ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    شائىر ۋە ژۇرنالىست ھېۋۇزۇللا - [سەرخىللار ئارخىپى]

    شائىر ۋە ژۇرنالىست ھېۋۇزۇللا 1966 - يىل 3 - ئايدا كورلا شەھىرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ - ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تۈگىتىپ، 1983 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، 1987 - يىلى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە <تەڭرىتاغ> ژۇرنىلىدا مۇھەررىر، جاۋابكار مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ.  پولات ھېۋۇزۇللانىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت پائالىيىتى 1979 - يىلى <تارىم> ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان شېئىرى بىلەن باشلانغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىزچىل شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، <ئاق لىباس يارىشىپتۇ بۇ تۇپراققا>، <چىن مۇھەببەت باغۋىنى>، <دەريا دولقۇنىغا ئاتتىم ئۆزۈمنى>، <قاقاس دالىدىكى توغراقلار> قاتارلىق نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى ئېلان قىلغان.  پولات ھېۋۇزۇللا پروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، <ياشلىق بوسۇغىسىدا>، <بىز ئويۇن قېپى ئەمەس> قاتارلىق بىر مۇنچە ھېكايىلارنى يازغان، ئۇنىڭ يەنە بەزى تەرجىمە ئەسەرلىرى بار. پولات ھېۋۇزۇللانىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى كوللېكتىپ شېئىرلار توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن، بەزى شېئىرلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان، بىر قىسىم شېئىرلىرى چەت ئەللەردە ئېلان قىلىنغان.  پولات ھېۋۇزۇللا ھازىر جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ۋە جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى."


    收藏到:Del.icio.us