ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    دوكتۇر ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىينىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى - [سەرخىللار ئارخىپى]

    ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي 1950- يىلى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى مەدەنىيىتىمىزنىڭ قەدىمىي ئاستانىسى بولغان قەشقەرنىڭ يۇمۇلاق شەھەر كۆلبېشى مەھەللىسىدە  ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1966 - يىلى قەشقەردە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن . شۇنىڭدىن باشلاپ 1972 - يىلىغىچە يېزىغا چۈشۈپ قايتا تەربىيە ئالغان ، بۇ جەرياندا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ ئىقتىساس ئىگىسىگە ئايلىنىش ئىستىكىدە ئۆگىنىشنى توختاتماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن . 1972 - يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ، ئەينى ۋاقىتتىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن . 1975 - يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملىغانلىقتىن ، شۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغان. ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلىق ھاياتىنى باشلىغان ۋاقتى ئۇنىڭ بىلىم دېڭىزىدىكى غەۋۋاسلىقىنىڭ باشلانغان دەۋرى بولغان. ئۇ دەستلەپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن تاللانما، ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى دەرسلىرىنى ئۆتكەن. كېيىنرەك چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى ئۆتكەن. بۇ دەرسلەرنى ئۆتۈش داۋامىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىش - ئۆگىتىشنىڭ زۆرۈرىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن ۋە بۇ تىلنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا  ئەرەب ، پارس تىللىرى ھەققىدىكى ئاساسىي بىلىملەرنى ئىگىلەشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىغا زىچ بىرلەشتۈرۈپ ، داۋاملىق بىلىم دېڭىزىغا شۇڭغىغان . 1978 – يىلى 3 – ئايدىن 1982 - يىلى 7 - ئايغىچە بېيجىڭ چەتئەل تىللىرى ئۇنۋېرستېتىدا ئەرەب تىلى ئۆگەنگەن. 1984 - يىلى 4 - ئايدىن 1985 - يىلى 10 - ئايغىچە ئىراق ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ، باغداد ، كۇفە ، نەجەف ۋە كەربالا قاتارلىق شەھەرلەردە، ئېلىمىز مۇتەخەسسىسلىرىگە تەرجىمان بولۇپ، ئەرەب تىلى بويىچە پىراكتىكا قىلغان. 1986 - يىلىدىن 1988 - يىلىغىچە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا پارس تىلى ئۆگەنگەن. 1996 - يىلى 10 - ئايدىن 1997 - يىلى 7 - ئايغىچە زىيارەتچى ئالىم سالاھىيىتى بىلەن مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتىگە بېرىپ ، قاھىرە ئۇنۋېرستېتىدا ئەرەب ئەدەبىياتى بويىچە ؛ ئەزھەر ئۇنۋېرستېتىدا ئىسلام دىنى ئاساسلىرى ( ئۇسۇلۇددىن ) بويىچە بىلىم ئاشۇرغان . 1997 - يىلى 10 - ئايدىن 2002 – يىلى 4 – ئايغىچە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئەنقەرە ئۇنۋېرستېتىنىڭ تىل - تارىخ - جۇغراپىيە ئىنستىتۇتى چاغداش تۈرك شېۋىلىرى  ۋە ئەدەبىياتلىرى فاكۇلتېتىدا چاغاتاي تۈركىي تىل ئەدەبىياتى بويىچە دوكتۇرلۇق ئاسپرانتى بولۇپ ئوقۇغان. بۇ جەرياندا، «ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخى»، «ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك ئەدەبىيات تارىخى»، « ئۇيغۇر ، ئۆزبېك خەلق ئەدەبىياتى»، «شەرقىي جەنۇبىي ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك شېۋىلىرى گرامماتىكىسى» ( پېئىل ۋە  مورفولوگىيە قىسمى)، «تۈرك دۇنياسىنىڭ بۈگۈنكى تىل تەتقىقات ئەھۋالى»،  «تۈرك شېۋىلىرى تەتقىقاتىدىكى رېئال مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» ۋە «مەتىنشۇناسلىق » قاتارلىق دەرسلەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەتقىقاتىنىڭ يەنىمۇ يۇقۇرى پەللىسى ئۈچۈن ئۇل سالغان. ئۇ قىرىق يەتتە يېشىدا چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ، بەش يىل مۇشەققەتلىك ئوقۇغۇچىلىق تۇرمۇشىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ، 2002 - يىلى 4- ئاينىڭ 10- كۈنى «مۇسا سايرامى ۋە ئۇنىڭ ( تارىخى ھەمىدى) ناملىق ئەسىرى ھەققىدە تەتقىقات»ناملىق دېسىرتاتسىيىسىنى ياقىلاپ تۈركىيە، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانلىق ئاتاقلىق ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن باھالاش كومتېتىنىڭ قايىللىق تەستىقىدىن ئۆتۈپ،  تۈركولوگىيە كلاسسىك مەتىنشۇناسلىق ( تېكىستشۇناسلىق ) كەسپى بويىچە «ئەدەبىيات دوكتورى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ، 2002 - يىل 5- ئاينىڭ 20 - كۈنى  ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، داۋاملىق مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.
