ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    ئەھمەد زىيائى - [سەرخىللار ئارخىپى]

     ئەھمەد زىيائى- ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكى تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان ئەدىبلەرنىڭ بىرى،  گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى رايۇنلار ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى، داڭلىق شائىر،  دارماتورگ، ئەدەبىياتشۇناس. ئۇ ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان باسقۇچىدىكى ئەدەبىي ھايا- تىدا جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى پاش ۋە تەنقىد قىلىنغان، زۇلۇم، نادانلىققا قارشى تۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان، ۋەتەن، خەلق ئۇلۇقلانغان، ھەمدە ئىتتىپاقلىق-دوستلۇق مەدىھلەنگەن، ئادەمىيلىك پەزىلەتكە دەۋەت قىلىنغان لېرىك شېئىرلىرى،  ئەدەبىي قىممىتى ناھايىتى يۇقۇرى بولغان«رابىيە-سەئدىن» درامىسى، «لاداخ يولىدا كارۋان» ناملىق ساياھەت خاتىرىسى، شۇنداقلا ئەدەبىياتشۇناسلىققا دائىر كۆپلىگەن ئىلمىي ئەدەبىي ماقالىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان.
         ئەھمەد زىيائى 1913-يىلى 4-ئايدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيىسىنىڭ خانئېرىق يېزىسدا موللاخۇن ھاجىم ئىسىملىك مەرىپەتپەرۋەر دىنىي زات ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
          ئەھمەد زىيائى ناھايىتى كىچىك تۇرۇپلا شېئىر ئىجادىيتىگە كىرىشكەن.  ئۇ شائىر دادىسىدىن شېئىرىيەتنىڭ نەزەرىيىۋى، ئەمەلىي مەسىلىلىرى بويىچە نۇرغۇن بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى ئۆگەنگەن، دادىسىمۇ ئوغلىنى قاتتىق تەلەپ بىلەن ئەتراپلىق تەربىيلىگەن.  ئۇ 10 ياشلارغا كىرگەندە شېئىر يېزىشقا باشلىغان، 1928-يىلى «زىيائى» تەخەللۇسىنى قوللىنىپ، كىلاسسىك ئەدەبىيات ئىزىدىن مېڭىپ،  «گۈل ۋە بۇلبۇل» ناملىق داستانىنى يازغان.
         ئەھمەد زىيائىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەدەبىي ھاياتىدا 1935-يىلى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. ئۇ شۇ يىلى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، داڭلىق شائىر، ئۇيغۇر مەتبۇئاتچىلىقىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى قۇتلۇق ھاجى شەۋقى باش مۇھەررىرلىكىدە چىقىۋاتقان «يېڭى ھايات گېزىتى» نىڭ مۇھەررىرلىكىگە ئورۇنلاشقان.  1937 – يىلى ئاپرېلدا قەشقەردە شېڭ شىسەي چوڭ تۇتقۇن ئېلىپ بارغاندا قۇتلۇق ھاجى شۇ دەۋرنىڭ نۇرغۇن زىيالىلىرى، بايلىرى،  يۇرت چوڭلىرى قاتارىدا قولغا ئېلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي شېڭ شىسەي تەرىپىدىن رەھىمسىزلەرچە قۇربان قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن گېزىتنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئەھمەد زىيائىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن.
         كېيىنچە گېزىتنىڭ نامى «قەشقەر -شىنجاڭ گېزىتى» گە ئۆزگەرتىلگەن،  گېزىت ئۈستىدىكى تەقىپ بارغانسېرى كۈچەيگەن، زىيانكەشلىكلەر ئاپ-ئاشكارە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ گېزىتچىلىكنى ھەرگىز توختىتىپ قويمىغان.  ئەھمەد زىيائى 1943 – يىلىغىچە مەزكۇر گېزىتنىڭ مۇھەررىر ھەم باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ مۇشۇ مەزگىللەردە ئۆزى يازغان ياكى تەرجىمە قىلغان جەڭگىۋار ماقالىلەر ۋە گېزىتنىڭ جانلىق سەھىپىلىرى ئارقىلىق خەلقنى نادانلىقتىن ئويغىنىشقا دەۋەت قىلغان.
         ئەھمەد زىيائىنىڭ گېزىتچىلىك ساھەسىدىكى نەتىجىلىرى،  خەلق قەلبىدىكى ھۆرمىتى ھۆكۈمران دائىرىلەرنى ساراسىمگە سېلىپ قويغان.  1943 – يىلى شېڭ شىسەي ئۆز قولى بىلەن خەت يېزىپ،  ئەھمەد زىيائىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇق قىلغان.  بۇيرۇق بويىچە ئەھمەد زىيائى شۇ يىلى 4 – ئايدا ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كېلىنگەن ھەمدە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە تەقسىم قىلىنىپ،  مۇھەررىرلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما، ئۇ گېزىتخانىدا ئۇزۇن ئىشلىيەلمىگەن. 1944 – يىلى 4 – ئايدىكى چوڭ تۇتقۇندا ئەھمەد زىيائىمۇ نەچچە مىڭلىغان ھەر مىللەت زىيالىيلىرى قاتارىدا تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە قامالغانچە،  1946 – يىلى 5 – ئايدا سىياسىي مەھبۇسلار ئوموميۈزلۈك قويۇپ بېرىلگەنگە قەدەر ئىككى يىلدىن كۆپرەك تۈرمىدە ياتقان. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدىكى ياخشى خىزمەت ئورۇنلىرىغا قىزىقماي،  قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن.
