ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    شائىر تاھىر تالىپ - [سەرخىللار ئارخىپى]

    «چۈنكى ، مەن - ئادەم »، «ئاق ۋە كۆك »،«سۇلايمان گۇۋاھ »،«سۆرەتلىرىم»،«زىناق سۆرىتى»، «خەير ياشلىقىم»، «قىزىل گۈل»،«يۇرت ئىشقى»..... قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر شېئىرلىرى بىلەن شۆھرەت قازانغان ، خەلق قەلبىدە نۇرانە سىيماسى ۋە يىمىرىلمەس مەنىۋى ئوبرازىنى تىكلەپ ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ، مەتبۇئاتچىلىق ، ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدىكى ئىلمىي ئىزدىنىشلىرى بىلەن زور ئابروي ۋە تەسىرگە ئىگە بولغان شائىر تاھىر تالىپ 1946- يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيسىدىكى «رابىيە- سەئىدىن» يۇرتى- يامانيار يېزىسىنىڭ ئونتاش كەنتىدە، دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە ئوتتورا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن . 1963 – يىلدىن تارتىپ ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ ، يېڭىشەھەر ناھىيە يامانيار يىزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىدە ۋە يېڭىشەھەر ناھىيىلىك پارتكومدا تەرجىمان بولغان . 1978 – يىلدىن تارتىپ«قەشقەر گېزىتى»ئىدارىسىدە مۇھەررىر ، ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان . 2003 - يىلى «قەشقەر گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىدىن پىنسىيەگە چىققان . ئۇ 1961- يىلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چىغىدىلا، «قەشقەر گىزىتى»دە ئېلان قىلىنغان«يېزىغا چۈشكەن كادىرغا»ناملىق تۇنجى شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات بوسۇغىسىغا قەدەم قويغان . ئۇنىڭ «چۈنكى مەن- ئادەم»، «مېھىرگىياھ»، «شۇ دەريادىن سۇ ئىچەر سەھرا» قاتارلىق 30 نەچچە پارچە شېئىرى ئىلگىرى- ئاخىر بولۇپ، خەنزۇچە «مىللى يازغۇچىلار»، «قەشقەر گىزىتى» قاتارلىق گېزىت- ژورناللاردا ئېلان قىلىنىپ، خەنزۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىقىتىنى قوزغىدى. تاھىر تالىپنىڭ «چۈنكى مەن- ئادەم» دىگەن ئىنتىم لىرىكىسى بىر مۇنچە گېزىت- ژورناللار ۋە رادىئولاردا تەكرار ئېلان قىلىنغاندىن تاشقىرى، 20 نەچچە يىلدىن بۇيان ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات دەرىسلىكىدىن مۇقىم ئورۇن ئىلىپ، ياش بوغۇنلارنىڭ سۆيۈنۈپ ئوقۇيدىغان دەرىسلىكىگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇنىڭ«خەير ياشلىقىم»ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1989 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان . ئۇ يەنە ئۆزى ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە «دىيانەت»، «ئەكبەر»، «نۇھ ئەلەيھىسالام كېمىسىنىڭ سىرى» ۋە «ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ كۈندىلىك خاتىرلىرى»، «دەھشەتلىك تېھران» قاتارلىق كىتىاپلارنى باشقا تىللاردىن تەرجىمە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى. ئۇ ھازىر شېئىر ئىجادىيتىدىن تاشقىرى، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان توپلىغان ماتىرىياللىرى ئاساسىدا مەدەنىيەت تەتىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللنىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر جوڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىللىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى . شائىرنىڭ شىئېرلىرى سان جەھەتتىن ئاز ، ھەجىم جەھەتتىن قىسقا بولغىنى بىلەن ، كىشىنى زوروقتۇرۇپ قويىدىغان ، قانچە ئوقىسىمۇ ، قانچە ھەزىم قىلسىمۇ يۈرەككە گۈپپىدە تېگىدىغان سېھرى كۈچى ۋە بەدىئىي بالاغىتىنىڭ تايىنى يوق بىر قىسىم«پاخال ئەسەر» ۋە«ئىپتىدائىي شېئىر»لاردىن زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ . ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىددىيۋىلىك بىلەن بەدىئىيلىكنىڭ سىڭىشىپ كەتكەنلىكى ، ئۇرغۇپ تۇرغان ھېسياتنىڭ يارقىنلىقى ، مىللىي پۇراقنىڭ گۈزەل شىئېرىي شەكىل باغرىدا گۈپۈلدەپ پۇراپ تۇرىدىغانلىقى ، تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك ، ئاممىباپ ، يېقىملىق ، ئويناقلىقى ، يۇلقۇنۇشچان تەپەككۇرغا خېلىلا تويونغانلىقى بىلەن خەلق قەلبىگە سىڭىشىپ كەتكەن . بولۇپمۇ ، ئادىمىيلىك ھەققىدىكى تېرەن ۋە سوغوققان تەپەككۇرغا باي ئەقلىي پىكىرلەر ئۇنىڭ شىئېرلىرىدا ئۆزگىچە سالماققا ۋە قىممەتكە ئىگە . مەنبە: چۈشتاق شېئىرىيەت مۇنبىرى


    收藏到:Del.icio.us