ئەزىزتۈرك: ئەدەبىيات مەن ئۈچۈن ئاددى بىر ھەۋەس ئەمەس بەلكى شېرىن مەسئۇلىيەت.(بىلوگدىكى تېمىلار UKIJ Tuz Tom خەت نۇسخىسىدا تەييارلانغان. نورمال كۆرۈنمىسە، خەت نۇسخىسىنى بۇ يەرنى چېكىپ چۈشۈرۈپ، font ئىچىگە قاچىلاڭ!)

  • 2010-06-04

    ئابدۇللا ھاپىز - [سەرخىللار ئارخىپى]

    ئابدۇللا ھاپىز – ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدا ياشاپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان خەلق شائىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبتىكى شېئىر-قوشاقلىرى، «يۈسۈپ-زىلەيخا» داستانى ۋە بۇ ئەسەرلىرىدە ئىلگىرى سۈرگەن مەرىپەتچىلىك،  تەرەققىيات ئىدىيىلىرى ۋە ياراتقان ئۆزگىچە بەدىئىي ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ.
       ئابدۇللا ھاپىز 1875-يىلى غۇلجا ناھىيىسىنىڭ خۇدىيار يۈزى يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك مەزگىلى ئۆز يېزىسىدا دېھقانچىلىق بىلەن ئۆتكەن.ئۇ كېيىنچە غۇلجا شەھرىدىكى بەيتۇللا مەدرىسىگە ئوقۇشقا كىرىپ بۇ يەردە ئەينى ۋاقىتتىكى مەكتەبلەرنىڭ دەرسلىك مەزمۇنلىرىنى پۇختا ئۆگەنگەن، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، دېھقانچىلىق ئەمگىكىنى داۋاملاشتۇرغان. ئابدۇللا ھاپىز كىچىكىدىن باشلاپلا خەلق سەنئىتىگە ھېرىسمەن بولۇپ، خەلق ئەدەبىيات – سەنئىتىگە ئىنتايىن قىزىققان ۋە ئۇلارنى پۇختا ئۆگەنگەن.تەخمىنەن 1900- يىللاردىن تارتىپ قوشاق توقۇش، لەتىپە ئېيتىش،  جەڭنامە- ھېكايىلەرنى سۆزلەش ۋە شېئىر يېزىشتىن ئىبارەت ئەدەبىي ھاياتىنى باشلىغان.ئۇنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىسىدىن قارىغاندا، ئۇ كۆپ ۋاقتىنى سەھرامۇ-سەھرا ساياھەت قىلىش، جاھان كېزىش، مەشرەپ-ئولتۇرۇشلارنى قىزىتىش، خەلق بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇش، خەلققە ئىلىم-مەرىپەت تارقىتىش بىلەن ئۆتكۈزگەن.ئىلى دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان بىپايان ئىلى يېزىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئارىلاپ چىققان، بۇ جەرياندا جەمئىيەت تۈزۈمى،  خەلق تۇرمۇشى، خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمىنى قاتارلىقلار بىلەن ناھايىتى پىششىق تونۇشقان.ئۇ خەلق ئەدەبىيات-سەنئىتىگە ئىنتايىن پىششىق بولغانلىقى، شۇنداقلا ئۆزىمۇ ئىجاد قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر تەرىپىدىن «ھاپىز» دەپ ھۆرمەتلەنگەن، ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆز يۇرتىدا ياشاپ،  1956-يىلى 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
       ئابدۇللا ھاپىز تەخمىنەن 1900-يىللاردا خەلق قوشاقلىرى شەكلىدىكى شېئىرلىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە كىرىپ كەلگەن، ئۇ دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاساسەن قوشاق توقۇش بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، كېيىنچە ئىجادىيەتتە بارغانسېرى يۈكسىلىش ياساپ،  نىسبەتەن يۇقۇرى سەۋىيىلىك ئارۇز ۋەزىنلىك شېئىرلارنى، ھەتتا «يۈسۈپ-زىلەيخا»غا ئوخشاش داستانلارنى يازغان.ئۇنىڭ «ئاق ئۆستەڭ ھەققىدە»،  «دېھقانلار ھەققىدە»، «يېتىملار ھەققىدە»، «ئىلىم ئۆگىنىش ھەققىدە»، «تەمە ھەققىدە» ، «نادان يىگىت»، «سائادەتخاننىڭ زارى»، «شىكايەتلەر» قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى بار بولۇپ،  بۇ شېئىرلار شائىرنىڭ 1944––1948-يىللاردا تۈزۈلگەن «قەلەم ھەققىدە غەزەللەر» ناملىق قوليازما توپلىمىغا كىرگۈزۈلگەن. بۇ شېئىرلاردا شائىرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك،  خەلقچىللىق،  تەرەققىيپەرۋەرلىك ئىدىيسى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بولۇپ،  شەكىل جەھەتتە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەنئەنىسى-شەكلىگە مۇراجىئەت قىلىش ئاساسلىق ئالاھىدىلىك قىلىنغان.