         ئەخمەت زىيائى قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن مەزگىل ئۈچ ۋىلايەتتىن باشقا رايۇنلارنى، جۈملىدىن قەشقەرنى گومىنداڭ ئىدارە قىلىۋاتقان، گومىنداڭنىڭ خەلق ئۈستىدىكى زۇلىمى كۈچەيگەن، شۇنداقلا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى قەشقەر تەرەپلەرگىمۇ كېڭەيگەن،  تاشقورغان،  بۇلۇڭكۆللەرنى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى ئۆز قولىغا ئالغان مەزگىللەر ئىدى.  شۇڭا،  گومىنداڭ دائىرلىرى ئىلغار،  تەرەققىيپەرۋەر كىشىلەرگە،  نوپوزلۇق ئادەملەرگە بولغان تەقىپنى تېخىمۇ كۈچەتكەنىدى. مۇنداق بۇرۇقتۇملۇق مۇھىتتا ياشاشقا چىدىيالمىغان ئەھمەد زىيائى ئۆزىنى بىر مەزگىل چەتكە ئېلىش ئۈچۈن سودا كارۋانلىرىنى تەشكىللەپ،  لاداخقا كىگىز ۋە باشقا تۇرمۇش بويۇملىرى ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن ئالدىنقى سەپكە يەتكۈزىلىدىغان ئاپتوموبىل بالۇنلىرىنى قەشقەرگە توشۇپ كېلىش مەزمۇنىدىكى سەپەرگە ئاتلانغان. ئۇ لاداخ سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەنى 1947 – يىلىنىڭ بېشىدا قەشقەر ۋالىيسى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ تەشەببۇسى بىلەن «قەشقەر شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئەمما،  بۇ گېزىت ئىنقىلابىي ئاڭ ۋە نەزەرىيىلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلغانلىقى ئۈچۈن،  ئۇزاققا بارماي گومىنداڭ تەرەپ بۇ گېزىتنى نەشىر قىلىشنى توختىتىۋەتكەن.  شۇنىڭ بىلەن ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا ئەھمەد زىيائىنىڭ يېتەكچىلىكىدە «يېڭى ھايات گېزىتى» نەشىر قىلىنغان،  بۇ گېزىت ئەھمەد زىيائىنىڭ مەسئۇللۇقىدا ئىنقىلابىي ئاڭ،  نەزەرىيىلەرنى تەشۋىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.  شۇ يىللاردا ئەھمەد زىيائىنىڭ «توزىماس چېچەكلەر» ناملىق ئەدەبىي ئەسەرلەر توپلىمى،  «لاداخ يولىدا كارۋان» ناملىق ساياھەت خاتىرىسى ۋە «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» ناملىق پوبلىستىك ئەسىرى بىرلا ۋاقىتتا نەشىر قىلىنىپ، ئەدەبىيات ساھەسىدە ناھايىتى كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بولسا، گېزىتچىلىك ساھەسىدىكى تۆھپىسى، ئىلغار، ئىنقىلابى ئىدىيسى ئاۋامنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشكەن ئىدى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش جەھەتتىكى ئىدىيە ۋە ھەرىكەتلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ھۆكۈمران دائىرىلەرنى خاتىرىجەم قىلغان ئىدى. شۇ سەۋەپتىن قەشقەردە تەسىرى چوڭ بۇ ئەدىب 1948-يىلى گومىنداڭ قانۇن تۈزەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە نەنجىڭگە بېرىپ،  شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغان.  قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىزچىل تۈردە گېزىتچىلىك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. شىنجاڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولۇش ھارپىسىدا،  ئەھمەد زىيائى ھەقىقەتنى ياقلاپ،  تىنچلىق بىلەن ئازاد بولۇش ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسەتتى.

     ئەھمەد زىيائى 1957 – يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ،  ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە تەتقىقات ۋە ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ،  كلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشىرگە تەييارلاش ئىشى ۋە بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللانغان. 1980 – يىلى شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىنىستىتوتىدا ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىشقا تەكلىپ قىلىنىپ،  بۇ يەردە «قۇتادغۇ بىلىك» نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەشكە قاتناشقان،  «قۇتادغۇ بىلىك» ھەققىدىكى تەتقىقارلار بىلەن شۇغۇللانغان ھەمدە مۇشۇ يىللاردا «رابىيە – سەئدىن» ،  «ئىلمىي ئابىدىلىرىمىزنىڭ قۇرغۇچىلىرى يۈسۈپ ۋە مەھمۇد» قاتارلىق نادىر داستانلارنى ئىجاد قىلغان.

