ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    تالانتلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان - [سەرخىللار ئارخىپى]

    تالانتلىق يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان

      

       يازغۇچى ياسىنجان سادىق چوغلان 1966-يىلى 3-ئايدا يەكەن ناھىيە بازىرىدا ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئالىي مەكتەپ تولۇق كۇرس مەلۇماتىغا ئېگە. ئۇھازىر يەكەن دەريا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سىياسىي بۆلۈمىدە خىزمەت قىلىدۇ.جوڭگۇ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ توختاملىق يازغۇچىسى، «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى.

    ياسىنجان سادىق چوغلان 1988-يىلى 4-ئايدا سابىق «يەكەن گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئاددىي-ساددا باشلىق » ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت سېپىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان، ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ تىرىشىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، رايونىمىز ئەدەبىيات تەرەققىيات ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ كەلدى. ئۇنىڭ بىر قىسىم ھېكايە–پوۋىستلىرى، شۇنداقلا «جاللات خېنىم»، «نازىنىن قىزلار» ،«شەرەنداز ئايال» قاتارلىق تارىخي ۋە رېئال تېمىدىكى رومانلىرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا سازاۋەر بولدى. بىر قىسىم ئەسەرلىرىگە مەخسۇس تېمىدا ئەدەبىي ئوبزورلار يېزىلدى. رومانلىرىنىڭ ھەممىسى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئارىسىدا كۈچلۈك كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى پەيدا قىلدى. «قۇرۇپ كەتكەن دەريا»، «قۇملۇق»، «كالا»، «تاۋۇس ئەللەيىن» ،«يۇلتۇز،كۆزۈڭنى قىسما» ،«پاتىمەنىڭ كۆڭلىكى»، «باھار»…قاتارلىق پوۋېست – ھېكايىلىرى خەنزۇ تىلى ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىندى .

    ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ «ئېھ، سەھرا» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 6-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا  ،«يۇلتۇز كۆزۈڭنى قىسما» ناملىق ھېكايىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 15- نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ، «ئاي مۆككەن كېچە» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى مەملىكەت بويىچە 6- نۆۋەتلىك «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ،«قۇملۇق» ناملىق پوۋېستى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ،«قۇرۇپ كەتكەن دەريا» ناملىق پوۋېستى«ئالتۇن توي» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى مول نەتىجىلىرىگە ئاساسەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئۇنىڭغا 2006-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى  نۆۋەتلىك «شىنجاڭ ياش يازغۇچىلار ئەدەبىيات مۇكاپاتى(تۆھپە مۇكاپاتى)»بەردى .قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئەخلاق – كەسىپتە تەڭ يېتىلگەن مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات –سەنئەت خادىمى» بولۇپ باھالاندى.

    ياسىنجان سادىق چوغلاننىڭ ھازىرغىچە نەشر قىلىنغان كىتابلىرى تۆۋەندىكىچە :

    1.       « يۈرىكىم يىغلايدۇ»، ھېكايىلەر توپلىمى،1997 -يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    2.       «ئاي مۆككەن كېچە»، ھېكايىلەر توپلىمى،1997-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    3.       «جانانغا يېزىلغان خەتلەر»، پوۋېستلار توپلىمى، 1998-يىلى شىنجاڭ ياشلار -ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    4.       « كاككۇك بالىسى»، پوۋېستلار توپلىمى، 1998-يىلى شىنجاڭ مىللەتلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    5.       «سۈكۈتتىكى زېمىن»، پوۋېست-ھېكايىلار  توپلىمى، 1998-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    6.       «كۈيلەر خانىشى –ئاماننىساخان»، تارىخي پوۋېست، 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    7.       «ئادالەت ھامىيسى – سەئىدخان»، تارىخي پوۋېست، 2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    8.   «دىۋان مەشرەپكە تۆكۈلگەن قان»، پوۋېست-ھېكايىلار  توپلىمى، 2005-يىلى شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    9.       «داۋان»، رومان، 1998-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    10.  «جاللات خېنىم»، ئىككى قىسىملىق تارىخىي رومان ،  2003-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    11.  «نازىنىن قىزلار»، رومان، 2006-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    12.  «شەرەنداز ئايال»، رومان، 2008-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    13.  «ئاتەش قەلب، ساخاۋەتلىك زېمىن»، ماكرو ئەدەبىي ئاخبارات، 1997-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    14.  «يوللار ئېسىڭدە بولسۇن»، ئەدەبىي ئاخباراتلار توپلىمى، 2000-يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا نەشر قىلىنغان .

    15.  «باھادىرنامە»، 6 توملۇق تارىخى رومان، 2010-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

    ياسىنجان سادىق چوغلان كۆپ يىللىق جاپالىق ئىزدىنىشىنىڭ نەتىجىسى بولغان ئالتە قىسىملىق زور ھەجىملىك تارىخىي رومانى «باھادىرنامە » نى يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە يازغان بىر قىسىم پوۋېست، ھېكايە، نەسر، ماقالە ۋە سۆھبەت خاتىرىلىرىدىن تۈزۈلگەن ئەدەبىي توپلىمى «ئالتۇن جۇۋان» نى نەشرگە تاپشۇردى .


    收藏到:Del.icio.us