ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران - [سەرخىللار ئارخىپى]

    ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1964 - يىل 2 - ئاينىڭ 1 - كۈنى  چەرچەن ناھىيىسىنىڭ جانداتېرىم كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. 1980 - يىلى چەرچەن ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان. 1985 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، كورلىدا چىقىدىغان «كروران»(سابىق «بوستان») ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان. ھازىر «كروران» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى،  ئالىي مۇھەررىر.

     

     ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران 1982 - يىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت يولىغا كىرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە كۆپلىگەن شېئىرلىرى «تۇنجى تارىم مۇكاپاتى»،«ئالتۇن چاغ مۇكاپاتى»،«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى» قاتارلىق مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. كۆپلىگەن شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، بېيجىڭدا چىقىدىغان «مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىدا، ئىككى پارچە شېئىرى ئۆزبېكىستان «تاشكەنت ھەقىقىتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان. ئابلىز ھېزىموۋ، مەسۈمجان زۇلپىقاروۋ قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن 2008 – يىلى قازاقىستاندا نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر شېئىرىيەت گۈلزارى»(بۇنىڭغا 60 قا يېقىن شائىرنىڭ شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر ئاپتورنىڭ سىزما رەسىمى ۋە قىسقىچە تەرجىمىھالى بېرىلگەن) ناملىق چوڭ ھەجىملىك توپلامغا 11 پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. «بار دۇنيادا شۇنداق ئادەملەر» قاتارلىق ئالتە پارچە ئەسىرى يېڭىدىن تۈزۈلگەن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن. «باشئەگىم سۆيگۈسى»،«قارا يۇلغۇن چېچەكلىرى»،«ئۆلمەس كۈيلەر» ناملىق بەدىئىي سىنارىيىلىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ تارقىتىلغان.

     

    1991 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «باشئەگىم نەزمىلىرى» ناملىق شېئىرلار  توپلىمى، 1993 - يىلى بېيجىڭ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قەبرىدىكى پالۋان» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 1995 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «قېرىماس ئانا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى، 2004 - يىلى شىنجاڭ ياشلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «كۆيۈك مەڭگۈ تېشى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى ۋە 2004 -  يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مۇھەببەت كارىدورى» ناملىق شېئىرلار توپلىمى  نەشىر قىلىنغان. «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى يۇرتى» ناملىق ماقالىلار توپلىمى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

     

    "ئەنقا" دىن قىسقارتىپ ئېلىندى


    收藏到:Del.icio.us