    تۆۋەندە ئۇنىڭ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ چىقىمىز.
            ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي 1975- يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتىنى پۈتتۈرۈپ ، ئۆز مەكتىپىگە ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغاندىن باشلاپ  ئاتاقلىق تىلشۇناس ، مەرھۇم پروفېسسور خەمىت تۆمۈرنى ئۇستاز تۇتۇپ  ئۇيغۇر تىلى ، ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسى ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى جەھەتلەردىن چوڭقۇرلاپ ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتنى باشلىغان. « ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولۇش - ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشنى ۋە جاپالىق تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ؛ پەقەت چوڭقۇر ۋە كەڭ دائىرىلىك بىلىمگە ئىگە بولغاندىلا، ئاندىن لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولغىلى بولىدۇ » دەپ قارايدىغان ئابدۇرەئوپ  تەكلىماكانىي ئەپەندى، دەرس »، «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى»،«ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى» ، «تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى»،  «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «نەۋائىي ئەسەرلىرى تەتقىقاتى»، «تۈرك تىلى»، «ئەرەب تىلى» قاتارلىق دەرسلەرنى سۆزلىگەن . ئۇ ئۇقۇتۇش خىزمىتى داۋامىدا، 1986- يىلى لېكتورلىق ، 1992- يىلى دوتسېنتلىق ، 2004 - يىلى پروفېسسورلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1992 -يىلىدىن باشلاپ ماگېستىر ئاسپىرانىت يېتەكچىسى بولۇپ، ھازىرغىچە يەتتە نەپەر ماگىستېر تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن.  2007 - يىلى  دوكتور ئاسپرانت يېتەكچىسى بولغان. ھالال ئەمگەك ھامان ھەممىنى قايىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى ، ئوقۇتۇش سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى ، مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن جان پىدالىقى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە مەكتەپنىڭ تەقدىرلىشىگە مۇيەسسەر بولغان . 1991 - يىلى «بېيجىڭ شەھىرى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى» بولۇپ باھالانغان ، 1995- يىلى مەملىكەتلىك «باۋگاڭ مائارىپ فوندى مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىسى» بولۇپ باھالانغان . ئۇ 25 يىلدىن بۇيان ئىزچىل سۆزلەپ كەلگەن«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەرسى 2006- يىلى «بېيجىڭ شەھىرى دەرىجىلىك  سەرخىل دەرس » بولۇپ باھالانغان.
