ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    روزى سايىتنىڭ قىسقىچە تەرجىمھالى - [سەرخىللار ئارخىپى]

         شائىر روزى سايىت 1943-يىلى 9-ئايدا خوتەن گۇما ناھىيىسىنىڭ شەيدۇللا دېگەن تاغلىق كەنتىدە ھەربىي گازارمىدا كونا ئەسكەر ئائىلسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1950-يىلىغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە بولغان. 1954-يىلى خوتەن شەھىرى «چايخانا» باشلانغۇچ مەكتەپتە، 1958-يىلى چوتەن ۋىلايەتلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇسىز سىنىپلىرىدا ئوقۇپ، 1973-يىلى 9-ئايغىچە بولغان 15 يىل ئىچىدە خوتەن شەھەر ئىلىچى يېزىسىدا، خوتەن ناھىيە بۇزاق يېزىسى ۋە «سېرىقئوت» دېھقانچىلىق مەيدانىدا دېھقانچلىق قىلغان. 1973-يىلى قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتىتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 1976-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن، خوتەن ناھىيىلىك دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدە ۋە خوتەن ناھىيە لاڭرۇ يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
            شائىر روزى سايىت يەڭگىل ، ھىسياتقا باي، شېئىرىلىرى بىلەن تونۇلغان. ئۇيغۇر بۈگۈنكى دەۋر شېئىرىيىتىدە شۆھرەت قازانغان شائىر.
            شائىر ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھايات مۇساپىسىدە بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشۇش بىلەن بىرگە، جاندىل بىلەن ئۆزىنى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىگە بېغىشلىدى.
            روزى سايىت يېڭى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە بەلگىلىك تەسىرىگە ئىگە شۇنداقلا ئەدەبىيات ساھەسىدىكى تەسىرىدىن ئاۋام-خەلق ئارىسىدىكى تەسىرى چوڭ شائىر. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھاياتنىڭ ھەربىر بۇلۇڭلىرىغىچە يېتىپ بېرىپ، خەلقىمىزنىڭ ھالىغا مۇڭداش، دەردىگە دەرمان بولدى.
            دېھقانلار تۇرمۇشىنى ئاساسىي تېما قىلغان. شۇنداقلا دېھقانلار تۇرمۇشىنى ۋە ھاياتىنى ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ ئىدىيىۋى ھىسياتىنى ئىپادىلگەنلىكى، ھايات رېتىمىغا ماسلىشىپ ئۇسلۇبى يەڭگىل، تىلى ئاممىباب ھازىر جاۋابلىقى بىلەن ئۆزىگە خاس ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرگەن، ھەم «دېھقان شائىرى» دەپ تەرىپلەنگەن.
    شائىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ھەۋەس باغلىغان بولۇپ، 15يىللىق دېھقانچلىق ھاياتىدىمۇ ئەدبىي ئىجادىيەت مەنتىقىسىنى ئۈچۈپ قويمىغان. 1973-يىلى «قەشقەر گېزىتى» دە ئېلان قىلنغان «دېھقانمۇ بولدى داشۆسىڭ» ناملىق شېئىرى بىلەن مەتبۇئاتلاردا ئەسەر ئېلان قىلشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «قاشتېشى رىۋايىتى»، «شېئىرىي چۆچەكلەر»، «بۇ قىز كىمنى تاللىسۇن»، «مەرھابا»،«خىيالدىن تۆرەلگەن خىياللار»، «ئۆي ئالمىغىن، ئۆيلەنمىگىن، ئۆلىمىگىن» قاتارلىق شېئىرىي داستانلار توپلىمىنى نەشىرقىلغان. ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى ئۇنىڭ شېئىرلىرى كۆپ بولۇپلار قالماستىن بەدىئىي جەھەتتىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى، شۇ سەۋەبتىن ئىزچىل ھالدا ئەدەبىيات ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۇقىرى باھاسىغا، ئاۋام-خەلقنىڭ سۆيۈپ ئوقىشىغا مۇيەسسەر بولدى. ئۇ 15يىل دېھقان بولغىنىغا ۋە ئۆزىگە «دېھقان» دېگەن تەخەللۇسنى قويغىنىغا لايىق ئىزچىل ھالدا دېھقانلار تۇرمۇشىنى كۈيلەپ كەلدى. ۋە ئەسەرلىرىنى باشتىن ئاخىرى دېھقانلارغا چۈشىنشلىك بولغان جانلىق خەلق تىلىنى قوللىنىپ ئەسەر يازدى. شۇڭىمۇ ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى راۋان، ئاسان ئەستە قالىدىغان، خەلق قوشاقلىرىغا ئوخشايدۇ. شائىر ئۆزىمۇ ئۆزىنى «قوشاقچى» دەپ ئاتايدۇ.
            روزى سايىت «چۈشنامە» قاتارلىق 12 پارچە داستان، باللادا، 1000پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە روبائى يازغان. ئۇنىڭ «قاشتېشى رىۋايىتى»، «كۆڭۈلدىكى گەپلەر»، «مۇھەببەتتىن پۇتكەن ناخشىلار»، «روبائىلار»، «تۇيۇقلار»، «پاھ،دىھقاننىڭ ھەيكىلى» قاتارلىق 10 نەچچە پارچە داستان ۋە شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. بىر قىسىم شېئىر ۋە ھىكايىلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە ئەدىبىيات دەرسلىكلىرىگە كىرگۇزۇلگەن.
            روزى سايىتنىڭ «ئاھ، مىنىڭ مىللىتىم»، «دىھقان بولماق تەس»، «دىھقان يىغلايدۇ» قاتارلىق بىر تۇركۇم شېئىرلىرى جامائەتچىلىك ئىچىدە كۇچلۇك تەسىر پەيدا قىلغان. «دىھقان يىغلايدۇ»، «چۈشنامە»، «بالىلار پۇلغا زار، چىرىكلەر بەدخەج»، «بارات يازغان ھىكايە»، «يىپەك يولىدا نۇرۇز» قاتارلىق داستان، شېئىر، ھىكايە ۋە تىلىۋىزىيە بەدىئى سەنئەت فىلىملىرى؛ «بۇ جاھان»، «جاھان كەڭرى، يول كەڭرى« قاتارلىق كۆپلىگەن ناخشا تىكىستلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتلىرىغا ئىرىشكەن. شائىر 2001-يىلى «ئۇيغۇر گىلىمى» ناملىق ئەسىرى بىلەن 11-نۆۋەتلىك شىنجاڭ «خانتەڭرى ئەدىبىيات مۇكاپاتى» غا ئىرىشكەن.
            روزى سايىت 2001-يىلى 9-ئايدا كىسەللىك سەۋەبى بىلەن خوتەن شەھرىدە ۋاپات بولدى. شائىر روزى سايىتنىڭ ۋاپاتى  ئۇيغۇر ئەدىبىيات سەنئىتى ئۇچۇن زور يوقۇتۇش بولدى. شائىر ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرى بىلەن ئەل قەلبىدە مەڭگۇ يادلىنىدۇ...


    收藏到:Del.icio.us