-
2010-06-04
شائىر ۋە ژۇرنالىست ھېۋۇزۇللا - [سەرخىللار ئارخىپى]
شائىر ۋە ژۇرنالىست ھېۋۇزۇللا 1966 - يىل 3 - ئايدا كورلا شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ، 1983 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1987 - يىلى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە <تەڭرىتاغ> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، جاۋابكار مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. پولات ھېۋۇزۇللانىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1979 - يىلى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئاق لىباس يارىشىپتۇ بۇ تۇپراققا>، <چىن مۇھەببەت باغۋىنى>، <دەريا دولقۇنىغا ئاتتىم ئۆزۈمنى>، <قاقاس دالىدىكى توغراقلار> قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى ئېلان قىلغان. پولات ھېۋۇزۇللا پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ياشلىق بوسۇغىسىدا>، <بىز ئويۇن قېپى ئەمەس> قاتارلىق بىر مۇنچە ھېكايىلارنى يازغان، ئۇنىڭ يەنە بەزى تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. پولات ھېۋۇزۇللانىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن، بەزى شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، بىر قىسىم شېئىرلىرى چەت ئەللەردە ئېلان قىلىنغان. پولات ھېۋۇزۇللا ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى."
历史上的今天:
يىپسىزلا باغلىنىپ قالدىم كوچىغا 2010-06-04بىزنىڭكىسى بىر ئاشىق ھېكايىسى 2010-06-04ھىدايەت نامە 2010-06-04ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر نىڭ «ئىز» شېئىرى 2010-06-04مۇھەممەد چاۋار 2010-06-04
收藏到:Del.icio.us