            پروفېسسور ئابدۇرەئوپ  پولات تەكلىماكانىينىڭ ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى ئەمگەكلىرىنى ھەرگىزمۇ ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەنلا خۇلاسىلەشكە بولمايدۇ . ئۇ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئىشلەش بىلەن بىرگە، يەنە فاكۇلتېت ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
            پروفېسسور ، دوكتور ئابدۇرەئوپ  تەكلىماكانىي دەرس مۇنبىرىدە  ئوقۇتقۇچى، مۇنبەردىن چۈشسىلا تىرىشچان ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئۆزىنىڭ بىلىمىنى تولۇقلاپ، تويۇندۇرۇپ، مۇكەممەلشتۈرۈپ بارغان . ئۇ خۇددى «پەخىرلەن ، كەسىپدىشىم سەن ھەم...» ناملىق ماقالىسىدە «مەن بىر ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن . چۈنكى ئوقۇتقۇچى ياش ئەۋلادلارغا ئىلىم- پەن ئۆگىتىپ ، ئۇلارنى زىيالىي ، يەنى دىلى ئىلىم چىرىغى بىلەن يورۇغان ئىنسان قىلىپ يېتىشتۈرىدىغان كەسپ. شۇڭا مەن ئويلايمەنكى ، مەدەنىي ئىنسانلار دۇنياسىدا ، ياش ئەۋلادلارغا ، بىلىمسىز ئادەملەرگە بىلىم ئۆگىتىپ ، ئۇلارنى ئىلىم - مەرىپەتلىك ، مەدەنىيەتلىك ئىنسانلاردىن قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىدىغان ئوقۇتقۇچى - مۇئەللىملىك كەسپىنى بېسىپ چۈشىدىغان يەنە بىر ئەۋزەل كەسپ يوقتۇر ... ئوقۇتقۇچىلىق كەسپى - ئىنساننى بىلىم ساھەسىدە بىر ئىزدا توختاپ قالماي ، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىشكە ، يېڭىدىن يېڭى ئىلىم - مەرىپەت بىلىملىرى بىلەن ئۆزىنى ئاۋۇتۇپ ، داۋاملىق تويۇندۇرۇپ تۇرۇشقا ئۈندەيدىغان كەسپ» دەپ يازغىنىدەك، نەچچە ئون يىللار مابەينىدە ئۆز بىلىمىنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلاپ ۋە بېيىتىپ ، ئۆزىگە شاگىرت بولغان ياشلارنىڭ بىلىملىك كىشىلەردىن بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن شام كەبى يېنىپ كەلدى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە بولغان ھايات تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرۈدىغان بولساق ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان، ئۆز ۋاقتىدا ئاشۇ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىق مەزگىلىدە ئۆگەنگەنلىرىگە قانائەت قىلماي،  ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆگىنىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيمىز.
    مەلۇمكى، تارىختا ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولغان. ئەرەب ۋە پارس خەلقلىرى بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسى كۈچىيىپ بارغان. شۇ سەۋەبلىك ئەرەب ، پارس تىللىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا بولغان تەسىرى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان. ھەتتا ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ۋە ھەر ساھە  ئالىملىرى ئەرەب، پارس تىللىرىدا ئىلمىي، ئىجادىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغانىدى. بۇ ھال، بۈگۈنكى زاماندىكى ئىجتىمائى پەن تەتقىقاتچىلىرى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ئەدەبىياتى، تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشتە ئەرەب ۋە پارس تىللىرىدىنمۇ خەۋەردار بولۇش زۆرۈرىيىتىنى تۇغدۇرغان. مۇشۇ زۆرۈرىيەت تۈپەيلىدىن، ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، يەتتە يېرىم يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئەرەب ۋە پارس تىلىنى ئۆگەندى ۋە شۇ ئارقىلىق، ئۆزى ئېلىپ بېرىۋاتقان  ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات ئىشلىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت ئىقبالى ئۈچۈن پۇختا ئاساس ھازىرلىدى. ئالىي مائارىپتا تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش،  يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ بىلىم ھاسىل قىلىش ۋە چەتئەلنىڭ ئىلغار تەتقىقات ئۇسۇللىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق، ئۆز تەتقىقاتىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تۈركىيەدە بەش يىل ئوقۇش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش بىلەن شۇغۇللاندى . داڭلىق قاھىرە ئۇنۋېرستېتىدا بىر يىل ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئاساسلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇردى . مانا مۇشۇلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى ، ئالىي مەكتەپكە ئوقۇتقۇچى بولغاندىن كېيىن ئابدۇرەئوپ  تەكلىماكانىي ئەپەندى  ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 14 يىل ۋاقتىنى يەنە ئوقۇشقا سەرپ قىلغان. بۇ خېلى – خېلى ئادەملەر يېتەلمەيدىغان پەللىدۇر.
