ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    شائىر ئەنۋەر ناسىرى(1914-1946) - [سەرخىللار ئارخىپى]

          ئەنۋەر مەخپىر ئوغلى ناسىرى 1914 - يىلى ئالماتا ۋىلايىتى ، چىلەك ناھىيىسى دېھقان يېزىسىدا تۆمۈرچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇ دەسلەپ يېزىدىكى دىنىي مەكتەپتە ، كېيىنچەرەك سولى زەرۋات مەكتىپىدە پەننىي بىلىم ئالغان . 1930 - يىلى ئالمۇتادىن غۇلجىغا كەلگەن . ئۇ ئاتىسىدىن 15 يېشىدا يىتىم قېلىپ ، 1932 - ، 1933 - يىللىرى غۇلجا شەھرىدە ئاشپۇزۇل ، ناۋايخانىلاردا ئوچاققا ئوت قالاپ جان باققان . ياز كۈنلىرى سەھرالاردا بايلار ۋە يەر ئىگىلىرىگە ياللىنىپ ئىشلەپ تىرىكچىلىك قىلغان . ئۇ جەمئىيەتتە بولۇۋاتقان تەڭسىزلىكلەرنىڭ ، كىشىلەر بېشىدىكى ئازاپ - ئوقۇبەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەپلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ۋە بېشىدىن كۆچۈردى .
         ئۇ ئىش ئىزدەپ سەرسان بولۇپ يۈرگەن چاغلىرىدا سەبداشلىرىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە غۇلجىدىكى «ئىلى شىنجاڭ گېزىتى» مەتبەئەسىگە ئىشچى بولۇپ كىردى . كېيىنچەرەك ھەرپ تىزغۇچىلىقتىن كۆررىكتورلىققا كۆتۈرۈلدى . بىر ئاز ۋاقىت ئۆتۈپ رەسمىي تەھرىر بولۇپ ئىجادىي ئىشلار بىلەن شۇغۇللاندى . بۇ يىللار ئەنۋەر ناسىرى ئۈچۈن مۇرەككەپ ۋە ئېغىر ۋاقىتلار بولدى چۈنكى ئەمدىلا ۋۇجۇتقا كەلگەن ئۇيغۇر مەتبۇئاتىنى ئىزىغا سېلىش ، تىكلەش ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋەزىپىسى ئۇنىڭمۇ ئالدىدا تۇراتتى . يەنە بىر تەرەپتىن مەتبۇئات كادىرلىرىى ئۆستۈرۈش ، ئۇلار بىلەن ئىشلەش ۋە ياش ژورنالىستلارنى گېزىت قوشۇنىغا جەلپ قىلىش ئىشلىرى پەقەت ئەنۋەر ناسىرىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەنىدى . بۇ دەۋىردە رەسمىي ژورنالىستلارلا ئەمەس ، قىسقا خەۋەرلەرنى يازىدىغان ئىختىيارى مۇخبىرلارمۇ كەمدىن - كەم ئىدى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ ئىجادى ئىشى بىلەن بىللە رېداكسىيە ئەتراپىغا جەلپ قىلىنغان ياش شائىر ۋە ئىختىيارى ئاپتۇرلارغا ياردەم بېرىپ ، ئۇلارنى ئۆستۈرۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى . خۇسۇسەن لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئىجادىيىتىنىڭ بىخ ئۇرۇپ گۈللىنىشىگە ئىجادىي ، ئىدىيىۋى تەسىر كۆرسەتتى . ۋە بۇ كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىسىگە چوڭ ئىشەنچ بىلەن قارىدى . ئۇ لۇتپۇللا مۇتەللىپ شېئىرلىرىغا باھا بېرىپلا قالماي ، تۈزۈتۈشلەرنى كىرگۈزۈپ ، گېزىت سەھىپىسىدىن ئورۇن ئېلىشقا ياردەم قىلاتتى . شۇنىڭ ئۈچۈن لۇتپۇللا : «مېنىڭ دەسلەپكى ئۇستازىم ئەنۋەر ناسىرى ئىدى ، ئۇ مېنى ھەقىقەتەن قەلەم ئىگىسى قىلىپ چىقاردى» دېگەن ئىدى .
         ئۇ مىللەتلەر تەڭلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىدىيىلىرىنى مەتبۇئات تەشۋىقاتلىرىنىڭ ئاساسىي نىشانلىرىدىن بىرىگە ئايلاندۇرۇشقا ، ئۇنى ئۆز ئەسەرلىرىدە ئەكس ئەتتۈرۈشكە ، ئىجدىمائىي ئىللەتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىپ ، مەرىپەت ئوچاقلىرىنى قۇرۇشقا ۋە مەدەنىي ئاقارتىش ئورۇنلىرىنى ئېچىشقا كۆپ كۈچ چىقاردى . خۇسۇسەن خانىم قىزلارنىڭ ھۆرىيەت ئېلىشىغا ۋە ئۇلارنىڭ تەڭ ھوقۇقتا ياشىشىغا توسالغۇ بولىدىغان جاھالەتكە ، فىئوداللىق ئىسكەنجىسىگە قەلەم تىغىنى قاراتتى . << ئىلى شىنجاڭ گېزىتى >> نىڭ باش ماقالە ۋە تەھرىرلەنگەن ماقالىلارنى ئانۋەر ناسىرى قولدىن چىقاردى . ئۇ گېزىتنى ئاممىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى - يېڭى سەھىپىلەرنىڭ ئېچلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ تۇراتتى .
