ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    لۇﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘتەللىپنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى - [سەرخىللار ئارخىپى]

    ﺋﻮﺕ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻤﯩﺰ لوﺗﭙﯘﻟﻼﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ 1922-ﻳﯩﻠﻰ 11-ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22-ﻛﯜﻧﻰ ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻤﯘتاﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﭼﯜﻧﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔﺳﺎﻳﺒﻮﻳﻰ ﻣﻪﮬﻪﻟﯩﺴﯩﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . 1931 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ . ﺩﺍﺩﯨﺴﻰﮬﯧﺰﯨﻤﺎﺧﯘﻥلوتپۇللانىﺭﻭﺱ ﯞﻩتاتارﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ ...
          لۇتپۇللا 14 يېشىدىن باشلاپلا نادىر شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن بولۇپ ،ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە 23 يىللىق ھاياتىدا «يىللارغا جاۋاپ » خىيالچان تىلەك « بۇ مېنىڭ ياش غۇنچە گۈلۈم ئېچىلاتتى »قاتارلىق ئۆلمەس شېئىرلارنى ،«پادىشاھ سامورايلىرى ھالسىرايدۇ » « ئەجەل ھودۇقۇشىدا » ناملىق مەشھۇر فېلىيەتونلارنى يېزىپ قالدۇردى ،شائىر ئەسەرلىرىنىڭ تىلى گۈزەل ،چۈشۈنۈشلۈك ، ئوبرازلىق بولغاندىن سىرىت مىللەتپەرۋەرلىك ، خەلىقپەرۋەرلىك مەزمۇندارلىقى بىلەن يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بېرى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇشىغا ،ۋە ئۈلگە قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا !!
            لۇتپۇللا مۇتەللىپ 1941-يىلى ئۈرۈمچىدىكى ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، شىنجاڭ گېزىتى ئىدارىسىدا خىزمەت قىلغان، كىيىن گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن كۆزگە قادالغان مىخ دەپ ئاقسۇغا يۆتكىۋېتىلگەن ، كېيىن ئاقسۇ گېزىتىدە ئىشلىگەن ۋە بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئىلغار ياشلار بىلەن تونۇشۇپ ، ئاقسۇدا ئاقارتىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان .
    1944
    يىلى غولجىدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتىلغاندىن كېيىن ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىنقىلاپ سادالىرىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقسۇدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرىمۇ ، لوتپۇللانى خەتەرلىك ئۇنسۇر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە سايرامدىن ئۆتۈپ بايغا چۈشۈپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغاندا گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى لۇپتۇللا مۇتەللىپ ، بىلال ئەزىزى ، مۇنىردىن خوجا قاتارلىق ئوغلانلارنى قولغا ئېلىپ تۇرمىگە قامىغان ، 1945-يىلى مىللى ئارمىيە ئونسۇغا چۈشكەندە ، گومىنداڭ تېخىمۇ غالجىرلاشقان ۋە 9-ئاينىڭ 18 كۈنى لۇتپۇللا قاتارلىقلارنى تۈرمىدە ۋەھشىلەرچە قەتىل قىلغان . كىيىن كىشلەرلوتپۇللا قاتارلىقلارنىڭ مېيىتنى ئەۋرەز كارىزىغا تاشلىۋىتىلگەن يېرىدىن تېپىپ چىققان ۋە يۇيۇپ تاراپ ئاقسۇ شەھەرى ئاق مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى ( ھازىرقى شىياڭگاڭ بازىرىنىڭ ) ئۇتتۇرىدىكى ئاممىۋى قەۋرىستانلىققا دەپنە قىلغان .
            لوتپۇللا مۇتەللىپ ئۇيغۇر يېڭى ئەدەبىياتى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان ۋە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن شائىر ، ئەدىب بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى مىللەتنىڭ ئازاتلىقى ، تىنىچلىقى ، ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش يولىدا قۇربان بولغان كۈرەشچان ئەزىمەت . بىز مەرھۇمنىڭ قىسقىغىنا ئەمما ئۇلۇغ ھاياتىدا قالدۇرغان ئۆچمەس ئىش -ئىزلىرىنى چەكسىز سېغىش ۋە چوڭقۇر ھۆرمەت ئىچىدە ئەسلەپ ، ياد ئېتىپ تۇرىمىز !


    收藏到:Del.icio.us