    ئالىي مائارىپ ساھەسىدىكى يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتۇش ئۈچۈن سۈپەتلىك ، سەرخىل دەرسلىك بولۇشى لازىم . ئابدۇرەئوپ  تەكلىماكانىي ئەپەندى بۇ ساھەدىمۇ ئۆزىنىڭ ئەمگىگىنى سىڭدۈردى. ئۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئېلىپ قېلىنغاندىن كېيىن ، «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، «ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر تىلى لېكسىكولوگىيىسى» دەرسلىرىنى ئۆتۈش داۋامىدا، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ بىر بوشلۇق ئىكەنلىگىنى ، ئۇنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى ، تارىخىنى ، مەدەنىيىتىنى مۇكەممەل تەتقىق قىلىش مۈمكىن بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە پروفېسسور خەمىت تۆمۈر ئەپەندىنى ئۇستاز تۇتۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىغان . نەۋائىينىڭ «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەين»ناملىق كىتابىنى نەشرگە تەييارلاپ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن . مەرھۇم خەمىت تۆمۈر بىلەن بىرلىكتە، مەملىكىتىمىزدە تۇنجى ، ئاشكارا نەشر قىلىنغان دەرسلىك، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش كىتابى «چاغاتاي تىلى» نى يېزىپ چىققان. قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن 1986- يىلى نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب، كىتابخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھالارغا ئېرىشتى.  بۇ كىتاب ئېلىمىزدە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىغا بېغىشلانغان تۇنجى ئەسەر بولۇش بىلەن بىرگە، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى توغرىسىدا مۇكەممەل چۈشەنچە بېرىدىغان دەرسلىك بولدى . بۇ كىتاب بەزى ئالىي مەكتەپلەردە دەرسلىك قىلىپ قوللىنىلدى. شۇ شاراپات بىلەن، مەزكۇر  «چاغاتاي تىلى» 1989- يىلى دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن مۇنەۋۋەر پەن تېخنىكا نەتىجىلىرى بويىچە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
            ئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىي 1993- يىلى، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر» (323 بەتلىك) ناملىق ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى قىلىپ  نەشىر قىلدۇرغان. بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان بۇ توپلامغا ئاپتورنىڭ «چاغاتاي تىلى دېگەن ئاتالغۇ توغرىسىدا»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا شەكىللەنگەنلىگى توغرىسىدا»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئەينى زامان ئۇيغۇر جانلىق تىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا»غا ئوخشاش،  ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىپ ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان 23 پارچە ئىلمىي ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن. دوكتور ئابدۇرەشىد ياقۇپ بۇ كىتاب ھەققىدە: «ئىلمىي ۋە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتتىن ئىزدىگەن ھالدا تەتقىقات يۈرگۈزگەن . كىتابتا بايان قىلىنغان مەسىلىلەر پاكىت بىلەن تويۇنۇپ تۇرىدۇ . بايانلارنىڭ نەزەرىيىۋىيلىكى كۈچلۈك بولۇش بىلەنلا قالماي، نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئىلمىي قىممەت ۋە ئەمەلىي ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە... ( بۇ ) توپلام تۈركولوگىيە ، خۇسۇسەن ئۇيغۇرشۇناسلىق تەتقىقاتى ئۈچۈن قوشۇلغان مۇھىم بىر تۆھپە» ( «تىل ۋە تەرجىمە» 1995 - يىللىق 5-سان 37-، 40- بەت )  دەپ باھا يازغان. ھەقىقەتەنمۇ، بۇ ئىلمىي ماقالىلەر توپلىمى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى ساھەسىدە، چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى  بويىچە ئىنتايىن مۇھىم مەسىلىلەر يۇرۇتۇلغان قىممەتلىك ئىلمىي ئەسەر بولۇپ قالدى.
    ئېلىمىزنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى ۋە ئوقۇتۇشىدا تۆھپىكار ئەمگەكلەرنىڭ يەنە بىرى«چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» (598بەتلىك) ناملىق كىتابىنىڭ نەشر قىلىنىشىدۇر. پروفېسسور، دوكتور ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي بۇ كىتابنى ئاز كەم 30 يىللىق ئىزدىنىش ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان. تەتقىقاتچىلار ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئىزدىنىدىغان كىتابخانلارنى كۆزدە تۇتۇپ يېزىپ چىققان بۇ كىتاب، ئېلىمىزدىكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . بۇ كىتابتا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ 14- ئەسىردىن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئالتە يۈز نەچچە يىللىق تەرەققىياتى ، ئۆزگىرىش جەريانلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان بېرىلگەن. يەنى ئالدى بىلەن،  چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئومۇمىي ساۋات بېرىلىپ، تارىختا «چاغاتاي تىلى» دەپ ئاتالغان بۇ تىلنى ھەقلىق رەۋىشتە « چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەپ ئاتاشنىڭ ئىلمىي ئاساسلىرىنى ۋە بۇ تىلنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ئاساسىدا راۋاجلانغانلىقىنى ، بۇ تىلنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەينى دەۋر جانلىق تىلى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرى، بۇ تىلنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ رېئال ئەھمىيىتى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پاكىتلىق ، مۇكەممەل بايانلارنى بەرگەن . كىتابنىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىدە چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسى ( فونېتىكا ، مورفولوگىيە ، سېنتاكسىس ) جەھەتلەردىن تەتقىقات يۈرگۈزۈلگەن . ئۈچىنچى بۆلۈمىدە بولسا، مۇسا سايرامىنىڭ « تارىخى ھەمىدىي » ناملىق ئەسىرىنىڭ قوليازمىسىنىڭ 257 - بېتىدىن 395 - بېتىگىچە بولغان قىسمىنىڭ فوتو كوپىيىسىنى، مىلادىيە - ھىجرىيە يىللىرىنى بىر - بىرىگە ئايلاندۇرۇش ئۇسۇللىرى ، ئەبجەد ھېسابى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدىكى قوليازمىلاردا ئۇچرايدىغان ئاي ناملىرى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرغان . ئېلىمىز تۈركلوگىيە ئىلمىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى ، دوكتور ئاسپىرانىتلار يېتەكچىسى ، پروفېسسور گېڭ شىمىن ئەپەندى ( شىنجاڭ ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئون نەچچە كىتابنىڭ ئاپتورى):  ( بۇ كىتاب) ئۇنۋېرىستېت ، فاكۇلتېت رەھبەرلىكىنىڭ ، كەسبداشلارنىڭ ۋە كەڭ ستودېنىتلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. ئۇندىن باشقا «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى » دەرسى 2006 – يىلى بېيجىڭ شەھىرى دەرىجىلىك سەرخىل دەرس مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . مېنىڭ قارىشىمچە،  دەرسلىك «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» ئالاھىدە سەۋىيىگە يەتكەن بولۇپ، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى داۋامىدا ئۇنىڭ ئەمەلىي قىممىتى ئىسپاتلاندى» دەپ يازغان .
            پروفېسسور ئابدۇرەئوپ  پولات تەكلىماكانىي  «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ، ئالىي مائارىپ ساھەسىدە ، تەتقىقات ئىشلىرىدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرمماتىكىسىغا بولغان تونۇشنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ۋە چوڭقۇر بولۇشى زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ، شۇ كىتابىنىڭ «گرامماتىكا» قىسمىنى تېخىمۇ تولۇقلاش ، كەڭرەك شەرھىيىلەش ، زۆرۈر تۈزىتىشلەرنى ئېلىپ بېرىش يۈزىسىدىن «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى»  (665 بەتلىك ) ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان. 2007 - يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بۇ كىتاب شۇ تاپتا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بېيجىڭ مائارىپ ئىدارىسى تەرىپىدىن«2006 - يىللىق بېيجىڭ شەھىرى دەرىجىلىك سەرخىل دەرس» بولۇپ باھالانغان «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى» دەرسىنىڭ خاس دەرسلىكى قىلىپ قوللىنىلماقتا. ئالىمنىڭ ئۆز تىلى بىلەن ئېيتقاندا،  ئۇشبۇ كىتاب (چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە مۇپەسسەل بايان) دا بېرىلگەن «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى»نىڭ ئاددىي ھالدىكى كۆچۈرۈلمىسى ئەمەس ، بەلكى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ھالدىكى نەزەرىيىۋى ئاساسلار بىلەن زۆرۈر ئۆزگەرتىشلەر كىرگۈزۈلگەن پۈتۈنلىمە ۋە تولۇقلىما نۇسخا ھېسابلىنىدۇ.
            دېمەك ئابدۇرەئوپ  پولات تەكلىماكانىي ئەپەندى  30 يىلدىن بۇيان، ئۆزىنىڭ مۇشەققەتنى راھەت ھېس قىلىدىغان ئالىي خىسلىتى ۋە مىننەتسىز مېھنەتلىرى ، تەمەسىز ئەمگەكلىرى بىلەن،  ھاردىم – چارچىدىم  دېمەستىن ئىزچىل ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن «چاغاتاي تىلى»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىدىن ئىلمىي ماقالىلەر»، « چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدىن مۇپەسسەل بايان»، «چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى» قاتارلىق ئەسەرلىرى ئەمەلىيەتتە، ئېلىمىزنىڭ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى ( مىلادىيە 14 - ئەسىردىن 1953 - يىلىغىچە ) نى ئۆگىنىش ، تەتقىق قىلىش ئىشلىرىنىڭ مۇساپىسىنى ، تەتقىقات سەۋىيىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نامايەندە خاراكتىرلىك ئەسەرلەردۇر.


    收藏到:Del.icio.us