    ئابدۇللا ھاپىزنىڭ لېرىك شېئىرلىرى ئۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن تۈزگەن «قەلەم ھەققىدە غەزەللەر» ناملىق توپلامغا كىرگۈزۈلگەن. «قەلەم ھەققىدە غەزەللەر» – شائىر ئابدۇللا ھاپىزنىڭ غەزەلىياتى بولۇپ،  1944––1948-يىللاردا تۈزۈلگەن،  ئۇنىڭغا شائىرنىڭ 1900-يىللاردىن 1948-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىجاد قىلغان شېئىرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ شېئىرلار ئۆزگىچە ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئاپتۇر ئىلى ۋادىلىرىدىكى رېئاللىقنىڭ كۆپ خىل، كۆپ قاتلاملىقىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ئاددىي،  ئەمما ئەھمىيەتلىك، رەڭدار تېما دائىرىسىنى ئاساس قىلغان شېئىرلىرىنى كىرگۈزگەن. توپلامدىكى شېئىرلار ئىپادىلىگەن مەزمۇنىغا قاراپ ئىككى چوڭ باب، 42 پەسىلگە ئايرىلىپ تۈزۈلگەن.توپلامنىڭ ئالدىنقى پەسىللىرىگە دېھقانلار، زىرائەتلەر،  دەل-دەرەخلەر، مېۋە-چېۋە، ئات-ئۇلاغ، غىزا-تاماقلار ھەققىدە يېزىلغان شېئىرلار ۋە ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ تۇرمۇش مەنزىرىسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرلار كىرگۈزۈلگەن.بۇ شېئىرلاردا شائىرنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيسى، ئۆز يۇرتىدىن سۆيۈنۈش ھېسىياتى ئىپادىلەنگەن. توپلامنىڭ ئوتتۇرىدىكى پەسىللىرىگە ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش تەشەببۇس قىلىنغان شېئىرلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ شېئىرلاردا ئىلىم-پەننىڭ خاسىيىتى،  ئۇنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئىلىم ئىگىلەش پەزىلەتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. توپلامنىڭ ئاخىرقى پەسىللىرىدە شائىر ھەرقايسى كەسپ-ھۈنەرلەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشى، ئوقىتى ۋە ئۇلاردىكى ھەر خىل ئىللەتلەرنى ئەكس ئەتتۈرگەن.
    ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرىنىڭ تېما دائىرىسى ناھايىتى كەڭ.ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ تېمىسى شائىرنىڭ بىۋاستە تۇرمۇش تەجرىبىسدىن كەلگەن بولغاچقا، شائىر ئالدى بىلەن دېھقانلارنى،  ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنى ئىجادىيتىنىڭ ئاساسلىق تېمىسى قىلغان.شائىر دېھقانلار ھەققىدە مەخسۇس شېئىرلارنى يېزىپ، دېھقانلارنى ئۇلۇغلىغان،  ئۇلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ ھاياتلىقنىڭ تۈپ كاپالىتى، جاھاندىكى مۆجىزىلەرنىڭ مەنبەسى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئېسل ئىنسانىي پەزىلەتلىرىنى قىزغىن مەدھىيىلىگەن.
       ئىلىم-مەرىپەت تېمىسى شائىر ئىجادىيتىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى، شۇنداقلا ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى باسقۇچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تېمىلارنىڭ بىرى.بۇ تېمىغا ئابدۇللا ھاپىز ئۆزگىچە پىكىرلىك شېئىرلىرى بىلەن يانداشقان.يەنى شائىر ئىلىم-پەن بولمىغان بىر دەۋردە ياشىغانلىقىغا بولغان چەكسىز ئېچىنىشىنى، ئىلىمگە بولغان تەشنالىقىنى، ئىلىم ئۆگىنىش يولىدىكى ھەرقانداق قىيىنچىلىقتىن ۋايسىمايدىغان روھىنى گەۋدىلىك ئىپادىلىگەن.