    بارلىقىنى ئىلىمگە ۋە ئىجادىيەتكە بېغىشلىغان بۇ مەشھۇر ئالىم جەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك ئىلمىي،  ئەدەبىي ئەسەرلەرنى مىراس قالدۇرۇپ،  1989 – يىلى 10 – ئاينىڭ 27 – كۈنى ئۈرۈمچىدە كېسەل سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

    ئەھمەد زىيائى ئەدەبىي ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ئىككى ئالتۇن دەۋرى بولغان. بۇنىڭ بىرى 20-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرى، يەنە بىرى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى. كېيىنكى گۈللىنىش مەزگىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بۈگۈنكى زامان دەۋرىگە مەنسۇپ بولغاچقا، بىز بۇ يەردە نۇقتىلىق قىلىپ، ئۇنىڭ 40-يىللاردىكى ئەدەبىي ئىجادىيتى ھەققىدە توختىلىمىز. 

    ئەھمەد زىيائىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيتى گەرچە 20-ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا باشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئالدىنقى 20 يىلدا ئانچە چوڭ نەتىجە-مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشەلمەي، پەقەت 40-يىللارغا كەلگەندىلا ئاندىن ھەقىقىي گۈللىنىش ۋە پىشىپ يېتىلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. 40-يىللار ئەھمەد زىيائىي ھاياتىنىڭ قىسمەت – سەرگۈزەشتلەرگە باي دەۋرى بولغان بولسىمۇ،  لېكىن ئەھمەد زىيائى بۇ مەزگىللەردە ئىجادىيىتىنى توختىتىپ قويمىدى.  ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ،  ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، ئۆز ئىجادىيىتىدىلا ئەمەس،  بەلكى ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدىمۇ موھىم ئورۇن تۇتىدىغان بىر مۇنچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلغان.  ئەھمەد زىيائىنىڭ بۇ مەزگىللەردىكى ئىجادىيىتىنىڭ دىققەتكە سازاۋەر بىر تەرىپى شۇكى،  ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ژانىر شەكلىدە دېگۈدەك ئەسەر يېزىپ،  ئۆزىنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ئىقتىدارىنى نامايان قىلغان.  شۇنداقلا،  ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىمىزنى ژانىر-شەكىل جەھەتتىن بېيىتىشقىمۇ كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشتى.  40-يىللاردا ئەھمەد زىيائى شېئىرىيەت ئىجادىيىتىنى ئاساس قىلىپ: «يۇرت،  ئەل ئۈچۈن» ،  «ئاختۇرۇپ يۈردۈم مەھبۇبنى» ،  «ھەيرەت ئىچىدە» ،  «قېنى تاڭنىڭ نەسىمى» ،  «جاھان لەنگەر» ،  «گۈل تولا گۈللۈكتە،  ئەمما» ،  «ياز كېلۇر» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئېسىل لىرىكىلارنى يازغان. ئەھمەد زىيائى يازغان بۇ شېئىرلار ئۆزىنىڭ ئىدىيۋى مەزمۇن جەھەتتىكى چوڭقۇرلۇقى، تېما جەھەتتىكى كەڭلىكى، بەدەئىيلىك جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكى، جۈملىدىن ئۇسلۇب جەھەتتىكى نەپسلىكى بىلەن شۇ دەۋرلەردىكى لىرىك شېئىرىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان.

    ئەھمەد زىيائى بۇ يىللاردا يەنە دىراما ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ،  «قاراڭغۇ كۈنلەر،  نۇرلۇق ھايات» ،  «ۋاڭ جىڭۋىي» ،  «رابىيە – سەئدىن» قاتارلىق دراما،  ئوپېرالارنى يازغان.  بولۇپمۇ،  ئۇنىڭ شۇ يىللاردا يازغان«رابىيە – سەئدىن» ئوپېراسى ئۆزىنىڭ ناھايىتى يۇقۇرى ئەدەبىي تارىخى قىممىتىدىن باشقا يەنە شۇ يىللاردا سەھنىلەردە كۆپ ئوينىلىپ،  ئەينى يىللاردىكى مەدەنىي ھاياتنى بېيىتىشتا ناھايىتى مۇھىم روللارنى ئوينىغان. يازغۇچى رابىيە بىلەن سەئدىن ۋەقەلىكى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن زۇلۇمغا باش ئەگمەسلىك، ئەركىنلىككە تەلپۈنۈش، ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىش ئىدىيسى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ زۇلۇمغا،  زالىملارغا قارشى كۆرەش قىلىش ئىرادىسىگە ئىلھام بەرگەن.  ئۇ 1943 – يىلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئىشلىگەن مەزگىللەردە «پىداكارلىق مىدالى» ،  «تۇرمۇش سازىنىڭ بۇزۇق پەردىسى» ناملىق داستانلارنى يېزىپ ئېلان قىلغان.  ئەھمەد زىيائى مۇشۇ يىللاردا «ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ خىسلەت ۋە سەنئەت ئۈنچىلىرى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلىرىنى، «ياش غۇنچىلارغا ياردەم» دېگەن ئومومىي ماۋزۇ ئاستىدا بىر قىسىم مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى ۋە ئەدەبىي ئوبزورلارنى يازغان.  «تاڭ (قەنت) پاجىئەسى» ناملىق ھېكايىنى ئېلان قىلدۇرغان.  1947 – يىلى قەشقەردە ئەھمەد زىيائىنىڭ «توزىماس چېچەكلەر» ناملىق شېئىرلار ۋە دراما توپلىمى،  «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە» ناملىق بوبلىستىك ئەسىرى،  «لاداخ يولىدا كارۋان» ناملىق ساياھەت خاتىرىسى نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلغان.  بۇ ئۈچ پارچە ئەسەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن نەشىر قىلىنىشى شۇ يىللاردا ئەدەبىيات مۇنبىرىنى زىلزىلگە كەلتۈرگەن چوڭ ۋەقە بولغان ئىدى.
