملەرگە بىر خىل سىرلىق تۈس ۋە سالاھىيەت جەھەتتىكى مۇقەررەرسىزلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقى سۆزلەنگەن . ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى مەلۇم ئوقۇشچانلىققا ئىگە بولۇپ ، شەكىل جەھەتتە غەرپ مودېرنىزمىنىڭ بىر قىسىم ئوسلۇپلىرىنى دورىغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۆزىنىڭ پىسخولوگىيىلىك تەجرىبىسى ۋە مىللىي تەپەككۈر شەكلى ئۇلارنى يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىماللىقى بىلەن تەمىن ئەتكەن . ھەرگىزمۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى بىرقىسىم ئىلغار يازغۇچىلارغا ئوخشاش ئۇنداق تېخىمۇ جانلىق تەجرىبە سىناقلارنى ئېلىپ بارمىغان .

    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدا زامانىۋىلىققا قارشى تۇرۇش ئاساسى ئېقىم بولدى . غەرپنىڭ مودېرنىزىمىنى تونۇشتۇرغان بىردىن –بىر  كىتاپنى يازغان يازغۇچى تاھىر ھامۇت ئۆزى رىژوسسورلۇق قىلغان كىنو "ئاي گۇۋاھ" نۇرغۇن بەس-مۇنازىرە قوزغىدى . 80-يىللاردا بۇنداق ئەسەر ئۇنداق نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرىمايتتى ، چۈنكى 80-يىللاردا زامانىۋىلىشىش ئاساسىي ئېقىم ئىدى . لېكىن 90-يىللارنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ئەدىبىي ئونزورچىلىقتا "مۇرتەد ، دىن ئاسىيسى ، ئىتىقادسىز كىشى" دېگەندەك سۆزلەر پەيدا بولدى . بەزى ئادەملەر ھەتتا زامانىۋى سۆزلەرنى ئىشلىتىشنىمۇ خالىماي ، ئۆز غايىسىدكى دىن بىلەن سىياسىي ھوقۇق بىرلىشىپ كەتكەن دۆلەتلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان "پاراسەتلىك شاھ ئالىيلىرى ، ۋەزىرلەر...." دېگەندەك ئىپتىدائى پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ سۆز-ئىبارىلىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ . شۇڭا "ئاي گۇۋاھ" نۇرغۇن بەس-مۇنازىرە قوزغىغان ، چۈنكى فىلىمدىكى باش پېرسۇناژنىڭ زامانىۋى شەھەرلەرگە بولغان بۇ خىل ئىنتىلىشىنىڭ ئىنتايىن روشەن ئەكس ئەتتۈرۈلۈشى ئاساسىي ئېقىمغا ئاسىيلىق قىلغانلىق ئىدى . مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ، ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى ئاۋانگارتلىق روھىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش بوشلۇقى تېخىمۇ تارىيىپ كەتتى. بۇ ماقالە ئۆتكەن يىلى «ئۇيغۇر توردا»خەنزۇچە ئېلان قىلىنغان، تەنھاقىز تەرجىمە قىلدى، ئەسلى مەنبە:


    收藏到:Del.icio.us