ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر - [سەرخىللار ئارخىپى]

    يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1944-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان،1962-يىلى غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنى، 1967-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ  تىل-ئەدەبىتات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن؛ 1968-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك باغۋەنچىلىك مەيدانىدا قايتا تەربىيىدە بولغان.
      1972-يىلىدىن 1975-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرى كېپەكيۈزى يېزىسىدا خەلق ئىشلىرى كادىرى، 1975-يىلىدىن 1979-يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك شەھەر مەمۇرىي قۇرۇلۇش ئىدارىسىدە تەشۋىقات كادىرى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئشلىگەن.
      يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر 1979-يىلىدىن 1995-يىلىغىچە «ئىلى دەرياسى»ژورنىلىدا مۇھەررىر، باش مۇھەررىر، ئىلى ئوبلاستلىق يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ كەسپىي يازغۇچىسى ۋە شۇ جەمىيەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۇ جۇڭگۇ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى. يازغۇچىنىڭ «ئالما» ناملىق تۇنجى ھېكايىسى 1965-يىلى «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان؛ 1978-يىلىدىن ھازىرغىچە مەملىكەت ئىچىدىكى ھەرخىل مەتبۇئاتلاردا 100پارچىدىن ئوشۇق ھېكايە، پوۋېست، ئەسلىمە ۋە ئەدەبىيات، تارىخقا ئائىت ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. ھەمدە ئاساسلىق ھېكايىلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىندى. يەنە بىرقىسىم ئەسەرلىرى قازاق،ئۆزبېك ئېنگىلىز تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردە بېسىلدى.
      يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ھازىرغىچە نەشىردىن چىققان كىتاپلىرى: «نەي ئاۋازى» (ھېكايىلەر توپلىمى، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى)، «كونا-يېڭى ئىشلار» (ھېكايىلەر توپلىمى، مىللەتلەر نەشىرياتى) ، «سالام ھېسام ئاكا» (پوۋېستلار توپلىمى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرياتى)، «نوزۇگۇم» (پوۋېست، موڭغۇل تىلىدىكى كىتاپ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى)، «يىللار شۇنداق ئۆتكەن» (بىئوگرافىيلىك قىسسە، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى)، « ئۆلۈككە خەت» (ھېكايىلەر توپلىمى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى)، «ئون ئىككى مۇقامنىڭ ئىلى ۋارىيانتى» (ئىلمىي ئەسەر، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى)، «قۇم باسقان شەھەر» (رومان، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى). بۇ كىتاپلار ئىچىدىكى بىر قىسىم ھېكايە ۋە پوۋېست توپلاملىرى مەملىكەت، ئاپتونۇم رايون دائىرىسىدىكى ھەرخىل ئەدەبىي مۇكاپاتلارشا ئېرىشكەن.

    مەنبە: مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ «قۇم باسقان شەھەر» ناملىق رومانىدىن ئېلىندى.


    收藏到:Del.icio.us