         «لاداخ يولىدا كارۋان» ناملىق ئەسەر بىر پارچە ساياھەت خاتىرىسى بولۇپ،  ئۇنىڭدا يازغۇچىنىڭ لاداخ سەپىرىدە بېشىدىن كەچۈرگەن ئاجايىپ كەچۈرمىشلىرى،  سەپەر جەريانىدا كۆرگەن – ئاڭلىغانلىرى، شۇنداق سەپەر جەريانىدا بېسىپ ئۆتكەن جايلارنىڭ جۇغراپىيىلىك ئەھۋالى ۋە باشقا مۇناسىبەتلىك مەلۇماتلار يېزىلغان.  ئوبرازلىق تىل بىلەن چوڭقۇر لىرىك ھېسسىيات خۇددى نار تۆگىنىڭ بوينىغا ئېسىلغان كولدۇرمىنىڭ يىراقتىن ئاڭلانغان يېقىملىق ئاۋازىدەك ئەسەرگە مۇڭلۇق تۈس بېرىپ،  ئەسەرنىڭ ئەدەبىي كۈچىنى ئاشۇرغان.  شۇڭا،  بۇ ئەسەر 40 – يىللاردىكى ئۇيغۇر نەسىرىي ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
         «ۋىجدان ۋە مۇھاكىمە»-سىياسىي پوبلىستىك خاراكتېردىكى ئەسەر بولۇپ،  ئۇنىڭدا ئاپتورنىڭ ۋەتەننىڭ ئازادلىقى،  مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەقىقىي دېمۇكراتىيە، ئەركىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدىكى پىكىر ۋە مۇھاكىمىلىرى ،  شۇنداقلا باشقا ھەر خىل ئىجتىمائىي مەسىللەر، ئادەمىيلىك ئەخلاقى پەزىلەت مەسىللىرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.
         «توزىماس چېچەكلەر»-شائىرنىڭ لىرىك شېئىرلىرىدىن تۈزۈلگەن توپلام بولۇپ،  ئاخىرىغا «رابىيە – سەئدىن» ناملىق ئوپېراسى كىرگۈزۈلگەن.  ئەھمەد زىيائى «توزىماس چېچەكلەر» دىكى لىرىكىلىرى بىلەن 40 – يىللاردىلا ئەدەبىيات ساھەسىدە داڭ چىقارغان ۋە يۇقىرى ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان. دېمىسىمۇ ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى ۋە مۇۋەپپەقىيىتىنى ئاساسەن قىسقا شېئىرلار-ئۇنىڭ لىرىكىلىرى تەشكىل قىلىدۇ.  ئۇنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدىكى دەسلەپكى ئورنىنى ئۇنىڭ بەدەئىيلىك جەھەتتە كىلاسسىك شېئىرلار سەۋىيسىگە يەتكەن، پىكىر-ئىدىيە جەھەتتە پەلسەپىۋى-ئەخلاقىي تۈس ئالغان، ئىجادىيەت ئۇسۇلى جەھەتتە رېئالىزىم قوللىنىلغان، شۇنداقلا خەلق كۆڭلىگە ياققان لىرىكىلىرى بەلگىلىگەن.  ئەھمەد زىيائىنىڭ پۈتۈن لىرىكا ئىجادىيىتى ئىدىيىۋىلىك جەھەتتە بولسۇن ياكى بەدىئىيلىك جەھەتتە بولسۇن،  بىر خىل ئىزچىللىق شەكىللەندۈرگەن،  بۇنداق ئىزچىللىق ئۇنىڭ لىرىكىلىرىنى روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبقا ئىگە قىلغان.  ئەلۋەتتە،  شائىرنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرى روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.  بۇنداق شېئىرلاردا ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەردىكى ئىجتىمائىي ھايات،  مەنىۋى كەيپىيات،  دەۋر ئاتا قىلغان ھېس – تۇيغۇلارئوخشىمىغان مەزمۇنلاردا ئىپادىلەنگەن. شائىرنىڭ خېلى كۆپ شېئىرلىرىدا شائىرنىڭ تۇرمۇش رېئاللىقىدىن ئالغان ئىدىيۋى ھېسسىياتى، دەۋر مەسىللىرى پەيدا قىلغان ھېس-تۇيغۇلىرى، شۇنداقلا ئاكتىپ مەنىلىك دىداكتىك تەشەببۇسلىرى،  ئەخلاقىي قاراشلىرى،  پەلسەپىۋى مۇلاھىزىلىرى خېلى يۇقىرى شېئىرىي ماھارەت بىلەن ئىپادىلەنگەن.  شېئىرلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر – ئىدىيىلەر،  ئىلگىرى سۈرۈلگەن خاھىش تەشەببۇسلار بىۋاستە ئەمەس،  بەلكى ھەر خىل ئەدەبىي ۋاستىلەر،  جانلىق ھېسىىي ئوبرازلار ئارقىلىق شۇنداق پاساھەتلىك ئوتتۇرىغا قويۇلغان.  ھەر بىر پارچە لىرىكا شائىرنىڭ كامالەتكە يەتكەن،  كلاسسىك شېئىرىيەت ئالاھىدىلىكىگە باي بولغان ماھارىتىنى نامايان قىلغان.
