ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    ئەخمەت ئىمىن - [سەرخىللار ئارخىپى]

     

     

            تالانتلىق نەسىرچى، پىشقان ئەدەبىي تەرجىمان ئەخمەت ئىمىن ئەپەندى 1950-يىلى 15-ئاپرىلدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1981-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىشتىن سىرتقى خەنزۇ تىلى (ئالىي تېخنىكوم) كەسپىنى، 1998-يىلى تولۇق كۇرسىنى ئۆزلىكىدىن ئۆگۈنىپ تاماملىغان. 198-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتىدا كاندىدات ئالىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. .. ئۇ 1981-يىلدىن باشلاپ ئەدەبىي ئاجادىيەت مىۋىلىرىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر «قەلب سادالىرى»، «باھار تىنىقى»، «جۇلدۇر كىپەن خوتۇننىڭ ساداسى»... قاتارلىق نەسىرلەر توپلاملىرى نەشىردىن چىققان... ئەخمەت ئىمىن ئەپەندى يەنە «ھالاكەت»، «مىسىر قىزى» قاتارلىق رومانلارنى، «دىدەك ئىزورا»، «يىپى ئۈزىلگەن لەگلەك»...قاتارلىق پوۋېستلارنى، تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى، «ھاملېت»، «رومىئو-ژۇلىتتا»...قاتارلىق درامىلارنى، شۇنىڭدەك نۇرغۇن ھېكايە، نەسىر، شېئىر، ئوبزورلارنى خەنزۇچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ، خەلقكە تەقدىم قىلغان. «چەتئەل پوۋېستلىرى» ناملىق مەجمۇئەنىڭ 30 كىتابى بىلەن يۈز نەچچە كىتاپنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن

    收藏到:Del.icio.us