ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    خالىدە ئىسرائىلنىڭ تەرجىمىھالى - [سەرخىللار ئارخىپى]

    خالىدە ئىسرائىل 1952-يىلى 10- ئايدا قەشقەر شەھرىدە تۇغۇلغان. 1959-يىلىدىن 1969-يىلىغىچە ئاقسۇ، خوتەن قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1971-يىلىدىن 1972-يىلىغىچە «خوتەن گېزىتى» دە ئىشلىگەن .    1972 -يىلىدىن 1975-يىلىغىچە سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتىنىڭ تىل فاكولتىتىدا ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە تەخسىم قىلىنغان. ھازىر شۇ ئورۇندا مۇھەررىر بولۇپ  ئىشلەۋاتىدۇ. ھازىرغىچە خالىدە ئىسرائىلنىڭ «قۇملۇق چۈشى»، «تاش شەھەر» قاتارلىق ھېكايە- پوۋېستلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان.   ئارمىيە ئېلى سايرامىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
        ئۇيغۇر ھازىرقى زامان شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى، داڭلىق شائىر ۋە جامائەت ئەربابى ئارمىيە ئېلى سايرامى 1906 -يىلى باي ناھىيىسىنىڭ سايرام يېزىسىدا ئېلى ئاخۇن ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دېھقان  ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.1922 -يىلدىن 1930-يىلغىچە باي ۋە كۇچا ناھىيىلىرىدىكى مەدرىسلەردە ئوقۇغان. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ خەلىق قوشاقلىرى شەكلى بىلەن يازغان «بازار ۋە مازار» ناملىق تۇنجى شېئىرلار توپلىمى قول يازما ھالىتىدە خەلىق ئىچىدە تارقالغان.1930-يىلى شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى __ قەشقەر «خانلىق مەدرىس» ىگە كىرىپ ئوقۇغان. ئۇ بۇ مەكتەپتە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، ئەرەپ، پارس تىلى ئەدەبىياتىنى ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ ئۆگەنگەن ھەمدە ئۇ «مادارا ئەئزەم» («چوڭ ياراشتۇرۇش») ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان «ئەنۋارۇلھۇدا» («ھەقىقەت نۇرلىرى») ناملىق قەسىدىسىنى مەيدانغا چىقىرىپ، جامائەتچىلىككە تالانتلىق شائىر سۈپۈتىدە تونۇلغان.
        1933-يىلى قەشقەردە جىن شۇرېننىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىغاندا ئارمىيە ئېلىمۇ بۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، بىر قېتىملىق جەڭدە ئېغىر يارىلانغان. دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن يازغان شېئىرلىرىنى «نىمشېھىت»(يېرىم جان) دېگەن ئەدەبىي تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلغان.
    نىمشېھىت ئۆزىنىڭ 43 يىللىق قىسقىغىنا  ئىجادىي ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى، باللادا، داستان، ئوپېرالارنى يازدى.
       شائىر ئازادلىقتىن بۇرۇن يازغان « بىلىم ئىشقىدا»، «بۈيۈك جۇڭگو»، «قىزىم يىغلىماڭ»،  «ئۇنۇتما»، «گېزىت »  قاتارلىق شېئىرلىرىدا جاھانگىرلىككە ، فېئودالىزىمغا  ۋە فاشىستىك مۇستەبىتچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش روھىنى ھەمدە ۋەتەننى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىش، ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش ھېسسىياتىنى مەركەزلىك ھالدا ئىپادىلەپ خەلىقنىڭ ئازادلىق ئۈچۈن بولغان كۈرەشلىرىگە ئىلھام بەردى.
    ئۇ يەنە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا ئېغىزدىن ئېغىزغا ئۆتۈپ، قەلبدىن- قەلبكە كۆچۈپ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان «مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد- شېرىن» توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى توپلاپ، « مىڭ ئۆي ۋە پەرھاد - شېرىن» داستانىنى يازدى. ئۇ يەنە «لەيلى-مەجنۇن» داستانىنىڭ خەلق ئىچىدىكى ۋارىيانتلىرىنى توپلاپ ، شۇ ئاساستا «لەيلى -مەجنۇن » ئوپېراسىنى يېزىپ چىققان. ئۇ  يەنە «ئالدىدا»، «سېغىندىم»،  «يۈرەك سۆزى» ،  «ئۇسسۇل»،  «تارىم قىزى» قاتارلىق شېئىرلارنى يازغان.


    收藏到:Del.icio.us