         «توزىماس چېچەكلەر» توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن شېئىرلارنىڭ تېما دائىرىسى كەڭ،  مەزمۇنى چوڭقۇر،  شەكلى ھەر خىل،  تىلى رەڭدار ۋە ئويناق،  توپلامدىكى بىر قىسىم شېئىرلاردا شائىرنىڭ مەرىپەتپەرۋەرلىك ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن. بەزى شېئىرلىرىدا شائىرنىڭ زوراۋانلىق ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان،  ھەق – ئادالەتنى ئۇلۇغلايدىغان،  خەلق ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىن ئايانمايدىغان جەڭگىۋار ئىرادىسى بىلەن جۇشقۇن يۈرەك ساداسى جاراڭلىسا،  بەزىلىرىدە شائىرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك،  خەلقپەرۋەرلىك ئىدىيىسى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.
         توپلامدىكى بەزى شېئىرلار مۇھەببەت لىرىكىلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ،  ئۇلاردا شائىر پاك مۇھەببەت، سەمىمىيلىك، ساداقەت، ۋاپا ھەم دىيانەتنى ئۇلۇقلىغان.  يۈرەك ھېسسىياتىنى ئوبرازلىق ھەم گۈزەل ئوخشىتىش ۋە سۈپەتلەش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ،  رەڭدار ۋە ھېسسىياتلىق تىل بىلەن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ جانلاندۇرۇپ ئوتتۇرىغا قويغان. شائىرنىڭ مۇھەببەت لېرىكىلىرىدا ئۇنىڭ بەدەئىي ئىپادىلەش جەھەتتىكى يۈكسەك ماھارەتلىرى ناھايىتى جانلىق ھەم ئوبرازلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
         ئەھمەد زىيائى 40 – يىللاردا يازغان شېئىرلىرىدا،  بىر خەلقپەرۋەر شائىر سۈپىتىدە خەلقنىڭ ئېچىنىشلىق سەرگۈزەشىت – تەقدىرىگە،  خانىۋەيران تۇرمۇشىغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلدى.  خەلقنىڭ يىلىكىنى شوراپ،  قېنىنى ئىچكەن زالىم ھۆكۈمرانلارغا بولغان چەكسىز غەزەپ – نەپرىتىنى ئىپادىلىدى.  ئەمما،  شائىر بۇنداق پىكىر مەزمۇنلىرىنى بىۋاستە ئەمەس،  بەلكى «يار ۋەسلى» ،  «تاڭ شامىلى» دېگەندەك كلاسسىك شەكىلدىكى بەدىئىي ئوبرازلار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويدى.  پىكىر مەزمۇنىنى بۇنداق بەدىئىي ۋاستىلەر ئارقىلىق ئوبرازلاشتۇرۇپ،  شېئىرىيتىمىزنىڭ خېلى يۇقىرى سەۋىيىسىنى ياراتتى.  شائىر ئۆز لىرىكىلىرىدا مۇنداق مىسرالارنى يازغان.
         ئەھمەد زىيائى ئەدەبىي ئىجادىيتىنىڭ ئومومىي خاھىشىدىن قارىغاندا،  ئۇ بىر دىداكتىك شائىر،  ئەسەرلىرى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئادىمىيلىك تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق مۇددىئالىرىدىن بىرى قىلغان شائىر.  بۇنداق ئالاھىدىلىك ئۇنىڭ لىرىك شېئىرلىرىدىمۇ،  يىرىك داستانلىرىدىمۇ ناھايىتى گەۋدىلىك ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.  ئەھمەد زىيائى ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ خەلقنى تەربىيىلەش رولىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىلەن قارىغان.  شۇنداق بولغاچقا،  ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ چاقىرىق – دىداكتىك خاراكتېرى خېلىلا كۈچلۈك.  ئۇ دىداكتىك شېئىرلىرىدا ئادەملەرنىڭ مۇكەممەللىكىنى بىلىم،  ئەقىل،  ياخشىلىق،  ئېسىل پەزىلەت ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ،  ئادەم جاپالىق كۈرەش ئارقىلىقلا ئادەمىلىك قىممىتىنى،  رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ،  دەپ قارىغان.