         1937 -، 1936 - يىللىرى «ئىلى شىنجاڭ گېزىتى» يېنىدا مەكتەپ بالىلىرى ۋە ئۆسمۈرلەرگە مۆلچەرلەنگەن << بالىلار ئۈچۈن >> ناملىق ژورنال نەشىر قىلىندى . ئۇنىڭ تەشەببۇسكارى ۋە باشقۇرغۇچىسى ئەنۋەر ناسىرى بولغان . ئۇ ژورنالىستلا بولۇپ قالماي ، تونۇلغان شائىر ئىدى . ئۇ ئاز يازسىمۇ ، ساز يازدى . ئەنۋەر ناسىرى مەرىپەت ساھەسىدىمۇ ئۆز ئەمگىكى بىلەن تونۇلدى . 1937 - يىلى ، 1938 - يىللىرى غۇلجا شەھرىدىكى «ياردەم»مەكتەپتە سىياسەتتىن دەرس بەردى . ئايالى ناسىرە( تاتار ) خانىممۇ شۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدى .
         ئەنۋەر ناسىرى يېڭى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا 30 - يىللادا كىرىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ نۇرغۇن يېڭى ئەسەرلىرى«دەپتەر شېئىرلىرى» نامى بىلەن قول يازما بويىچە سەبداشلىرىنىڭ ، دوستلىرىنىڭ قولىدا قالدى . «كۈن چىقىش شامىلى»، « قىشقا بېغىشلاپ»،  « ئۆلۈم ئالدىدا » ، «خەت » ، «بارچە»، « ئۈمىدكە تۇغۇلغان ئوغۇل ئىدىم، « ئاۋايلاپ باس » قا ئوخشاش شېئىرلىرى تۈرلۈك مەتبۇئات سەھنىلىرىدە ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ ، قالغان << تەقدىردىن بەزگەنلەر >> ، << ۋەتەن چىمەنزار >> ، << كۈلپەت باسقاندا >> ، «ۋەتەن ئويغىنىدۇ » ، «قىش بىلەن يازنىڭ ئېيتىشىشى» ناملىق شېئىرلىرى مەتبۇئات يۈزى كۆرەلمىدى .
         ئەنۋەر ناسىرى 1938-يىلى سىل كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ ھەركەتتىن توختاپ قالمىدى. 194-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ ساقچى ئىدارىسىدە كاتىپ بولۇپ ئىشلىدى. ئەممە ناچار تۇرمۇش شارائىتى پەيدا قىلغان كېسەل ئۇنى قايتا يىقىتىدۇ. 1946 - يىلى 11-ئايدا  ئەمدىلا 32 باھارنى كۆرگەن شائىرنىڭ ھاياتى ئاخىرلاشتى. كېيىن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 1947 - يىلى غۇلجىدا نەشىر قىلىنغان «مەجمۇئە»دە ،1955 - يىلى ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنغان «كۈرەش ناخشىلىرى»توپلىمىدا ، 1958 - يىلى«تارىم» ژورنىلىنىڭ بىرىنچى سانىدا ، 1982 - يىلى ئۈرۈمچىدە بېسىلغان « گۈدۈك » توپلامىدا ، 1988 - ۋە 1995 - يىلىللىرى ئۈرۈمچىدە نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى»دېگەن ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن دەرىسلىك كىتاپلاردا ئۆمۈر ھاياتى ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئېلان قىلىندى .
           «مېنىڭ قەلىمىم كۈلپەت ، ئاھۇ - زار ، چۈشكۈنلۈك بىلەن ئەمەس ، قەھرى غەزەپ ، غورۇرنى كۈيلەش بىلەن ئۆتكۈرلىشىدۇ » دېگەن شائىر خەلق تەقدىرىدىن ئايرىلغان ماۋزۇلارغا مۇراجىئەت قىلمىدى .  شائىر ئىجادى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن 1938-يىلى يېزىلغان، ھازىر ئاللىبۇرۇن خەلق ماقال تەمسىلىگە ئايلىنىپ  بىر شېئىرىدا
    كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ ،
    كۆرمىگەننى كۆرەرسەن ئۆلمىگىنىڭ .  دەپ جەڭىۋار روھى بىلەن كۈلپەتلەرنى كۈتىۋېلىشقا تەييار تۇرغانلىق ھالىتىنى ئىپادىلىگەن ، شائىرنىڭ ھاياتى ۋە شېئىرىيىتىدە جاپاكەش ئەمما ئۈمىدۋار خەلقىمىز ۋە مۇرەككەپ دەۋرنىڭ ئاۋازى جاراڭلاپ تۇرىدۇ.


    收藏到:Del.icio.us