    ئابدۇللا ھاپىز قەلەمگە ئالغان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى ئادەمىيلىك پەزىلەتنى ئۇلۇقلاش تېمىسىدۇر.شائىر كۆپلىگەن شېئىرلىرىدا جەمئىيەتتىكى ھەر خىل ناچار ئىللەتلەرنى ۋە كىشىلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ناچار ئادەتلەرنى مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلغان، شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا ھەر خىل ياخشى ئادەت، ئېسىل ئىنسانىي پەزىلەتلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن،  شۇنداقلا ھەر خىل ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئىلىم-مەرىپەت ئىگىلەش ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. شائىرنىڭ مەسخىرە ۋە تەنقىدىنىڭ چېتىشلىق دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ، شۇنداقلا ئادەمىيلىكنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
     ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرىنىڭ تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر تەرىپى شۇكى، ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى باشقا شائىرلاردىن پەرقلىق ھالدا مۇتىئەتسىپ-خۇراپى كۈچلەرنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، ئۇلارنى قاتتىق مەسخىرە ۋە تەنقىد قىلغان، شۇنداقلا خەلقنى ئۇلارغا ئالدانماسلىققا چاقىرغان.ئەكسىيەتچى دىنىي كۈچلەرنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇمىنى، خەلقنى ئالدىغانلىقىنى، شۇنداقلا خەلقنى نادانلىقتا قالدۇرغانلىقىنى پاش ۋە تەنقىد قىلىش شۇ دەۋر ئەدەبىياتى ئۈچۈن زۆرۈر تېما ھېساپلانغاننىڭ ئۈستىگە، شائىردىن غايەت زور جۈرئەت ۋە قورقماس روھ تەلەپ قىلاتتى.
    ئابدۇللا ھاپىزنىڭ «قەلەم ھەققىدە غەزەللەر» توپلىمىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەسەرلەرنىڭ بىرى «سائادەتخاننىڭ زارى» ناملىق شېئىرىدۇر. بۇ شېئىردا شائىر نادان،  قىمارۋاز، لۈكچەككە زورلۇق بىلەن ياتلىق قىلىنىپ، قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان سائادەتخان ئىسىملىك ئايالنىڭ ئاھ-زارىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق، نادانلارنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىنى قاتتىق سۆككەن، شۇنداقلا سائادەتخانغا ئوخشاش فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ، ھايات خوشاللىقلىرىدىن،  ئادەمىيلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالمايۋاتقان مىڭلىغان قىز-ئاياللارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان.
    ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرى ناھايىتى رۇشەن ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، بۇنى تۆۋەندىكى بىرقانچە تەرەپتىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ:
    ئالدى بىلەن ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرىدا خەلق قوشاقلىرىنىڭ يەڭگىل، ئاممىباب ئۇسلۇبى ۋە قاپىيىلىرى، رېتىم، تۇراقلىرى ئېنىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ناھايىتى گەۋدىلىك ھالدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.بۇ ئالاھىدىلىكنى شائىرنىڭ ئەدەبىي تەربىيلىشى ۋە شائىرنىڭ ئەدەبىي ھاياتى بەلگىلىگەن.
      ئىككىنچىدىن، ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرىنىڭ تېما دائىرىسى ناھايىتى كەڭ. ئابدۇللا ھاپىز شېئىرلىرىدا قەلەمگە ئېلىنمىغان تېمىلار يوق دىيەرلىك بولۇپ، تارىخ ۋە رېئاللىقتىكى چوڭ ۋەقەلەردىن تارتىپ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ئىشلارغىچە ھەممىسى ئۇنىڭ ئىجادىيتىنىڭ تېمىسى قىلىنغان.
       ئۈچىنچىدىن، شائىر شېئىرلىرىنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى، بولۇپمۇ يەرلىك تۈسى ناھايىتى قويۇق.شائىرنىڭ كۆپلىگەن شېئىرلىرىدا ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا، ئىدىيۋى ھېسىياتىغا،  تۇرمۇش ئادىتىگە مۇناسىبەتلىك مەزمۇنلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.
      تۆتىنچىدىن، شائىر شېئىرلىرىدا خەلق ماقال-تەمسىللىرىدىن، خەلقنىڭ تۇراقلىق ئىبارىلىـرىـدىن ناھايىتى ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
       بەشىنچىدىن، شائىر ئۆز ئىجادىيتىدە لېرىكا بىلەن ئىپىكىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولۇپ، ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى باسقۇچىدىن ئەمدىلا زامانىۋى ئەدەبىيات باسقۇچىغا ئۆتۈۋاتقان ئۇيغۇر شېئىرىيتىگە نىسبەتەن بۇ بىر خىل ئۆزگىچىلىك ھېساپلىناتتى.


    收藏到:Del.icio.us