          ئەھمەد زىيائى شېئىرلىرىنىڭ تېما دائىرىسى نىسبەتەن كەڭ بولسىمۇ،  ئاساسلىقى ئىلىم – مەرىپەت،  ۋەتەن،  خەلق ئەدەب – ئەخلاق،  ئىشىق مۇھەببەت قاتارلىق بىر قانچە مەڭگۈلۈك تېمىلارغا مەركەزلەشكەن.  ئۇنىڭ شېئىرلىرى مەلۇم دەرىجىدە دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان.  شائىر قانداق پىكىر ئىدىيىسىنى ئىپادىلىسۇن،  ئۇنى يالىڭاچ،  بىۋاستە ئەمەس،  بەلكى شېئىرىيەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىچە پىكىرىنى شېئىرىي پىكىرگە ئايلاندۇرۇپ،  شېئىرىي پىكىرنى شېئىرىي ئوبراز ۋە باشقا ھەر خىل بەدىئىي ئۇسۇل،  ۋاستىلەر ئارقىلىق جانلىق،  تەسىرلىك ئىپادىلىگەن.  ئەھمەد زىيائىنىڭ قىسقا شېئىرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك لىرىك شېئىرلاردىن ئىبارەت.  بۇ لىرىكىرلاردا شائىرنىڭ ھايات ھەققىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرى،  دىداكتىك ئىدىيە تەشەببۇسلىرى،  ھەر خىل ئىدىيىۋى ھېسسىياتى ئىپادىلەنگەن.  لىرىكىلارنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر،  بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولۇپ،  كىشىگە ئۆزگىچە شېئىرىي زوق بېغىشلايدۇ.  بۇ لىرىكىلاردىن شائىرنىڭ شېئىرىيەت جەھەتتىكى يۈكسەك تالانتى،  بەدىئىي ماھارىتىنى،  چەت ئەل تىللىرىنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.  ئەھمەد زىيائى گەرچە ھازىرقى زامان شائىرى بولسىمۇ،  ئۇنىڭ شېئىرلىرى كلاسىسىك شېئىرىيەت ئەنئەنىسى بىلەن زىچ باغلىنىشقا ئىگە.  ئۇ كلاسسىك شېئىرىيەتنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچىرىغان،  شۇڭا،  ئۇنىڭ شېئىرلىرى كىشىگە كلاسسىك شېئىرلارنى ئوقۇۋاتقاندەك تەسىر بېرىدۇ.  ئۇ شېئىرلىرىنى ئاساسەن كلاسسىك شېئىر شەكىللىرىدە،  ئارۇز ۋەزىندە يازغان.  ئۇ شېئىرلىرىدا ياراتقان ئوبرازلارمۇ ئاساسەن «يار» ،  «گۈل» دېگەندەك ئەنئەنىۋىي ھېسسىي ئوبرازلاردىن ئىبارەت.  بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا،  ئەھمەد زىيائى شېئىرلىرى ئەنئەنە ئىزچىللىقىنى،  ئەدەبىياتتىكى ۋارىسچانلىقنى ئۆگىنىش،  تەتقىق قىلىشتىمۇ موھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
         ئەھمەد زىيائىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى ئەدەبىي ئىجادىيتىدە «رابىيە-سەئدىن» ئوپېراسى ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.  ئەھمەد زىيائى بۇ ئوپېرانى 1943-يىلى ئۈرۈمچىدە يازغان. ئوپرا يېزىلىپ بولغاندىن كېيىن،  ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان ھەم ئۈرۈمچى ، قەشقەر سەھنىلىرىدە ئوينالغان.
         بۇ ئوپېرا 5 كۆرۈنۈشتىن تەشكىل تاپقان بولۇپ،  ئۇنىڭدا ئەھمەد زىيائى ئابدۇرېھىم نىزارى يازغان «رابىيە-سەئدىن» داستانىنىڭ ۋەقەلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ،  داستاندىكى ئاساسىي ۋەقەلىكنى ساقلاپ قالغان،  شۇنداقلا يەنە ئوپېرانىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى بويىچە داستاندىكى ۋەقەلىكنى بىرقانچە مەيدانغا مەركەزلەشتۈرۈپ تەسۋىرلەپ،  ئەسەرنىڭ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش،  فېئوداللىق ھۆكۈمرانلىققا باش ئەگمەسلىك،  ئۆز بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك ئىدىيسىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن، جۈملىدىن رابىيەنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ،  ئۇنىڭ زورلۇققا باش ئەگمەيدىغان،  ئۆز بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان،  ۋاپا، ساداقەت ئۈچۈن جان پىدا قىلىدىغان خاراكتېرىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن .
         ئەھمەد زىيائى يازغان «رابىيە-سەئدىن» ئوپراسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مەيدانغا كەلگەن ئەڭ دەسلەپكى ئوپېرالارنىڭ بىرى بولۇپ،  ئەدەبىيات تارىخىمىزدا مانا مۇشۇ تۇنجىلىقى بىلەنمۇ ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.  ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدا درامىچىلىق ئىنتايىن گۈللەنگەن بولۇپ،  بىر خىل ئەدەبىيات ھادىسسى ھېساپلىنىدىغان «درامىچىلىق ھەىكىتى» شەكىللەندۈرگەن.  بۇ يىللاردا درامىنىڭ كومېدىيە،  تراگىدىيە،  ئوپېرا قاتارلىق ھەر خىل تۈرلىرىدە ئەسەرلەر يېزىلغان.  پەقەت ئوپېرالارنىلا تىلغا ئالىدىغان بولساق،  لۇتپۇللا مۇتەللىپ «تاھىر-زۆھرە» ئوپېراسىنى،  نىمشېھىت «لەيلى- مەجنۇن» ئوپېراسىنى،  ئەھمەد زىيائى بولسا «رابىيە-سەئدىن» ئوپېراسىنى يازغان.  ئەھمەد زىيائى ئوپراسىنىڭ قىممەتلىك يېرى شۇكى،  ئۇ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن تېمىدا ئوپېرا يازغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يازغان «رابىيە-سەئدىن» ئوپېراسىنىڭ مەيلى مەزمۇن جەھەتتە بولسۇن،  مەيلى بەدەئىيلىك جەھەتتە بولسۇن سەۋىيسى ئالاھىدە ئۈستۈن بولۇپ،  شۇ يىللاردىكى ئوپېرا ئىجادىيتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. 
         ئەھمەد زىيائى يازغان «رابىيە-سەئدىن» ئوپېراسىنىڭ ئوپېرالىق ئالاھىدىلىكى ئالاھىدە گەۋدىلىك.  «رابىيە-سەئدىن»نىڭ ئوپېرالىق ئالاھىدىلىكى شۇ يەردىكى،  ئەھمەد زىيائى مەزكۇر ئەسەرنىڭ سىيۇژېتىنى پۈتۈنلەي ئەسەر باش قەھرىمانلىرىدىن بولغان رابىيە، سەئدىن،  جابىر، ھەسەن قاتارلىقلارنىڭ لېرىك بايانلىرى (شېئىرىي دېئالوگلىرى،  ناخشىلىرى) ئارقىلىق قانات يايدۇرغان.  بۇ ئوپېرادا شۇنىڭ ئۈچۈن ئەھمەد زىيائىنىڭ شائىرلىق تالانتى تېخىمۇ نامايەن بولغان، ئەخمەد زىيائى تالانتلىق شائىر بولغاچقا،  بۇ ئوپېرا تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان. 
         ئەھمەد زىيائى «رابىيە-سەئدىن تېمىسى» بىلەن ناھايىتى زور باغلىنىشقا ئىگە ئەدىب.  ئۇ رابىيە-سەئدىن تېمىسىدا ئىلگىرى كېيىن بولۇپ،  ئوپېرا يازغان،  رومان يازغان ، شۇنداقلا داستان يازغان. ئەھمەد زىيائىينىڭ بۇ تېمىغا قىزىقىشى ھەرگىز تاسادىپىي ئەمەس.  شائىر بۇ ھەقتە ئۇزۇن مەزگىللىك ئۆگىنىش،  تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ،  بۇ ھەقتىكى تەسىراتلىرى،  قاراشلىرى،  ئىزدىنىشلىرى،  تولۇقلاش – يېڭىلاشلىرى ئاساسىدا بۇ تېمىغا ياندىشىپ،  40 – يىللاردا «رابىيە – سەئدىن» ئوپېراسىنى يېزىپ،  شۇ يىللاردىكى سەھنىلىرىمىزنى جانلاندۇرغان.  80 – يىللارنىڭ باشلىرىدا «رابىيە – سەئدىن» داستانىنى يېزىپ،  ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا غايەت زور تۆھپە قوشقان.  بۇ ئىككى پارچە ئەسەر ئۆزىنىڭ يۇقىرى قىممىتى بىلەن رابىيە – سەئدىن ھەققىدىكى بۇ ۋەقەلىكنى،  تېمىنى ئەدەبىياتىمىزدا تېخىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە قىلدى ھەم تېخىمۇ كەڭ ئوموملاشتۇردى.
         ئەھمەد زىياىي ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن رابىيە – سەئدىندەك بىر جۇپ ۋاپادار،  قەيسەر ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ چىققانلىقىدىن ۋە ئۇلارنىڭ تىللاردا داستان بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ھاياجانلانغان،  پەخىرلىنىش ھېس قىلغان.  ئەھمەد زىيائىي مەيلى ئوپېراسىدا بولسۇن،  مەيلى داستانىدا بولسۇن،  كۆپ قېتىم مەخسۇس سەھىپىلەرنى ئېچىپ،  پەرھاد – شېرىن،  لەيلى – مەجنۇن قاتارلىق تىپىك ئاشىق – مەشۇقلارنىڭ ئەمەلىيەتتە ھەقىقىي بولغان ئاشىق – مەشۇقلار ئەمەس،  بەلكى خىيالىي پىرسۇناژلار ئىكەنلىكىنى،  ئۇلارنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى،  ۋاپادارلىق روھىي كېيىنكى مەزگىللەردىكى شائىر – يازغۇچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى توقۇلمىلىرىنىڭ،  بۇ ھەقتىكى ئىجابىي ئەمگەكلىرىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى،  رابىيە -سەئدىن بولسا رېئاللىقتا راست ياشاپ ئۆتكەن ھەقىقىي ئاشىق-مەشۇقلار ئىكەنلىكىنى،  ئۇلارنىڭ ھەقىقەتەن ئاشۇنداق سەرگۈزەشتىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېسسىياتى بىلەن يازغان. 
         ئەھمەد زىيائىنىڭ «رابىيە-سەئدىن» ئوپېراسىنىڭ يەنە بىر قىممەتلىك تەرىپى شۇكى،  شائىر بۇ ئەسىرى ئارقىلىق تۇنجى بولۇپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىكى كاتتا شائىر،  ئۇيغۇر رېئالىزىملىق داستانچىلىقىنىڭ ئاساسچىسى ئابدۇرېھىم نىزارى ۋە ئۇنىڭ «رابىيە-سەئدىن» ناملىق داستانى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىپ،  بۇ ئەدىبنى ۋە ئۇنىڭ يىگانە ئەسىرى «رابىيە-سەئدىن»نى ئىلىم دۇنياسىغا تونۇتقان.  ئەھمەد زىيائى «رابىيە-سەئدىن» ئوپېراسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە رابىيە-سەئدىن ھەققىدىكى ۋەقەلىك ۋە بۇ ۋەقەلىكنىڭ ئابدۇرېھىم نىزارى تەرىپىدىن داستان قىلىپ يېزىلىشى توغرىلىق مەلۇمات بەرگەن.  
         ئەدەبىياتشۇناسلىق نوقتىسىدىن چىقىپ قارىغاندا،  ئەھمەد زىيائىي بەرگەن بۇ مەلۇماتنىڭ تارىخي قىممىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرىلىقىدا گەپ يوق.  ئۇزۇن مەزگىل ئابدۇرېھىم نىزارى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى دىلبەر روزىيوۋا: ‹ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ ھاياتىي ۋە ئىجادىي پائالىيىتى توغرىسىدا› ناملىق ماقالىسىدە بۇ مەلۇماتنىڭ قىممىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان: «ئابدۇرېھىم نىزارى ھەققىدىكى دەسلەپكى مەلۇماتنى ئۇيغۇرشۇناس ئالىم،  شائىر ئەھمەد زىيائىي مىلادىيە 1947 – يىلى بېسىلغان ‹توزىماس چېچەكلەر،  ناملىق كىتابىدا ئېلان قىلدى.  ئاپتور بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئۆزىنىڭ ‹رابىيە – سەئدىن،  ئوپېراسىنى ئابدۇرېھىم نىزارىنىڭ شۇ ناملىق داستانى ئاساسىدا يازغانلىقىنى ئېيتقان ۋە نىزارىنىڭ نەۋائىي خەمىسەسىدەك خەمىسە ياراتقانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.  دېمەك،  ئەھمەد زىيائىي ئاشۇ دەۋر كىشىلىرنىڭ ئابدۇرېھىم نىزارى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى بىلەن تونۇشىشىدا ھەقىقەتەن موھىم رول ئوينىغان.  دېمەك،  ئەھمەد زىيائى يازغان «رابىيە-سەئدىن» ئوپېراسى ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى ئىنتايىن قىممەتلىك،  بىباھا بىر ئەسەر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. 
         ئاخىرىدا تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى،  ئەھمەد زىيائى يازغان «رابىيە-سەئدىن» داستانىنىڭ ئىدىيۋى ۋە بەدەئىي قىممىتىمۇ ناھايىتى يۇقۇرى .  ئىدىيۋى قىممەت جەھەتتىن قارىغاندا،  بۇ ئەسەردە شائىر باش ئەگمەس، ئىسيانكار،  باتۇر ئۇيغۇر قىزى رابىيە ئوبرازىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئارقىلىق ئەينى دەۋر رېئاللىقىدا تەشۋىق قىلىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم بولغان ئۆز ئەركىنلىكى، ئۆز بەختى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش،  مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىققا ،  زۇلۇم-يولسىزلىقلارغا باش ئەگمەسلىكتەك ئىلغار ئىدىينى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ھەسەن ئوبرازى ئارقىلىق ئۆزى ئىزچىل تۈردە تەشەببۇس قىلىپ ئۇلۇقلاپ كەلگەن دوستلۇق،  مېھرىبانلىق ئىدىيسىنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئەمدى ئەسەرنىڭ ئەدەبىي قىممىتىگە كەلسەك يازغۇچى ئۆز يۇرتىدا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەنى زادىلا خىيالىيلاشتۇرمىغان.  شۇڭا ئەسەرنىڭ چىنلىق تۈسىنى گەۋدىلەندۈرگەن،  پرسۇناژلارنى رۇشەن خاراكتېر-ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان،  ئەسەرنىڭ لېرىكىلىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇپ،  ئۇنىڭ ئوپېرالىق تۈسىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن. ئۇندىن باشقا شېئىرىي تىلغا ئالاھىدە ئىشلەپ،  ئۆزىنىڭ ئاجايىپ شېئىرىي تالانتىنى نامايەن قىلغان. 


    收藏到:Del.icio.us